大数跨境

چوڭ ھۆكۈمەت ۋە كىچىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم سىياسىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى

چوڭ ھۆكۈمەت ۋە كىچىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم سىياسىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى Nepkar
2022-01-31
2
导读:قارشى تەرەپ يولغا قويغان نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ يىللىق سىياسىي تۆۋەن قاتلام لوگىكىسىنى چۈشەنمەيدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----

بۈگۈن ناھايىتى قىزىقارلىق بىر خەۋەر يۈز بەردى، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت ئومۇميۈزلۈك قامالنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە «ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى.» دېدى. 

ئامېرىكا تەرەپمۇ 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس سانلىق مەلۇماتىنى ئىستاتىستىكىلاشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا %60 ياۋروپالىقنى ئومىكرون بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، دەپ پەرەز قىلماقتا، بىراق ياۋروپا، ئامېرىكا تەرەپ بۇ قېتىمقى كېسەللىك ئەھۋالىنى ھەقىقەتەن چوڭ تارقىلىشچان زۇكام، دەپ قارايدۇ، خەلق ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا «بەرداشلىق بېرىۋەتسەكلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» دەپ قارايدۇ، ئىشقىلىپ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋاكسىنا ئەملەپ، ئۆلمەس ئادەم بولغانلىقىنى، بەزىدە بىر نەچچە ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇلارنى نەس باستى دەپ قارايدۇ. «كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ، ھازىر ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى!» دېگەن ئاۋاز ئەۋج ئالماقتا. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا نېمىشقا بىزنى تاپشۇرۇق كۆچۈرۈشكە ئازدۇرىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

ۋىرۇسشۇناسلار «بۇ نەرسە ئىنسانلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ۋىرۇسنى ئۈستۈن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. كىم بىلىدۇ ۋىرۇس يەنە جانلىقلار تېنىنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەييارلىق قىلغان دەپنە ئىشلىرىنى شادلىق ئىشىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.» دەپ قارايدۇ.

بۇ چاغدا بەزىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى، پۈتۈن دۇنيا ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن قامالنى بىكار قىلدى، نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئومىكروننى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك پەقەت يەتتە كۈن بەرداشلىق بەرسىلا ئۆتۈپ كېتەتتى، نېمىشقا جۇڭگو يەنىلا قامالنى بىكار قىلمايدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى يىلدا، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت، كىنو قاتارلىق كەسىپلەر ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىزلا قېلىۋاتىدۇ، يىراق سەپەرگە چىققاندا ئاساسىي جەھەتتىن يادرو كىسلاتاسى بولۇشى كېرەك، ئەتراپتا بىرەر ئىش بولسىلا ئولتۇراق رايون قامال قىلىنىدۇ، كۆپچىلىك تىت-تىت بولۇپ، قامالنى بىكار قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

چەت ئەل ھەقىقەتەن قامالنى بىكار قىلدى، ئومىكروننىڭ قارىماققا قىرغىن قىلىش كۈچى ئالدىنقى ئىككى دولقۇندىن خېلىلا ئاجىز كۆرۈنىدۇ، لېكىن جۇڭگو ھېچ بولمىغاندا ۋاقتىنچە ئۇنداق قىلالمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بار.

بىرى، ھازىرغا قەدەر بىرمۇ ۋىرۇس مۇتەخەسسىسى بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تۇيۇقسىز ئېغىرلاپ كېتىش-كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتمىدى.

بۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كەينىدە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان نەرسە بار دېگەنلىك بولۇپ، ئەگەر تۇيۇقسىز «خۇدىنى يوقىتىپ» قالسا، يەنە بىرەر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ قالسا، ۋاقتى كەلگەندە زور مىقداردا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىلدىن كۆپرەك كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىش قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇش ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى، بولۇپمۇ ئەينى يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار نۇقتىدا سىناق قىلمايلا تويۇقسىز پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك غەربلىشىشكە ئاتلىنىپ، ئاخىرى رۇسىيەنىڭ چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىشىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا، بىز كېيىن شېنجېن ئالاھىدە رايونىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈشتە چىڭ تۇردۇق، توشقاننى كۆرمىسەك بۈركۈتنى قويۇپ بەرمەيمىدۇق.

شۇڭا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ، ئەھۋالغا قاراپ باقايلى، ياۋروپا، ئامېرىكا تەرەپلەردە ۋىرۇس ئۇلارنى ئىككى قېتىم «يۇيۇپ» بولدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «سەزمەس» بولۇپ قالدى، بۇ خىل ئەھۋالدا بىز قارىغۇلارچە ئەگىشىۋالساق بولمايدۇ، يەنە بىر مەزگىل كۆزىتىپ باقماق زۆرۈر.

يەنە بىر سەۋەب، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى سەۋەب شۇكى، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى بۇ زىيانغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بىز ئۇنداق قىلالمايمىز. چۈنكى ئۇلار كىچىك ھۆكۈمەت ئەندىزىسىنى قوللانغان، بىز بولساق چوڭ ھۆكۈمەت ئەندىزىسىدىن ئىبارەت، بۇنى ماكرولۇق سىياسىي تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان.


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0