大数跨境

دوللارغا ئۆسۈم قوشۇش: 1997-يىلىدىكى كورىيە پۇل مۇئامىلە كىرزىسى

دوللارغا ئۆسۈم قوشۇش: 1997-يىلىدىكى كورىيە پۇل مۇئامىلە كىرزىسى Nepkar
2022-02-06
1
导读:ئۆسۈم ئۆستۈرۈش دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن زادى قانچىلىك زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كىشىلەر بىل

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن زادى قانچىلىك زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇنداقتا بىز بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى سەۋەبىدىن كورىيەنىڭ بىر كېچىدىلا ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 1997-يىلىدىكى كورىيە پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنى چۈشىنىپ باقايلى.
1997-يىلى 11-ئايدا، ئاۋات سېئۇلنىڭ كوچىلىرىدا بۇرۇنقىدەك قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاپتوموبىللار يوق ئىدى، پەقەت سانسىزلىغان كورىيە ئاممىسى قاتتىق يىغلاپ، ئېگىز بىنالارغا چىقىپ، بىر سەكرەپلا ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىۋاتقان ئىدى. 
ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئوخشاش ئەمەس، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىمۇ، يەككە تىجارەتچىلەرمۇ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئوقۇغۇچىلارمۇ، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ياشانغانلارمۇ بار ئىدى. 
لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بارلىق بايلىقنى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا سالغان كىشىلەر، يەنى ئادەتتە دېيىلىدىغان پايچىلاردۇر. 
بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى پەقەت بۇ قېتىملىق ئاپەتتىكى دېڭىز سۈيىنىڭ بىر تامچىسىدىنلا ئىبارەت، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆلگەنلەردىن يەنە 16 نەپەر كورىيە مالىيە ماگناتى، كورىيەنىڭ بارلىق دېگۈدەك تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، قىممىتى يېرىمىغىچە چۈشۈپ كەتكەن كورىيە ۋونى، ھەتتا پۈتۈن كورىيەمۇ بار ئىدى. 
مانا بۇ كورىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئازابلىق، تىلغا ئېلىشنى ئەڭ خالىمايدىغان 1997-يىلدىكى كورىيە پۇل مۇئامىلە كىرزىسى. بۇ قېتىمقى كىرىزىسنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا، دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بار، لېكىن تېخىمۇ كۆپ بولغىنى كاپىتالنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە قانخورلۇقى. 
ئەمما كورىيەنىڭ بۇ قارا باسقان پۇل مۇئامىلە كىرزىسىغا بۇرۇنلا ئاپەت يىلتىزىنى ئۆزىگە ھامىلە قىلغان.

1. كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي رىۋايىتى 
1963-يىلى كورىيە زۇڭتۇڭى بولغان پارك چۇڭھې كەسكىنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى باشلايدۇ.
چىرىك، ئىستىبداتلىق لى چېڭۋەن ھۆكۈمىتى كورىيەنىڭ ئىقتىسادىغا تولدۇرغۇسىز زىيان سالغاچقا، پارك چۇڭھېنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى كورىيە خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. 
پارك چۇڭھېنىڭ تۈرتكىسىدە، كورىيە ئىقتىساد پىلانلاش ئورنى قۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىساد ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋە كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كەسپىي پىلان تۈزگەن. 
پارك چۇڭھې

