21-ئاپرېلدىن باشلاپ، چىقىمداندا بەزى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.
تور سودا بانكىسى «تور سودا بانكىسى Ⅱ تۈردىكى ئىسچوتلارغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەڭشەش ۋە پاراۋانلىق فوندىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، تور سودا بانكىسى چىقىمداندىن پۇل نەقلەشتۈرۈش ياكى تور سودا بانكىسىنىڭ Ⅱتۈردىكى ئىسچوتلارغا يۆتكەشكە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەدرىجىي توختىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تور سودا بانكىسىنىڭ Ⅱ تۈردىكى ئىسچوتلىرى پەقەت ئۆز نامىغا باغلانغان بانكا ئىسچوتىغا يۆتكەشنى قوللايدۇ.
تور سودا بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بانكا بۇ خىل مۇلازىمەتنى تاقىۋېتىشنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مۇلازىمەتنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ تاقىۋېتىدىكەن، بىراق ئابۇنىتلار يەنە باشقا بانكىدىن پېرېۋوت قىلىش ياكى باشقىلاردىن پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەبلەغ يۆتكەپ كىرىپ، تور سودا بانكىسىنىڭ ئىسچوت مۇلازىمىتىنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەخسىي ئابۇنىتلار تور سودا بانكىسى ئەپ دېتالىدا چىقىمداندىكى قالدۇق سوممىدىن پۇل يۆتكەپ كىرسە ھەق ئېلىنمايدىغان بولۇپ، پۇل تور سودا بانكىسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئاندىن تور سودا بانكىسى ئارقىلىق ئۆز نامىدىكى بانكا كارتىسىغا چۈشۈپ، ھەقسىز نەق پۇل چىقىرالايدىكەن. شۇڭلاشقا، چىقىمداندىكى قالدۇق سوممىدىن يۆتكەش ئىقتىدارى توختىتىلغاندىن كېيىن، تور سودا بانكىسىدىن پايدىلىنىپ ھەقسىز نەق پۇل چىقىرىش ئۇسۇلى كارغا كەلمەيدىكەن.
مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، تور سودا بانكىسىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە، مەزكۇر بانكا ئۆزىنىڭ «ھەقسىز ئىسچوت مۇلازىمىتى» ، «قولاي قەرز مۇلازىمىتى» ۋە «جانلىق مالىيە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى» بارلىقىنى تەشۋىق قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، «ھەقسىز ئىسچوت مۇلازىمىتى»دە «چىقىمداندا نەق پۇل چىقارغاندا دەل ۋاقتىدا يۆتكىلىدۇ، رەسمىيەت ھەققى يوق» دېيىلگەن.
تور سودا بانكىسى: چىقىمدان قالدۇقىدىن يۆتكەش ئىقتىدارى تەدرىجىي توختىتىلىدۇ
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، تور سودا بانكىسى تىجارەت كارتىسى خېرىدارلىرى ۋە تىجارەت كارتىسى بولمىغان خېرىدارلارغا قارىتا، نۆۋەتتە مۇناسىپ مەبلەغ كۆپەيتىپ، يۈلىباۋ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش ۋە تور سودا بانكىسىدىن خىراجەت قىلسا ئۆسۈمسىز سومما تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ مۇلازىمەت توختىتىلىدىكەن، ئۆسۈمسىز سومما بويىچە مال سېتىۋېلىش ئېتىبار بېلىتى ئېلىش پائالىيىتىمۇ ماس قەدەمدە توختىتىلىدىكەن. ئۆسۈمسىز سوممىغا ئېرىشكەن بولسا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تور سودا بانكىسى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تىجارەت باشلىغان، مايى گۇرۇھى تەشەببۇس قىلغان، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى تەستىقلاپ قۇرغان جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پۇقراۋى بانكىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمەلىي تور نۇقتىسى يوق ئىكەن، ئالاقە تورى ئارقىلىق ئابۇنىتلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
چىقىمدان: باشقا بانكىلارغا نەق پۇل چىقىرىش مۇلازىمىتى ئۆزگەرمەيدۇ


