大数跨境

​دۆلەت 20 مىليارد يۈەن پۇل تارقىتىدۇ، كىملەر ئالالايدۇ؟

​دۆلەت 20 مىليارد يۈەن پۇل تارقىتىدۇ، كىملەر ئالالايدۇ؟ Nepkar
2022-03-15
2
导读:مەركەز مالىيەسى 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق تول

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----

يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق تولۇقلىما بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئېلىپ كەلگەن ئاشلىق تېرىش چىقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى پەسەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ. 

سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يەرلىكنىڭ مەشغۇلات قىلىشى، ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى تولۇقلىما تارقىتىشتا 2021-يىلىدىكى ئالاقىدار سىياسەتلەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى ئەمەلىي ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار بولىدۇ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ھۆددە يېرىدىن پايدىلىنىپ ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار، شۇنداقلا يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشلىق تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرغانلىرىدا، مۇلازىمەت قىلغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ توختام (كېلىشىم) ىدىكى پۈتۈم بويىچە، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتىنى يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بېكىتسە بولىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەش تەننەرخىنى ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغۇچىغا تولۇقلىما بېرىش كېرەك. يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئاشلىق تېرىيدىغان شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارغا قارىتا، ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى ئىمزالانغان ئوبوروت توختامى (كېلىشىمى)گە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى جايلار ئالاقىدار ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال بېكىتىدۇ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ياردەم پۇل ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. تارقىتىش ئۇسۇلىنى جايلار 2021-يىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەر ئاساسىدا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ، «بىرلا رەسمىيەت بىلەن بېجىرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تولۇقلىما مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش كېرەك. 

مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار دىققىتىنى ئەمەلىي ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا مەركەزلەشتۈرۈشى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، تارقىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، سىياسەت تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلىشى، تېزدىن تولۇقلىما بېرىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياردەم پۇلىنى تېزدىن ئەمەلىي ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى سالونىدىن ئېلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!




【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0