60-يىللاردا، پارك چۇڭھې تەسەۋۋۇرىدا، كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈش ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئاساسىي نىشان قىلغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ كورىيەنىڭ «بىرىنچى بەش يىللىق پىلانى»نى تۈزۈپ چىقىپ، خەلقنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ياپونىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 
تەشەببۇسكارلىق بىلەن كورىيە ۋونىنىڭ قىممىتىنى بىر ھەسسە چۈشۈرۈپ تاشقى ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە «چەت ئەل كاپىتالىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى تۈزۈپ، چەتئەل كاپىتالىنى كورىيەگە جەلپ قىلغان. 
مۇشۇنداق بىر قاتار «بىرىكمە تەدبىر» ئاستىدا، كورىيەنىڭ ئىقتىسادى 60-يىللاردا تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، كورىيەنىڭ GNP سى دەسلەپتىكى 57 دوللاردىن نەچچە يۈز دوللارغا ئۆرلەپ، نەچچە ئون ھەسسە ئاشقان، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىنتايىن ئاز بولغان، دۆلەتنىڭ سانائەت ئاساسى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتكەن. 
70-يىللارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئېغىر خىمىيە سانائىتىگە ئۆزگەرگەن. بۇ مەزگىلدە كورىيەنىڭ پولات-تۆمۈر، ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون، نېفىت خىمىيە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق كەسىپلىرى بىخ سۈرۈشكە باشلىغان. 
پارك چۇڭھېنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئىقتىسادىي پالاتانىڭ قىياس قىلىشىدا، كورىيەنىڭ زېمىنى تار، ئىقتىسادىي مەنبەسى كەمچىل، نوپۇسى ئاز بولغاچقا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چوڭ تىپتىكى خەلقئارا گۇرۇھلارنى ئاساسلىق ئىقتىسادىي تۈۋرۈك قىلىش كېرەك، بۇ ھەم بۈگۈنكى كۈندە كورىيەنىڭ مالىيە ماگناتلىرى كۆپىيىپ كەتكەن ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. 
1979-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورىيەگە 18 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان پارك چۇڭھې باشقىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، لېكىن ئۇ تۈزگەن ئىقتىسادىي پىلان ۋە تەرەققىيات پىلانى ئۇنىڭ ۋاپاتى سەۋەبلىك ئالماشتۇرۇلمىغان. 

پارك چۇڭھېنىڭ ۋارىسى چوي كىيۇھا بىلەن چۈەن دۇخۇەنمۇ پارك چۇڭھېنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى بىۋاسىتە داۋاملاشتۇرغان، تا بۈگۈنگىچە پارك چۇڭھېنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى كورىيەنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. 
شۇڭا، 80-يىللارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، كورىيەنىڭ ئىقتىسادى دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىنلاشقان. 
بۇ چاغدا كورىيەمۇ پارك چۇڭھېنىڭ پىلانى بويىچە «مالىيە ماگناتى ئىقتىسادى»نى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرغان، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كورىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئېغىر سانائەت گوروھلىرى ئۆزئارا قوشۇلۇپ قايتىدىن تەشكىللەنگەن، غايەت زور مالىيە ماگناتى شىركەتلىرى كورىيە ئىقتىساد سەھنىسىدە پەيدا بولغان. 
بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكتىرون، ئۆي-مۈلۈك، داۋالاش، مەبلەغ سېلىش، ئالاقە تورى، ھەتتا ھەربىي سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سامسۇڭ گوروھىدۇر. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارك چۇڭھې بىلەن ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى تەسەۋۋۇر قىلغاندەك، بۇنداق مالىيە ماگناتى ئىقتىسادى كورىيە ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىگە ئاساس سالغان. 
ئەمما ئوخشاشلا، غايەت زور يوشۇرۇن ئاپەتلەرنىمۇ ئۆزىگە ھامىلە قىلغان.

