搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئايدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش ۋە 1000 يۈەن كىرىم قىلىشنىڭ پەرقى!
>
ئايدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش ۋە 1000 يۈەن كىرىم قىلىشنىڭ پەرقى!
Nepkar
2022-04-20
1
导读:يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭكىدىن ئانچە كۆپ تۆۋەن ئەمەس...
ئەگەر سىز ئايدا 1000 يۈەن كىرىم قىلالىسىڭىز، كىرىم جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 600 مىليون ئادەمنى يېڭەلەيسىز؛ ئەگەر ئايلىق مائاشىڭىز 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، سىز كىرىم جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە %99 ئادەمنى يېڭەلەيسىز. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگودىكى ئەڭ باي %10 كىشى بىلەن ئەڭ نامرات %10 كىشىنىڭ كىرىم پەرقىنىڭ 20 ھەسسە ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما 1978-يىلى بۇ ساننىڭ ئاران 5.5 ھەسسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. خۇلاسە شۇكى: ئۇزاق ۋاقىتتىن قارىغاندا، باي-نامراتلىق پەرقىمىز بارا-بارا چوڭىيىپ بارماقتا.
بۇ پەرقنىڭ زورىيىش سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار شەھەرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆي-زېمىن، پۇل-مۇئامىلە، ئالاقە تورىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى قاتارلىقلار بار. لېكىن بىر يادرولۇق لوگىكا شۇكى، بۇ باسقۇچتا «ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىيدىغانلارنى يېتەكلەش» كېرەك. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، ئورتاق بېيىش دېگەن سۆز ئۈزلۈكسىز غولداپ قالدى. قايتا قاراپ چىقىدىغان بولساق، ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىيدىغانلارنى يېتەكلەش پەقەت ۋاسىتە، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا 100 يىللىق چوڭ نىشاندىن ئىبارەت.
ئورتاق بېيىش بايلارنى بۇلاپ نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئەمەس، تەڭ تەقسىماتچىلىقمۇ ئەمەس. ئەمما شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئورتاق بېيىش ئاستىدا، كەلگۈسىدىكى باي-نامراتلىق پەرقى يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا چوقۇم ئاستا-ئاستا كىچىكلەيدۇ!
(بۇ يەرنى بېسىپ «تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
ھازىرقى باي-نامراتلىق پەرقى ئاساسلىقى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
بىر تەرەپتىن، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. 2021-يىلى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ 2.64 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، يالغۇز بۇ ساندا چوڭ پەرق يوق، لېكىن مۇھىم نۇقتا شۇكى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمى 10 ھەسسىدىن ئارتۇق پەرقلىنىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭكىدىن ئانچە كۆپ تۆۋەن ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئوخشاش فوند، پاي چېكى يوق، شىفىرلىق پۇل ئويناشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ، ھەر خىل مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ئۇلاردىن بەك يىراق.
تېخىمۇ مۇھىمى ئۆي-مۈلۈك جەھەتتە پەرقى بار. جۇڭگولۇقلارنىڭ %60 بايلىقى ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدە بېسىلىپ قالدى، شەھەرلەردە ئۆي باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ كىرىم پەرقى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن چوڭايدى. گەرچە ئۆي ـ زېمىنغا مەبلەغ سېلىش خاراكتېرى ئاساسىي جەھەتتىن تارتىۋېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئوخشاشلا ئۆي ئىجارىسىنى يىغىشقا تايىنىپ، ھەر ئايدا ئاز بولمىغان كىرىمگە ئىگە بولالايدۇ.
شۇڭا، كەلگۈسىدە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى قانداق ئاشۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشىش نىشانى بولۇپ قالىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، شەھەر ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقىدە ئىپادىلىنىدۇ.
ئالدى بىلەن مائاش كىرىمى. ئىلگىرى، ئوخشاشلا سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، بەزىلەر ئېيىغا 3000 يۈەن كىرىم قىلسا، بەزىلەر يىلىغا بىر مىليون يۈەن كىرىم قىلاتتى، چۈنكى كېيىنكىسى ئۆي-زېمىن كەسپىدە سېتىش بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئوخشاشلا ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىمۇ، بەزىلەر ئالاقە تورى چوڭ زاۋۇتىدا، بەزىلەر ئەنئەنىۋى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىسىدا بولۇپ، تەمىناتىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار!
چۈنكى ئىلگىرى بىزنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىمىز تەكشى ئەمەس ئىدى، مەسىلەن، پۇل مۇئامىلە، ئۆي-زېمىن، ئالاقە تورى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن بەزى كەسىپلەر ناھايتىى كۆپ پۇل تاپتى، بەزى كەسىپلەرنىڭ ئەۋزەللىكى ئۇزاققىچە جانلىنالمىدى.
بۇ خىل ۋەزىيەتتە، يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدا بىر قاتار سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالاقە تورىدا مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى چەكلەش، چوڭ زاۋۇتلارنىڭ 996 خىزمەت تۈزۈمىنى چەكلەش، چولپانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى رولغا چىقىش ھەققىنى چەكلەش قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ تۆۋەن قاتلام لوگىكىسى كەسىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى مائاش جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەتراپىمىزدا، بىر قىسىم كىشىلەر باشلامچىلىق بىلەن بايلىقنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىشىنى تاماملاپ، مۈلۈكنى تەقسىملەش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە كىرىمگە ئىگە بولدى؛ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەرپ قىلىپ يىغقان پۇلى بىلەن ئۆي قەرزىنى قايتۇردى.
بۇ خىل ھادىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟
ئىلگىرى ئۆي-زېمىن بىر چوڭ سۇ ساقلاش كۆلچىكى بولۇپ، بانكا ئاھالىلەرنىڭ نۇرغۇن ئامانەت پۇلىنى ئۆي-مۈلۈككە سەرپ قىلغان، ئەمما ئاشۇ چوڭ-كىچىك كارخانىلار سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. لېكىن، ئۆي-زېمىن دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاستا-ئاستا بانكىدىن ئېقىپ چىقىپ، پاي چېكى بازىرى، قەرز بازىرىغا ئېقىپ كىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كارخانىلارنى باقىدۇ.
بۇ جەرياندا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىش بوسۇغىسى چوقۇم تۆۋەنلەيدۇ.
لېكىن بۇ يول تېخى ناھايىتى ئۇزاق، شۇڭا بىز سېلىنما (资本) بازىرىمىزنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، شۇنداقلا ھەربىر ئادەمنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0