大数跨境

بىر تۇتاش كۆچۈشتە، ئۆي تاللاش كېرەكمۇ ياكى پۇلنى تاللاش كېرەكمۇ؟

بىر تۇتاش كۆچۈشتە، ئۆي تاللاش كېرەكمۇ ياكى پۇلنى تاللاش كېرەكمۇ؟ Nepkar
2022-03-12
0
导读:بىر تۇتاش كۆچۈرۈلگەن كەنت ئاھالىلىرى ھۆكۈمەت تارقاتقان ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
كۆچمەنلىك ئىزچىل تۈردە دۇنياۋى قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلدى. 1949-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىزدە قۇرۇلۇش ئۈچۈن يەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ كۆچۈرۈلگەن ئاھالە 80 مىليوندىن ئاشتى. كۆچمەنلەرنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، سۇ ئامبىرى كۆچمەنلىرى، ئېكولوگىيەلىك كۆچمەنلەر قاتارلىقلار بار. ئەگەر كۆچمەنلەرنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشى، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولساق، يەنە كۆچمەنلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. 
ئەمەلىي قۇرۇلۇش جەريانىدا، كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈشى كۆپىنچە پاسسىپ ھالەتتە بولىدۇ. يېزىلارنىڭ بىر تۇتاش كۆچۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت كۆچمەنلەرگە تولۇقلىما بېرىدۇ. مەسىلەن، بىر تۇتاش تۇرالغۇ ئۆي ياكى بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەش. بۇنداق ۋاقىتتا، ئۆي تاللامدۇق ياكى پۇل تاللامدۇق؟ كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى. 


1. بىر تۇتاش كۆچۈرۈش 
2021-يىلى مەركەز 1-نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئېلان قىلغاندا، زامانىۋى يېزا كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ تەدبىر دېھقانلارنى كەسىپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈندۇر. كەسىپ تەرەققىياتى ئەزەلدىن يېزا -كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ كەلدى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالاقە تورى + يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. 
يېزىلارنى بىر تۇتاش كۆچۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا بۆلۈنۈش ۋە قايتا قۇرۇش جەريانىدۇر. كۆچمەنلەر ئەسلىدىكى مۇھىت ۋە مەھەللىدىن ئايرىلىپ، تېزدىن يېڭى مۇھىتقا سىڭىپ كىرىشى كېرەك. يېزىلارنى بىر تۇتاش كۆچۈرۈش كەنت ئاھالىلىرىنى بىر تۇتاش يېڭى مۇھىتقا كۆچۈرۈپلا قالماي، يەنە يېزا كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ ئەمگىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
يېزىلار ئۆزگەرتىشنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەر يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن تەمىنلەش ياكى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىقلار. بىراق يېزا ئىگىلىكى، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق ئىزچىل تۈردە ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپى بولۇپ كەلدى، شۇنداقلا دېھقان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. 
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىر تۇتاش كۆچۈشى تۇرمۇش خىراجىتى چىقىمىنى كۆپەيتىدۇ. مەسىلەن، ئائىلە سايمانلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، گۈرۈچ، ماي، تۇز، كۆمۈر گازى، توك پۇلى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش. بولۇپمۇ ئىلگىرىكى ئۆزىنى ئۆزى قامدايدىغان تۇرمۇشقا سېلىشتۇرغاندا، كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، يەنى ئوتۇن قالاشتىن تەبىئىي گاز ئىشلىتىشكىچە. 