2. بوران-چاپقۇن ھارپىسى 
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ئىقتىسادنى رايونلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى، ئەمما ئىزچىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتقان كورىيەمۇ شامالغا ئەگىشىپ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش مۇساپىسىگە تېزلا ئەگەشتى.
بۇ مەزگىلدە كورىيە دۇنيادىكى ھەر خىل ئىقتىسادى تەشكىلاتلارغا ئاكتىپ قاتناشتى، 1995-يىلى، كورىيەنىڭ كۆپ قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، WTO كورىيەگە ئىشىكنى ئاچتى. 
شۇ يىلى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات كورىيەنىڭ ئوتتۇرىچە GDP سىنى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشۇردى، ئىككىنچى يىلى كورىيە OECD ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا قاتناشتى، بۇ كورىيەنىڭ رەسمىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
ئەمما، مۇشۇنداق ياخشى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، كورىيە ئىلگىرى ئۆزىگە ھامىلە قىلغان ئاپەت يىلتىزى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ دۇنياغا «كۆز ئېچىش» ئالدىدا تۇراتتى. 
پارك چۇڭھېنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتى كورىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كاپالەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەمىنلىدى.
لېكىن، كورىيەگە ئوخشاش بايلىق مەنبەسى يوق، نوپۇسى يوق دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بەك تېز بولۇپ كەتتى. 
20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، پارك چۇڭھېنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، كورىيەدىكى بارلىق سودا بانكىلىرى دېگۈدەك دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. 70-يىللارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، كورىيە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل چوڭ كارخانىلارنى نۇرغۇن قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، كورىيەدىكى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ جۇغلانمىسىنى تېز سۈرئەتتە تاماملىشىغا ياردەم بەرگەن. 
شۇڭا ئۇزۇندىن بۇيان كورىيە كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلى يۇقىرى سوممىلىق قەرز بېرىش ئارقىلىق ئالدىنقى مەزگىللىك كاپىتال جۇغلىسىغا تايىنىپ تەرەققىي قىلغان. 
بۇنداق يۇقىرى قەرزلىك ئىقتىسادىي ئەندىزە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەلۋەتتە ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن پۇرسەت مۇقەررەر ھالدا خەۋپ-خەتەر بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. 
كارخانىلار بانكىدىن قەرز ئېلىپ مۈلۈك سېتىۋېلىپ، يەنە يېڭىدىن سېتىۋالغان مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ، بانكىدىن تېخىمۇ كۆپ قەرز ئالىدۇ. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە كورىيە بانكىلىرى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن ئۆسۈملۈك ئىقتىسادىي سىياسەتتە تۇرغاچقا، كورىيە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن بانكىلار تىجارەت قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورىيە كارخانىلىرىنىڭ قەرز ئېلىشى ناھايىتى ئاسان بولۇپ، بىر بانكىنىڭ باشلىقى قەرز پۇل سوممىسى ۋە ئىجازىتىنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، كورىيەدە تېخى مۇناسىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولمىغاچقا، كارخانا قەرز ئېلىش ۋە بانكا قەرز پۇلى بېرىش جەريانىدا دائىم خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇنى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېيىشكە بولىدۇ. 
كورىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بانكىلىرىنىڭ قېيىنچىلىقى ئالدىدا، پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى دادىللىق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، كورىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى قېيىنچىلىقىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. 
بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، كورىيە «ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش»، «كاپىتال بازىرىنى ئېچىۋېتىش»، «پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 
ھازىرقى نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات ئىككى تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئىسلاھات ئەمەس، چۈنكى بۇ قېتىمقى ئىسلاھات تەدبىرى ئەينى ۋاقىتتىكى كورىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە قىيىنچىلىقىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلالمىغان. 
1993-يىلىدىن 2007-يىلىغچە كورىيەنىڭ قەرز ئەھۋالى

ئەمما بىر نەچچە تۈرلۈك سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەينى چاغدىكى كورىيە پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى پەسەيتىشتە زور رول ئوينىغان ھەمدە ئەينى چاغدىكى داۋالغۇپ تۇرغان پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مۇستەھكەملىگەن. 
20-ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدا، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تەدرىجىي مۇستەھكەملەنگەن، لېكىن بۇ قېتىمقى ئىسلاھات يەنىلا بەزى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، يەنى دائىم بازار داۋالغۇشى يۈز بەرگەن، بۇ ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى ئىسلاھاتىدا باشتىن كەچۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلار، خالاس. 
ئەمما ئويلىمىغان يەردىن كورىيە ھۆكۈمىتى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى بەلگىلىك بازار داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن توختىتىلغان.

بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كورىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى مىڭ بىر جاپادا يېتىشتۈرگەن بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مالىيە ماگنات گورۇھلىرىنىڭ دولقۇن ئىچىدە تاقىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، بۇ كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تېرىغان ئاپەت يىلتىزى ئىدى. 
پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كورىيە يەنە ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقى پۇل مۇئامىلە تۈزۈمىگە قايتىپ كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى بېسىلىپ قالغان چوڭقۇر زىددىيەت تېخىمۇ يامانلاشقان. 
كورىيە پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ ئاخىرلىشىشى كورىيە ھۆكۈمىتىنى تەمتىرىتىپ قويۇپ، پۈتكۈل كورىيەنى ۋەيران قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە بورىنى يېتىپ كەلگەن. 

3. ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش 
ئامېرىكا دوللىرى ئىزچىل تۈردە دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئايرىلالمايدىغان بىر تېما بولۇپ كەلدى، چۈنكى 1944-يىلى 7-ئايدا برېتون ئورمان سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئامېرىكا دوللىرى ئالتۇنغا چېتىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيا پۇلىدىكى نوپۇزلۇق ئورنى بېكىتىلدى. 
70-يىللاردا برېتون ئورمانلىقى سىستېمىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم تەۋرىتەلمىدى. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ناھايىتى كۆپ دۆلەتلەر ئالدىنقى ئەسىردە ئۆز پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باغلىدى، يەنى ئامېرىكا دوللىرى تۈزۈمىگە چېتىلدى. 
شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىدا ئامېرىكا دوللىرىغا چېتىلىش كۆپچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك ئېشىشىغا ئېرىشتى. 
ئەڭ داڭلىقى ئاسىيادىكى تۆت ئەجدىھا شياڭگاڭ، تەيۋەن، كورىيە، سىنگاپور. ئاسىيادىكى تۆت يولۋاس، تايلاند، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر. 
بۇلارنىڭ ئىچىدە تايلاند ۋە كورىيە ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت ئەجدىھا ۋە تۆت يولۋاسنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك ئېشىشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارمۇ ئامېرىكا دوللىرىغا تايىنىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالدى. 
لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئامېرىكا دوللارنى كونترول قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھايىتى ئاسانلا پۇل بېسىش سۈرئىتى ۋە بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى كونترول قىلالايدۇ. 
شۇڭا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۆرلىگەندە، ئېكسپورتنى ئاساسلىق كەسىپ تۈۋرۈكى قىلغان بەزى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئاپەت يېتىپ كەلگەن ۋاقىت بولىدۇ. 
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي ئاسىياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چەتئەل مەبلىغى ھەرقايسى دۆلەتلەر پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، بۇ چەتئەل مەبلىغى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى نۇرغۇن تاشقى قەرز بىلەن تەمىنلىگەن. 
ھالبۇكى، بۇ چەتئەل مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پاي چېكى بازىرى، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى، سېلىنمىسى زور، ئۈنۈمى تېز بولغان قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ساھەلەردە ئارقا-ئارقىدىن غايەت زور پۇل مۇئامىلە كۆپۈكلىرى جۇغلىنىپ، چەتئەل مەبلىغى چېكىنىپ چىقسا، كۆپۈكنىڭ يېرىلىشى زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. 

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن چەتئەل مەبلىغىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىر ۋاقىت نۇقتىسىدا ئۇچراشقاندا، بىر مەيدان پۇل مۇئامىلە بورىنى شەكىللىنىدۇ. 
1995-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مالىيە مىنىستىرى روبېرت روبىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، دوللارنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنى چوڭ كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرگەن.  
بۇنىڭ بىلەن دوللار بىلەن باغلانغان دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھا ئەۋزەللىكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تايانچ كەسىپلىرى ھالاكەتكە دۇچار بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئاسىيادىكى ياپونىيە، كورىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر. 
دوللارنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى تەسىرىدە تايلاند باتى، كورىيە ۋونى، ياپونىيە يېنى قاتارلىق پۇللار كەڭ كۆلەمدە پاخاللاشقان. بولۇپمۇ كورىيە ۋونى! 
بۇنداق ئۆزگىرىش نۇرغۇن دۆلەتلەرنى تەمتىرىتىپ قويغان، سودا پاسسىپ بالانىسى بىر كېچىدىلا چوڭىيىپ كەتكەن، نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەي زىيان تارتقان. 
كېيىنكى مەزگىلدە، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئالدى بىلەن تايلاندتا ھالاك بولغان، ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى تايلاند باتىنىڭ شىددەت بىلەن پاخاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كارخانىلار ئېغىر زىيان تارتىپ، تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان، بۇنىڭ بىلەن زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چەت ئەل مەبلىغى غالجىرلىق بىلەن قېچىپ كەتكەن، تايلاندنىڭ ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى ئالدى بىلەن يېرىلغان.
تايلاندتىكى ئەھۋالغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا ئۈچ دۆلەتمۇ ئوخشاشلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، كۆپۈكلەر ئارقا-ئارقىدىن يېرىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن. 
1997-يىلى يازنىڭ ئاخىرىدا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەينى چاغدىكى شياڭگاڭغا كېڭەيگەن، سوروس باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن خەلقئارا ھايانكەشلىك فوندى ئورگانلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەينى چاغدىكى شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. 
لېكىن، شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلىسىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بەك كەسكىن بولۇپ، كورىيەنىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولغان پۇل مۇئامىلە بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن. 
سوروس

