
2021-يىلىدىكى چوڭ سىناقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىز ھەربىرىمىز 2022-يىلى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئۈمىد قىلدۇق. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە 2022-يىلى ئەڭ ئىستىقباللىق 10 چوڭ كەسىپنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىپ بېرەي.
بىرىنچى، كۈتۈنۈش كەسپى
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي ئۈچ قېتىم بوۋاقلار دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 1962-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە بولغان 2-قېتىمدا، 15 يىلدا 370 مىليون بوۋاق تۇغۇلدى، بۇ كىشىلەر 2022-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 20 مىليون سۈرئەت بىلەن 60 ياشقا قەدەم قويىدۇ. يەتتىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقان نوپۇس 264 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇ كۈتۈنۈش ساھەسىدىكى چوڭ «ئالتۇن كان» دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كۈتۈنۈش كەسپى ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇشلا ئەمەس، ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش، ساغلاملىق ئارخىپىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرىدىكى كەسىپلەر، شۇنداقلا ۋاكالىتەن ماڭىدىغان ئاپتوموبىل، ياشانغانلار يانفونى، ئاۋدېفون، ياشانغانلار يېمەكلىكى قاتارلىق ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە چوڭ پۇرسەت بار.
ئىككىنچى، بالا بېقىش كەسپى
2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 43 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەتنى ياراتتى، نېمە ئۈچۈن 2022-يىلى بالا بېقىش كەسپى ئۈچۈن پۇرسەت بار دەيمىز؟ كۆپچىلىك پەقەت نوپۇس سانلىق مەلۇماتىنى بىلىدۇ، لېكىن ئانا-بالىلار بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى بىلمەيدۇ. گەرچە 2020-يىلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار 4 مىليوندىن كۆپرەك ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن ئانا-بالىلار بازىرىنىڭ كۆلىمى 2019-يىلىدىكىدىن %9.82 ئېشىپ، 3 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى. ئاپاراتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2021-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئانا-بالىلار بازىرىنىڭ كۆلىمى 4 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن. ئىستېمال سەۋىيەسى ئۆسكەچكە، ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بېقىشقا سالغان مەبلىغى كۆپەيدى، ئىلگىرى بىر قۇتا سۈت پاراشوكىنىڭ باھاسى 100 نەچچە يۈەن ئىدى، ھازىر نەچچە مىڭ يۈەنلىك سۈت پاراشوكىنىڭ سېتىلىشى ئوخشاشلا ياخشى بولماقتا. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، جايلار تۇغۇتقا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، 2022-يىلىدىكى بالا بېقىش بازىرىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.