يېزىلار بىر تۇتاش كۆچۈرۈلسە، ئادەتتە چەت، يىراق جايلاردىن بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراقراق بولىدۇ. ئەگەر ئولتۇرۇشلۇق جايى بىلەن تېرىقچىلىق رايونىنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولسا، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ھەتتا يەر تېرىشتىن ۋاز كېچىپ كۆچەت تىكىشكە باشلايدۇ. بىراق دەرەخنىڭ ئۆسۈش دەۋرى ئۇزۇن بولۇپ، يەر تېرىغانغا ئوخشاش قولايلىق ھەم تېز بولمايدۇ. 
كەنت ئاھالىلىرى يۇرتىدىن ئايرىلىپ بىر تۇتاش كۆچكەندە، ھۆكۈمەتمۇ كەنت ئاھالىلىرىگە مۇناسىپ ياردەم پۇلى بېرىدۇ. مەسىلەن، ئەسلىدىكى تۇرالغۇ ئۆيگە ئوخشاش كۆلەمدىكى يېڭى ئۆي بىلەن تەمىنلەش ياكى ئەسلىدىكى تۇرالغۇ ئۆي باھاسى بويىچە ئوخشاش بولغان تۆلەم پۇلى بېرىش. ئادەتتە تۆلەم پۇلى بىر قېتىمدىلا تارقىتىلىدۇ. ئۇنداقتا، زادى ئۆي تاللاش كېرەكمۇ ياكى پۇل تاللاش مۇۋاپىقمۇ؟ 


2. ئۆي تاللامدۇق ياكى پۇل تاللامدۇق؟ 
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، بىر تۇتاش كۆچۈرۈلگەن كەنت ئاھالىلىرى ھۆكۈمەت تارقاتقان ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ياردەم پۇلى بېرىش شەكلى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: ئۆي ۋە تۆلەم پۇلى. لېكىن پەقەت شۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىسى ھەمدە چېقىش كۆچۈرۈش ئىسپاتى بار كەنت ئاھالىسىلا ئاندىن ياردەم پۇلى ئالالايدۇ. 
نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق بىر مەسىلىنى ئويلايدۇ: ئۆزى پۇل ئالسا ياخشىمۇ ياكى ئۆي ئالسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولامدۇ؟ ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تارقاتقان تۆلەم پۇلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى تۇرالغۇسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نوپۇس سانىغا ئاساسەن تەقسىم قىلىنىدۇ. 


بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق، يەنى تۆلەم پۇلى بىر قېتىمدىلا تارقىتىلىدۇ. تۆلەم پۇلىنى ئالغان كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى ئۆي سېتىۋالسا ياكى ئۆزى ئۆي سالسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆلەم پۇلى شۇ جاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمەيدۇ. لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا يېتىدۇ. 
ئەگەر يېڭى ئۆي تاللىغان كەنت ئاھالىسى بولسا، ئادەتتە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىراق ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. يېڭى ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى ئادەتتە ئەسلىدىكى ئۆيلەر بىلەن 1:1 نىسبەتتە بولىدۇ، باشقا رايونلاردا باشقا ئېتىبار بېرىلىدىغانلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. 


بىراق بەزى كەنت ئاھالىلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تولۇقلىما پۇلى ئېلىشنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە مەيلى ئۆي تاللاش ياكى تولۇقلىما ياردەم پۇلى تاللاش بولسۇن، پەقەت نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالىسىلا بولدى. ياردەم پۇلىنى تاللىغان كەنت ئاھالىلىرى بۇ پۇللارنى قانداق ئىشلىتىشنى ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك. 
يېڭى ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى ئۆي ئىجارە ئېلىش كېرەكمۇ؟ ياكى ئۆزى ئۆي سېلىپ، ئېشىپ قالغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئامانەت قويۇش كېرەكمۇ؟ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياردەم پۇلى تەقسىم قىلغاندا، قولىدىكى مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەستە تۇتۇش كېرەك. ئېشىپ قالغان مەبلەغنى بانكىغا قەرەللىك ئامانەت قويۇش ئارقىلىق، قولىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋېتىشتەك ئوڭايسىز ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 
ئەگەر تۇرمۇش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان كەنت ئاھالىسى بولسا، ياردەم پۇلىنى تاللىسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاللىشى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئۆزى ياقتۇرجان جايدىن ئۆي سېتىۋالسا ياكى ئازراق پۇل قوشۇپ شەھەرگە بېرىپ ئۆي سېتىۋالسا بولىدۇ، كېيىن پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. 
ئەگەر ھازىر قولىدا قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسى بولسا، بىۋاسىتە ئۆي تاللىسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئارتۇقچە پۇل خەجلىمەيلا مۇقىم تۇرالغۇغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە ئىلگىرى تونۇش بولغان قوشنىلار بىلەن بىللە تۇرسا، يېڭى مۇھىتتا تېخىمۇ ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ. 