پۇل مۇئامىلە كرىزىسى كورىيەدە مانا مۇشۇنداق ئەۋج ئالغان، لېكىن كورىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە كرىزىسى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن تاشقى قەرزگە باغلىنىشلىق بولۇپ، جەمئىي 110 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 
بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا مۇددەتلىك قەرز 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ 110 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قەرەلى توشاي دەپ قالغان، ئەگەر قايتۇرالمىسا كورىيە بىر كېچىدىلا ۋەيران بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا كورىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمەيتتى. مەسىلەن، 1997-يىلى 1-ئايدا، كورىيەدە بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن خەنباۋ پولات-تۆمۈر شىركىتى ئۆزىنىڭ قەرز قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 
بۇنداق ئەھۋال كورىيە كارخانىلىرىدا كۆپ يۈز بەرگەن، بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن چوڭ كارخانىلار خەنباۋ پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ پىلتىسى ئاستىدا ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 
دۆلەت ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، كورىيە ۋونىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قويۇۋەتكەن، بىر كېچىدىلا، كورىيە ۋونىنىڭ ئەسلىدىكى ئەڭ تۆۋەن قىممىتى 1008.6 گە چۈشۈپ قالغان. 
ھالبۇكى، ئۈچ كۈندىن كېيىنكى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى تۆۋەن چەككە يېتىپ، قىممىتىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى بىر ھەسسىگە يېقىنلاشقان، كورىيە دوللىرى پۈتۈنلەي كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان، پارك چۇڭھې نەچچە ئون يىل جاپالىق تەرەققىي قىلدۇرغان كورىيە ئىقتىسادى بىراقلا ۋەيران بولغان. 
سانسىزلىغان كىشىلەر بىنادىن سەكرىۋالغان، نەچچە مىليون كورىيەلىك ئىشسىز قالغان، بولۇپمۇ ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەر ۋە مالىيە ماگناتلىرى تېخىمۇ زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. 
بۇ مالىمانچىلىقنىڭ تەسىرىدە، كورىيەنىڭ ئىلگىرىكى تەڭداشسىز شانلىق 30 چوڭ تىپتىكى مالىيە ماگناتى ئىچىدە، ھەرقايسى كەسىپلەردىكى تۈۋرۈك كارخانىلارنىڭ 16 سى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان، قالغان 14 ى پەقەت جان تالاشقان، ئەينى ۋاقىتتا سامسۇڭنىڭمۇ ھايات قېلىشى تەسكە توختىغان. 
بۇ 14 مالىيە ماگناتىنى كۈتۈپ تۇرغان تەقدىر پەقەت بىرلا، يەنى ئامېرىكا ۋال كوچىسى تەرىپىدىن ئىگەللىنىش، يەنى كورىيەلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى ئامېرىكا ۋال كوچىسىدىكى پۇل مۇئامىلە تىمساھلىرى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش، بۇ جەريانغا بىر ئەسكەرمۇ كەتمەيدۇ. 

