ئون ئىككى يىلدىن بىرى «مەمۇرلۇق ئىمتىھانى» دېگەن بۇ ئۇقۇم كاللامدىن زادى كۆتۈرۈلۈپ باقمىدى، تۇنجى قېتىم مەمۇرلۇق ئىمتىھان بەرگەندە مەمۇرلۇق ئىمتىھان دېگەننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئاخىرى سوئال قەغىزىنىڭ يېرىمىنى كۆرۈپ بولالمايلا ئىمتىھان ۋاقتى توشۇپ قېلىپ، ئۆزۈمنىڭ شۇنچە يارامسىزلىقىدىن قاتتىق قاتتىق ھەسرەتتە قالغان ئىدىم...
كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ، ئايلار يىللارنى سويلاپ مانا مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا قاتناشقان كەچمىشىمگىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە 12 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ جەرياندا مەن گەرچە ئۆزەم مەمۇر بولالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەمۇرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم، دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەتلىك بولىشىدىكى ئۇلتاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
مەمۇرلۇق ئىمتىھانى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئاساسىي ساپاسىنى تەكشۈرىدىغان، ئۇلارنى تاللايدىغان ۋە شاللايدىغان ئاساسىي ۋاسىتە، لېكىن نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ ئىمتىھاننىڭ خاراكتېرى ۋە ماھىيىتىنى چۈشەنمەي قارىغۇلارچە ئىمتىھان بەرگەچكە نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئىمتىھان بېرىشىدىكى مەقسەتنى «تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشىش» دەيدىغان ساددا خىيال باسقۇچىدىلا ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ.
يېقىندا ئاچام ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئوغلىنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلىقىنى، يۇرتتا مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، مېنىڭ ماتېرىيال تېپىپ بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ داشۆنىڭ ئالدىدىكى مەخسۇس كىتابخانىغا باردىم ھەم بۇ تۈردىكى كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ بەكلا قىسلىقىنى، ھەمدە باھاسىنىڭمۇ ناھايىتى قىممەت ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، ئەگەر بىر يۈرۈش ماتېرىيالنى سېتىۋالساق، ئاز دېگەندە 150 يۈەندىن 250 يۈەنگىچە بولىدىكەن، شۇغىنىسى ئالىمەن دېسەكمۇ نەق مال بولمىغاچقا زاكاز قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن مەن جىيەنىمگە تېلېفون قىلىپ، بىرەر كۈن ساقلىشىنى، ماتېرىيالنى ئەتىگىچە ئامال قىلىپ تېپىپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، جىيەنىم تويۇقسىز:
-بولمىسا كىتاب-ماتېرىيال ئالمايلى،-دەپ قالدى.
-دوۋيىندا نۇرغۇن ئىمتىھان ھەققىدە سۆزلىگەن ھەقسىز مەزمۇنلار بار ئىكەن، شۇنى كۆرسەم بولارمىكىن...