3. بۇ ئۈچ خىل ئۆيگە دىققەت قىلىڭ!
يېزا ئاھالىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. يېزىلار كەنت ئاھالىلىرى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان سورۇن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلار ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىغان جاي. شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يېزىلار بىر تۇتاش كۆچۈرىلىدۇ. 
ئادەتتە كۆچۈرۈش چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش قىلىپ ئاھالە كۆچۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئاھالە كۆچۈرۈش، گېئولوگىيەلىك ئاپەت ياكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئاھالە كۆچۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈش قاتارلىقلار بار. يېزىلارنى بىر تۇتاش كۆچۈرۈش پەقەت ئۆي كۆچۈشلا ئەمەس، ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىپە. 
بىراق، ئۈچ خىل ئۆي چېقىلغاندىن كېيىن پۇل ئالالمايدۇ. ئەگەر ئۆيدە ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە بۇ ئۈچ خىل ئۆي بولسا، چوقۇم ئالدىن بىلىپ چۈشىنىش كېرەك. 
بىرىنچى خىلى، ئەگەر ئۆي تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ سېلىنغان بولسا، بۇ خىل ئۆيگە ھەرقانداق قىلىپمۇ تۆلەم ئالغىلى بولمايدۇ
ئېلىمىزنىڭ يەر قانۇنىدا تېرىلغۇ يەرنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، ئۆي سېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر بەزىلەر تېرىلغۇ يەرنى ئۆزىنىڭ دەپ خالىغانچە قالايمىقان ئۆي سالسا، زىياننى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. 


ئىككىنچى تۈردىكى ئۆيلەر شەھەر ئاھالىلىرى يېزىلاردا قانۇنغا خىلاپ ھالدا قالايمىقان سالغان ئۆيلەر
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا شەھەر ئاھالىلىرى يېزىلاردا قانۇنغا خىلاپ ھالدا قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان ئۆي بولسا، تەبىئىي ھالدا تولۇقلىمىغا ئېرىشەلمەيدۇ. 

ئەڭ ئاخىرقى بىر خىلى مۈلۈك ھوقۇقى كىنىشكىسى ياكى ئۆيلۈك يەر ئىسپاتى يوق بولغان ئۆيلەر
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى چەكلىك، قانۇن ئېڭى تېخىمۇ ئاجىز. ئىلگىرى ئۆيلۈك يەرگە سېلىنغان ئۆيلەرگە ئۆي مۈلۈك ئىسپاتىنى ۋاقتىدا بېجىرمىگەن بولسا، ئاخىرىدا، ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكى بولمىغاچقا، تەبىئىي ھالدا تۆلەم پۇلىنى ئوڭۇشلۇق ئالالمايدۇ.
ئەگەر ئۈچىنچى تۈردىكى ئۆيلەر ۋاقتىدا ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى بېجىرسە، تۆلەم پۇلىنى ئالالايدۇ. پەقەت بۇ سىياسەت 2021-يىلىدىن كېيىن كۈچتىن قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيلۈك يەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قالايمىقان سالغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۆيدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋاللار بار كەنت ئاھالىلىرى، چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. 
خۇلاسە: 
يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر، يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيەسىنى قاراتمىلىق ھالدا ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا مەسىلىسى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ياخشىلاش، يېزا-كەنتلەرنى كەسىپلەشتۈرۈشمۇ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. 
رەسىم
يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرىمۇ يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ بىر تۇتاش كۆچىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت يېڭى ئۆي بېرىش ياكى بىر قېتىمدىلا تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ. بۇ خىل تاللاش سوئالىنى كۆرگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۆي تاللاش كېرەكمۇ ياكى پۇل تاللاش كېرەكمۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قايسىسىنى تاللاشتىن قەتئىينەزەر، ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن قارار چىقىرىش كېرەك. بۇنى كۆرۈپ چىققان، سىز ئۆي تاللامسىز ياكى ياردەم پۇلمۇ؟ سۆز قالدۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0