大数跨境

مىكروسوفتنىڭ 68 مىليارد 700 مىليون دوللىرى ۋە تېڭشۈن

مىكروسوفتنىڭ 68 مىليارد 700 مىليون دوللىرى ۋە تېڭشۈن Nepkar
2022-01-20
0
导读:ھەممە ئادەم ما خۇاتېڭنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى، تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ تېخىمۇ ئادەتتىكى شىركەت ئەمەس


Activision blizzard تىلغا ئېلىنسىلا «ئالۋاستى (魔兽)»نى بىلمەيدىغان ئادەم يوق. 
بۇ 80-، 90-يىللىرى تۇغۇلغان ئىككى ئەۋلاد ئويۇنچىلارنىڭ ياشلىق باھارى. ھازىر مىكروسوفت 68 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ پۈتۈن دۇنيادىكى 80-، 90-يىللىرى تۇغۇلغان ئىككى ئەۋلاد ئويۇنچىلارنىڭ ياشلىق باھارىنى سېتىۋالدى.
ئويۇن ساھەسىدە Activision blizzard بىر ئابىدە. Activision blizzard ياساپ چىققان داڭلىق ئويۇنلاردىن «ئالۋاستىلارنىڭ زومىگەرلىك تالىشىشى (魔兽争霸)»، «پىلانتلار ئارا زومىگەرلىك تالىشىش (星际争霸)»، «قاراڭغۇلۇق بۇزغۇچىسى (暗黑破坏神)»، «ئالۋاستىلارنىڭ دۇنياسى (魔兽世界)»، «قاراۋۇللۇق ئاۋانگارتى (守望先锋)» ھەمدە «ئوچاق تاش رىۋايىتى (炉石传说)» قاتارلىقلار بار.
بۇلارنىڭ ھەممىسى كىلاسسىك ئويۇن IP غا تەۋە. «ئالۋاستى دۇنياسى» كىنو قىلىپ ئىشلەنگەندە، سانسىزلىغان ئالۋاستى ئويۇنچىلىرى كىنو تۈگىگەندە: «قەبىلە ئۈچۈن!»، «ئىتتىپاق ئۈچۈن!»، «ھايۋانلار مەڭگۈ قۇل بولمايدۇ!» دەپ چوقان سېلىشقان ئىدى.


80-، 90-يىللاردىكى ئويۇنچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ كىلاسسىك شوئارلارنى توۋلىغان چاغدا، سانسىزلىغان ياشلىق ئەسلىمىلىرى خۇددى تاشقىنغا ئوخشاش ئېتىلىپ چىقىپ، ياشلىق باھارى، مۇھەببىتى، دوستلۇقىنى گىرەلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۆزىگە ياش ئالغۇزغان ئىدى.
يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى Activision blizzard خۇددى بىر مۇقەددەس قەسىرگە ئوخشايدۇ. ئۇ سان-ساناقسىز ئويۇنچىلارنىڭ مەنىۋى مۇقەددەس جايى بولۇپلا قالماستىن، يەنە سان-ساناقسىز ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئىنتىلىدىغان جاي. بىر جۈملە «Activision blizzard ئىشلىگەن مەھسۇلات چوقۇم ئېسىل مەھسۇلاتقا تەۋە!» دېگەن سۆز، Activision blizzard ئويۇنىنىڭ ئەڭ ياخشى باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ قالغان.


Activision blizzard شانلىق دەۋر ياراتقاندا، جۇڭگودىمۇ بىر تۈركۈم باشلامچى ئويۇن شىركەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، ئەڭ بۇرۇن «ئالۋاستى دۇنياسى»نىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى ئالغان توققۇزىنچى شەھەر، كېيىن «ئالۋاستى دۇنياسى»نىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى بۇلاپ كەتكەن ۋاڭيى ۋە «بۇرچ چاقىرىقى (使命召唤)» يانفون ئويۇنىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى ئالغان تېڭشۈننىڭ ھەممىسى Activision blizzard ئويۇنىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەردۇر.
لېكىن، Activision blizzard نىڭ ئويۇنى ئۇچ ئويۇنىدىن باش كۆتۈرۈپ، يانفون ئويۇنىدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. ئويۇن ئۇچى يانفون ئويۇنىغا يۈزلەنگەندىن كېيىن، Activision blizzard نىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئىلگىرىكى كىلاسسىك IP لار، مەسىلەن، «ئالۋاستى (魔兽)»، «پىلانتلار ئارا زومىگەرلىك تالىشىش (星际争霸)»، «قاراڭغۇلۇق بۇزغۇچىسى (暗黑破坏神)» قاتارلىقلار بارا-بارا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.
Activision blizzard زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بۇ كۈنلەردە، ئۇچ ئويۇن بازىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇشت ئويۇنى ۋە V مۇنبىرى تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىندى، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەھرىمانلار ئىتتىپاقى ۋە DOTA2. Activision blizzard مۇ خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا غىل-پال كۆرۈنۈپ قويۇپلا يوقاپ كەتتى.


بۇ قېتىملىق چوڭ قوشۇۋېلىشتا، جۇڭگونىڭ ئويۇن شاھى تېڭشۈن يەنە يەڭدى.
گەرچە ما خۇاتېڭ تېڭشۈننىڭ پەقەت بىر ئادەتتىكى شىركەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، خۇددى ئۇ ئۆزىنى بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان دېگەندەك. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس، ئادەتتىكى شىركەت ئەمەس، بەلكى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىگە «ئادەتتىكى» دېگەن سۆزنى قالپاق قىلىپ كىيىۋالغۇچى خالاس. بىراق، يەر شارىلىقلارنىڭ ھەممىسى ما خۇاتېڭنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى، تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ تېخىمۇ ئادەتتىكى شىركەت ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ.


شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پۈتۈن يەر شارى ئويۇن ساھەسىدە، تېڭشۈن ئاللىقاچان يېڭىپ بولدى.
بەزىلەر بەلكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن، تېڭشۈن 2016-يىلىلا ئۆزىنىڭ Activision blizzard نىڭ %5 پاي ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما نۆۋەتتە Activision blizzard نىڭ ئالدىنقى ئون چوڭ پايچىك تىزىملىكىدە تېڭشۈننىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. Activision blizzard نىڭ 10-چوڭ پايچىكنىڭ پېيى %1.18 بولغان، تېڭشۈننىڭ پېيى %1.18 تىن تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇشى كېرەك.
لېكىن بۇ تېڭشۈننىڭ زىيان تارتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېڭشۈن پاي ھوقۇقىنى ئازايتىش جەريانىدا، مەبلەغ تەننەرخىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. ئەگەر تېڭشۈننىڭ ھازىرمۇ %1 لىك پاي ھوقۇقى بار بولسا، مىكروسوفتنىڭ بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىش دېلوسىدا تېڭشۈن 687 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئالالايدۇ.
مىكروسوفتنىڭ Activision blizzard نى قوشۇۋېلىشنىڭ تېڭشۈنگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى 687 مىليون دوللار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرى شۇكى، مىكروسوفت شىركىتى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئويۇن شىركەتلىرىنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇ يەر شارى ئويۇن كەسپىنىڭ قىممىتىنى قايتا مۆلچەرلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
مىكروسوفتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، Activision blizzard نى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت تېڭشۈن ۋە سونىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ ئويۇن شىركىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى Activision blizzard نىڭ ئويۇن IP نى مېتا ئالەم دۇنياسىغا يۆتكەشتىن ئىبارەت. كەلگۈسىدە ئوينىغۇچىلار مىكروسوفتنىڭ VR قالپىقىنى ئېلىپ ئالۋاستى دۇنياسىغا كىرىشى مۇمكىن!
قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندىمۇ، مىكروسوفت شىركىتى Activision blizzard نىڭ كىلاسسىك ئويۇنلىرىنى X-Box ئويۇن سۇپىسىغا يۆتكەپ، ياپونىيە سونى، رېنتيەنتاڭ بىلەن ئومۇميۈزلۈك رىقابەتلىشىپ، مىكروسوفتنىڭ ئويۇن كەسپى تىجارەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن.


بىراق مىكروسوفتنىڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش قىلمىشى بىۋاستە دۇنيا ئويۇن شىركىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ تېڭشۈننى يەر شارى ئويۇن كەسپىدىكى يوشۇرۇن چوڭ يەڭگۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، Activision blizzard ئاجىزلىشىۋاتقان مۇشۇ يىللاردا، دەل جۇڭگو ئويۇنلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان ۋاقىت بولدى. مىخا بايرىقى ئاستىدىكى يۈەنشېن پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تېڭشۈن بايرىقى ئاستىدىكى كوزۇر ئويۇندىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئالتۇن سۈمۈرۈش ئويۇنىغا ئايلاندى. 
كۆپلىگەن كەسىپلەر دۇنياغا يۈزلىنىش داۋامىدا، جۇڭگو ئويۇنلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى سىياسەت خاراكتېرلىك توسالغۇغا ئۇچرىمىدى، شۇنداقلا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېسىشىغىمۇ ئۇچرىمىدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئويۇن گۇرۇھى بولغان تېڭشۈن تەبىئىي ھالدا جۇڭگو ئويۇنلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ نەپ ئالغۇچى بولۇپ قالدى.
2021-يىلى، پۈتۈن يەر شارىدا جەمئىي سەككىز خىل ئويۇننىڭ تىجارەت كىرىمى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، تېڭشۈن بايرىقى ئاستىدىكى «PUBG Mobile» ۋە «پادىشاھ شان-شەرىپى» بىرىنچى، ئىككىنچى بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى مىخا ساياھىتى ئىشلىگەن «يۈەنشېن» بولدى.
تۆتىنچى بولغان «Roblox»، يەتتىنچى بولغان «Candy Crush Saga» ۋە سەككىزىنچى بولغان «Free Fire»نىڭ كەينىدە تېڭشۈن مەبلىغى بار. تېڭشۈن مەبلىغى ئاللىقاچان پۈتۈن يەر شارى ئويۇن بازىرىنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىردى. پۈتۈن يەر شارىدىكى ئويۇن شىركەتلىرىنىڭ مۆلچەر قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، تېڭشۈننىڭ قولىدىكى پاي ھوقۇقىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.


مەيلى كونا ئويۇن شىركىتى بولسۇن ياكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئويۇن شىركىتى بولسۇن، پەقەت تېڭشۈن شىركىتىنىڭ نەزىرى تىكىلسىلا، ھەممىسىگە دېگۈدەك مەبلەغ سېلىنىدۇ.
بۇ خىل تور يېيىش شەكلىدىكى مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى تېڭشۈننى يەر شارى ئويۇن بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغچىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.
ئويۇندىن ئىبارەت بۇ بازاردا، «ئادەتتىكى شىركەت» تېڭشۈن ھەقىقەتەن يەڭدى.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408