مۇنداق ئىش بار دەيلى، ماۋۇ يەردە باھاسىغا قارىماي سېتىۋالاي دېسىڭىزمۇ يوق تۇرسا، دوۋيىندا بەزىلەر ھەقسىز دەرس سۆزلەيدىكەن. مەمۇرلۇق ئىمتىھان دېگەن كۆپ ئەھۋالدا بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك خىزمەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەم رىقابەت شۇنچە كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئوغىدەك قىممەت تۇرسا، ئەجىبا دوۋيىندا شۇنداق نەپ بېرىدىغان يېڭى دەۋرنىڭ ئالىيجاناپ لېي فېڭلىرى بارمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ سۆزلىگەن «دەرس»لىرى راستلا بىر ئادەمنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟-دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
مەن دەرھال يانفونۇمغا دوۋيىننى قاچىلاپ، ئاشۇ «دەرس»لەرنى كۆرۈپ باقتىم، شۇنى بايقىدىمكى، بۇ «دەرس»لەر ئاساسەن بىر بولسا ئېلان تۈسىنى ئالغان، شۇ «دەرس» سۆزلىگۈچىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشقا ئۈندەيدىغان ياكى بولمىسا ھەر خىل ئەگەشكۈچى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش «دەرس»لەر ئىكەن. سىزنىڭچە مۇشۇ خىل ھەقسىز «دەرس»لەرگە ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇچىنىڭ رىقابەت شۇنچە كەسكىن مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولامدۇ؟
يەنە بىر ئىش، ئەتىسى ئايالىم قېيىن ئىنىمنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا تىزىملىتىشىغا ياردەملىشىشىمنى ئېيتىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن قېيىن ئىنىمغا ياردەملىشىپ تىزىملىتىش جەريانىدا ئىمتىھان بېرىدىغان تىل تاللاش رايونىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا بېرىش ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا بېرىشتىن ئىبارەت تاللاش ئىمكانىيىتى بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن تاللايدىغان جايغا كەلگەندە قېيىن ئىنىم دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىشنى تاللىدى (قېيىن ئىنىم ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىشنى تاللىسا، پايدىلىنىش ماتېرىيالى تاپالماسلىقتىن ئەنسىرىگەن ئىدى.) تىزىملىتىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، قېيىن ئىنىمغا دەرھال ياخشىراق دەرسلىك ئىزدەپ تېپىپ بېرىش ئۈچۈن توردىن سىستېمىلىق سۆزلەنگەن دەرسلىك ئىزدەشكە باشلىدىم، ئاخىرى B پونكىت تورىدىن مەزكۇر تور بېكەتنىڭ ئورگان تەرەپنىڭ بىردىن-بىر تەشكىللەپ ھەمكارلىقتا چىقارغان 2022-يىللىق مەمۇرلۇق ئىمتىھان دەرسلىكىنى تاپتىم، باھاسى 298 يۈەن ئىكەن، دەرھال سېتىۋالدىم ھەمدە قېيىن ئىنىمنىڭ دىققىتىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئازراق تېخنىكا ئىشلىتىپ ئۇ دەرسلىكنى تولۇق چۈشۈرۈپ، قېيىن ئىنىمنىڭ تورسىز مۇھىتتا دەرس ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كومپيۇتېرىغا قاچىلاپ بەردىم (ئەگەر سىزگىمۇ كېرەك بولسا سىزگىمۇ بېرىمەن جۇمۇ~~~///^v^\\\~~~)
دەرسنى سېتىۋېلىپ بولۇپ، ئۆزۈممۇ ئازراق كۆرۈپمۇ باقتىم، دەرسلىك گەرچە ياخشى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما قېيىن ئىنىمنىڭ تىل سەۋىيەسى ياخشى بولمىغاچقا ئۇنىڭ ياخشى چۈشىنىپ ھەزىم قىلالىشىدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم، بۇ چاغدا بىردىنلا كاللامغا ئىلگىرى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ مەخسۇس «بايان ۋە مۇھاكىمە» قىسمىنى سۆزلەيدىغان X مۇئەللىم بىلەن بىرلىكتە «بايان ۋە مۇھاكىمە» ئۈن دەرسلىكىنى ئىشلىگەنلىكىمىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئاشۇ ئۈن دەرسىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن، قايتىدىن يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئاڭلاپ چىقتىم.
12 يىل بۇرۇن مەن «بايان ۋە مۇھاكىمە» ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولغاندا، ئۆزەمنىڭ يارامسىزلىقىدىن ئېچىنغان ئىدىم. X مۇئەللىمنىڭ بۇ دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزەمدىن بىكار ئاغرىنىپ يۈرگىنىمنى، ئەسلىدە ياخشى ئوقۇتقۇچى ۋە ياخشى دەرسلىككە ئېرىشەلمىگەچكە، ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى ئىزچىل قالايمىقان تىپىرلاپ يۈرگىنىمنى ھېس قىلدىم. شۇ چاغدا بۇ دەرسلىكنى ئاڭلاپ ماھىيىتىدىن چۈشەنسە «بايان ۋە مۇھاكىمە» دېگەنمۇ تايىنلىق نەرسە ئىكەنغۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، شۇغىنىسى ئىمتىھانغا قاتنىشىش يېشىم ئارتىپ كەتكەچكە يەنە بىر قېتىم داغدا قالدىم، بىرىنچى قېتىم بىلمەسلىكتىن ھەسرەتتە قالسام، ئىككىنچى قېتىم بىلگەنلىكتىن پۇشماندا قالدىم.