4. بوران-چاپقۇندىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش 
لېكىن ۋەيران بولۇش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن پۈتكۈل كورىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋەيران بولۇش جاكارلانسا، دۆلەت مۇنقەرز بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. 
كورىيە ئامالسىز، مۇددىتى توشاي دەپ قالغان قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى IMF دىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ.
لېكىن، IMF بولسا كورىيەنىڭ ئەينى چاغدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئازراقمۇ ھېسداشلىق قىلمايدۇ، شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە قارىغۇنى ياردا قىستىماقچى بولىدۇ. 
1997-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، IMF ئوتتۇرىغا قويغان «ۋەتەن ساتقۇنلۇق» ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ دۆلەتكە ئاھانەت كەلتۈرىدىغان كېلىشىم ئالدىدا، كورىيە ۋەكىلى نائىلاج ئىمزا قويىدۇ، بۇ كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىدە چوقۇم IMF نىڭ چىرايىغا قاراش ھەمدە IMF نىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
گەرچە بۇ كېلىشىم شۇنچىلىك نومۇسلۇق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەينى چاغدىكى كورىيەگە نىسبەتەن بىردىنبىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىدى. 
بىراق كورىيە خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يالماۋۇز ئۇلارنى تەلتۆكۈس يالماپ كەتمىدى، كورىيەنىڭ ئىقتىسادىنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم سايلاپ چىقىلدى، ئۇ دەل كىم دايجۇڭ. 
كىم دايجۇڭ

ئۇ چاغدا كىم دايجۇڭ 72 ياشقا كىرگەن، لېكىن ئۇ چاغدا كورىيە دۆلەت قىيىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋالالىسۇن. 
كىم دايجۇڭ تارىخنى پىششىق بىلىدىغان ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان كۈنى، ئۇنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى روزۋېلت، يەنى ئوخشاشلا قىيىن ئەھۋالدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پەيدا بولغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىنىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.
شۇڭا سايلام رىقابىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كۈنى ئۇ تېلېۋىزىيە ئارقىلىق پۈتكۈل كورىيە خەلقىگە سۆز قىلىشنى قارار قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى نۇتۇقتا كىم دايجۇڭ ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق جەھەتلەردىن خەلق ئاممىسىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى سورايدۇ ھەمدە ئاممىغا ۋەدە بېرىپ، ئاممىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە بارلىق ئاممىغا چاقىرىق قىلىپ، كورىيەنى بىرلىكتە قۇتقۇزىدۇ. 
بۇ قېتىمقى نۇتۇق ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، سانسىزلىغان كورىيە خەلقىنىڭ ئىشەنچىسى قايتىدىن ئاشىدۇ ھەمدە ئىككىنچى كۈنى رەتكە تىزىلىپ ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىئانە قىلىپ، كورىيە ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئالتۇنغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
مەسىلەن ئالتۇن زەنجىر، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن چىش، ھەتتا تەنھەرىكەتچىلەر ئېرىشكەن ئالتۇن مىدال. 
بۇ تەدبىر كورىيە ھۆكۈمىتىگە زور دەرىجىدە ياردەم قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى نۇرغۇن كورىيەلىكلەر دۆلەتنىڭ ئۈمىدىنى قايتىدىن كۆرىدۇ. 
1997-يىلى، IMF دىن 19 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئېلىپ، كورىيە بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن ناھايىتى تەستە ئۆتىدۇ. 
ئىككىنچى يىلى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن، كىم دايجۇڭ ھەر خىل يىغىنلارغا كۆپلەپ قاتنىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
كورىيە خەلقىمۇ دۆلەتنىڭ كىرزىستىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئاتلىنىدۇ. 
ئاخىرى، ئىككى، ئۈچ يىللىق تەڭشەش ئارقىلىق، كورىيە 2001-يىلى ئۇدا ئۆسۈمى بار ھالدا IMF دىن قەرز ئالغان 19 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى قايتۇرۇپ بولىدۇ. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە كىم دايجۇڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ئاستىدا، كورىيەمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، كورىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يەنە بىر قېتىم ئىزىغا چۈشىدۇ. 
97-يىللىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى كورىيەنى قاتتىق ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كورىيە ھۆكۈمىتى كۆپۈكنى زور كۈچ بىلەن تىزگىنلەپ، كورىيە ۋونىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زور مىقداردا تاشقى پېرېۋوت توپلاپ، ئىلگىرىكى ئەھۋاللارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا باشلايدۇ. 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408