搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
خېڭدادىكى زور ئۆزگىرىش
>
خېڭدادىكى زور ئۆزگىرىش
Nepkar
2022-01-25
1
导读:گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو خېڭدا گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى شۈ جيايىن بىلەن سۆھبە
جۇڭگو خېڭدا شياڭگاڭ پېيى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە ئېلان قىلىندى، 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، شياۋ ئېن ئىجرائىيە مۇ
دىرلىقىغا، لياڭ سېنلىن ئىجرائىيەسىز مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. لەي لىشىن، خۇاڭ شيەنگۈي ئىجرائىيە مۇدىرى بولدى.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، شياۋ ئېن خېڭدا ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ باش مۇدىرى، لياڭ سېنلىن شىندا شياڭگاڭنىڭ باش مۇدىرى ئىكەن.
شىندا شياڭگاڭ جۇڭگو شىندا مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى بولۇپ، ئاساسلىقى چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ناچار مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش، قىستۇرما قاتلاملىق مەبلەغ سېلىش، ھەقدارلىققا مەبلەغ سېلىش ۋە ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش، ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك زايوم تارقىتىش، ئەلا سۈپەتلىك مۈلۈك ۋە قۇرۇلمىلىق مۇقىم پايدا مەھسۇلاتى شۇنداقلا چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
لياڭ سېنلىن 2019-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ جۇڭگو شىندا (شياڭگاڭ) پاي كونترول چەكلىك شىركىتى (شىندا شياڭگاڭ)نىڭ باش مۇدىرى، يەنە شياڭگاڭ جۇڭگو پۇل مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
2021-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو خېڭدا گۇرۇھى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تىجارەت ۋە مالىيە جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، شىركەت مۇدىرىيىتى جۇڭگو خېڭدا گۇرۇھى خېيىم-خەتەرنى تۈگىتىش كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلغان. خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى كۆپ خىل بولۇپ، ئۆز گۇرۇھىنىڭ ھازىرقى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، بىر قانچە ئىلغار كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ۋە كەسپىي ئەربابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو شىندا مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جاۋ لىمىن جۇڭگو خېڭدا گۇرۇھى خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ بىرى.
ئاشكارا ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 1999-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان جۇڭگو شىندا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان تۇنجى پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى بولۇپ، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شياڭگاڭ بىرلەشمە سودا ئورنىدا پېيىنى بازارغا سالغان (01359.HK)، تۇنجى خەلقئارا كاپىتال بازىرىغا كىرگەن جۇڭگو پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو شىندا شىركىتىنىڭ قارىمىقىدا يەنە ئۆي-مۈلۈك، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت شىندا ئۆي-مۈلۈكچىلىكى بار.
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىلدى. جەنۇب گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، خېڭدا گۇرۇھى قاتارلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» ۋاڭ ۋېيجۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كارخانىدا قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولسا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شۇنچە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.»
2021-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، جۇڭگو خېڭدا گۇرۇھى شياڭگاڭ بىرلەشمە سودا ئورنىدا كېپىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى كەچتە جۇڭگو خېڭدا گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى شۈ جيايىن بىلەن سۆھبەتلەشكەن. خېڭدا ئۆي-مۈلۈك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەۋپ-خەتەرنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خېڭدا ئۆي-مۈلۈك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، كارخانىلارنىڭ خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىچكى تىزگىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نورمال تىجارەتنى قوغداشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
1-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو خېڭدا ئورگان ئۈندىدار سالونىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «گۇرۇھنىڭ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %92.9 كە يەتتى. 2021-يىلى 12-ئايدا 37 مىڭ 900 يۈرۈش بىنانى تاپشۇرۇش تاماملانغان ھەم 2022-يىلى 1-ئايدا 30 مىڭ يۈرۈش بىنانى تاپشۇرۇش پىلانلانغان.»
مەنبە: كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلەر سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0