بۇ قېتىم بۇ دەرسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئاڭلاپ چىقتىم ۋە بۇ دەرسلىكنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىتى زور ئىدى. مېنىڭچە مەلۇم خىل نەرسە ئەگەر ئۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى كۈچلۈك بولسا، ھاجەتمەنلەر ياخشى كۆرسە ئۇنىڭ قىممىتى يەنىلا ساقلانغان بولىدۇ. يەنى بۇ دەرسلىكتە سۆزلەنگەن ئىمتىھان بېرىشتە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى، سوئال تەھلىل تاكتىكىلىرى، يېزىقچىلىق ماھارەتلىرى ۋە تەھلىللىرى كۆپ خىل نۇقتىلارغا تۇتاشقان بولۇپ، ئەستايىدىل ئاڭلىغان ئادەم «بايان ۋە مۇھاكىمە» ئىمتىھانىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق ئىگىلەپلا قالماي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، پىسخولوگىيە، لوگىكىلىق تەپەككۈرىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
بۇ ئۈن دەرسىنى قايتا ئاڭلاۋېتىپ شۇنى ئويلاپ قالدىم، ياخشى سۆزلەنگەن بىر دەرسنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ئوقۇتۇش مۇددىئاسى ئېنىق بولۇش، ئوقۇتۇش مەزمۇنى توغرا ۋە ئەتراپلىق بولۇش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جانلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ماس بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردىمى بولۇش قاتارلىقلار بەلكىم بىر سائەتلىك مۇۋاپپەقىيەتلىك دەرسنىڭ ئۆلچىمى بولسا كېرەك.
بۇ ئۈن دەرسى ماڭا يۇقىرىقىدەك مۇلاھىزىلەرنى سوۋغا قىلدى، دېمەك مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر مەندىنمۇ بەكرەك نەپكە ئېرىشەلىشى مۈمكىن. شۇڭا X مۇئەللىمنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ دەرسلىكنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھەقلىق بەھىرلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇشنى قارار قىلدىم. سىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال بۇ دەرسلىكنىڭ ئىچىدىكى ئىككى دەرسنى ھەقسىز ئاڭلاپ سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىقنى ئاڭلىق قارار قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ، مېنىڭچە سىز ھەقسىز ئاڭلىغان ئىككى دەرستىن كېيىن چوقۇم ئەقلىي خۇلاسە چىقىرالايسىز. ئەگەر يەنىلا بۇ دەرستىن مۇھىم نۇقتىلارنى ئىگەللىيەلمىگەن بولسىڭىز، سىزگە تەۋسىيەرىم سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇ دەرسلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالسىڭىز بولمايدۇ.
مەيلى سىز بۇ قېتىم دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان بولۇڭ ياكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان بولۇڭ، مەزكۇر «بايان ۋە مۇھاكىمە»--(نەزەرىيە، سوئال ئىشلەش، تەھلىل قىلىش تاكتىكىلىرى) دەرسلىكىنىڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىشنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە تاكتىكىلىرىنى جانلىق ئىگىلەپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھان سەپىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىڭىزغا ئالاھىدە ياردىمى بولۇشىنى تىلەيمەن.
ئەگەر بۇ تور دەرسخانىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئاڭلاشنى خالىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئاڭلاڭ.

سىكاننېرلاڭ!
ھەر قانداق مەسلىگە يولۇقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ياردەم سوراڭ!
(ئەسكەرتىش: مەزكۇر دەرسلىكنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدىكى ئەڭ يېڭى ماتېرىياللار، دەرسلىكلەر سوۋغا قىلىنىدۇ، ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئۈندىدارنى قوشۇپ ئېرىشىڭ!)

مەزكۇر يازمىنى ئەتراپىڭىزدىكى مەمۇرىيلىق ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ھەر بىر ئىمتىھان بەرگۈچىگە، ئۇلارنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرىغا ھەمبەھرلىنىپ قويغايسىز.