搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
دېڭ لۈن باج ئوغرىلىغانلىقى، باجدىن قاچقانلىقتىن جەرىمانە قويۇلدى
>
دېڭ لۈن باج ئوغرىلىغانلىقى، باجدىن قاچقانلىقتىن جەرىمانە قويۇلدى
Nepkar
2022-03-17
1
导读:باج تارماقلىرى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى كەسىپكارلاردىن باج ئېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى دا
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
دېڭ
لۈن
باج
ئوغرىلىغانلىقى ۋە باجدىن
قاچقانلىقتىن
106
مىليون
يۈەن
جەرىمانە
قويۇلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15-چېسلا ئىگىلىشىچە، يېقىندا، باج يىغىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، شاڭخەي شەھەرلىك باج ئىدارىسى 4-تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئارتىس دېڭ لۈننىڭ باج ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېڭ لۇننىڭ 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ساختا كەسپ ئالماشتۇرۇش كىرىم خاراكتېرىنى ساختا مەلۇم قىلىغانلىقى، 47 مىليون 658 مىڭ 200 يۈەن شەخسىي تاپاۋەت بېجىدىن قاچقانلىقى، قالغان 13 مىليون 993 مىڭ 200 يۈەن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئاز تاپشۇرغانلىقى ئېنىقلانغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باج ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، دېڭ لۇن تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلاشقان ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن 44 مىليون 550 مىڭ 300 يۈەن باج پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن باجغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلغان. يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، شاڭخەي شەھەرلىك باج ئىدارىسى 4-تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باج ئىشلىرى مەمۇرىي جازا ئۆلچىمى بويىچە، دېڭ لۇندىن باج پۇلى ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئالىدىغانلىقى ھەمدە جەرىمانە قويۇپ، جەمئىي 106 مىليون تاپشۇرىشى كېرەكلىكىنى بېكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ساختا كەسىپ ئالماشتۇرۇش كىرىم خاراكتېرىنى ساختا مەلۇم قىلىپ باج ئوغرىلىغان بولسىمۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، 44 مىليون 550 مىڭ 300 يۈەننى تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ، 0.5 ھەسسسى بويىچە قويۇلغان 22 مىليون 275 مىڭ 200 يۈەن جەرىمانە پۇلىنى تۆلىگەن؛ ساختا كەسىپ ئالماشتۇرۇش كىرىمنىڭ خاراكتېرى ساختا مەلۇم قىلىپ، باج ئوغرىلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى تەكشۈرۈپ، تولۇقلاپ تاپشۇرمىغان 3 مىليون 107 مىڭ 900 يۈەنگە 4 ھەسسسى بويىچە 12 مىليون 431 مىڭ 600 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك باج ئىدارىسى 4-تەكشۈرۈش ئىدارىسى قانۇن بويىچە دېڭ لۇنغا باج ئىشلىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش جازا قارارىنى يەتكۈزدى.
شاڭخەي شەھەرلىك باج ئىدارىسى 4- تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى كەسىپكارلاردىن باج ئېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ ھەم باجدىن قېچىشقا ياردەملەشكەن ئالاقىدار ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرى ۋە ۋاسىتىچىلىرى، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ، باجغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى كەسىپكارلار ۋە كارخانىلارنىڭ باج قانۇنىغا ئەمەل قىلىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئادىل باج مۇھىتى يارىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0