搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
نوبېل مۇكاپاتى ۋە كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسى
>
نوبېل مۇكاپاتى ۋە كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسى
Nepkar
2022-01-23
2
导读:كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىت
2020-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى: كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسىنى بىلىدىغان كىشىلىك ھاياتتا، نۇرغۇن پۇل تېجىگىلى بولىدۇ
2020-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىپ، پائۇل مىلگروم (Paul Milgrom) ۋە روبېرت ۋىلسون (Robert Wilson) ئۇلارنىڭ كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسىگە قوشقان تۆھپىسى تەقدىرلەندى.
بۇ ھەقىقەتەن مىكرو ئىقتىساد نەزەرىيەسىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلىشىنىڭ بىرى.
2014-يىلى يازلىق تەتىلدە، مەن ئۆزۈم دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن جاي--فىرانسىيە تۇلۇس ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىغا قايتىپ ئىلمىي زىيارەتتە بولدۇم. كاتىپ ماڭا بىر ئىشخانىنىڭ ئاچقۇچىنى بەردى، ياتاق نومۇرى MF007 ئىكەن. بۇ ناھايىتى كىچىك قوش كىشىلىك ئىشخانا بولۇپ، زىيارەت قىلغۇچىلارغا ئىنستىتۇت ئىچىدە تۇرىدىغان جاي بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەن ئىشخانىغا ئورۇنلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، چىراي ئىپادىسىدىن كەسكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئەپەندى كىرىپ كەلدى، ئۇ مەن بىلەن قىزغىن سالاملاشتى، ئۆزىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا ئىكەنلىكىنى، بىردەمدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ سوئال سورىشى، سەل شاۋقۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
مەن ھېچقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ «بىردەمدىن كېيىنلا چىقىپ كېتىمەن دېدىم.» شۇ چاغدا، مەن پەقەت بۇ پېشقەدەم ئەپەندىنى تونۇشتەك ھېس قىلدىم. بۇ پېشقەدەم ئەپەندىنىڭ تۇرقىنى بىر يەردە كۆرگەندەك بولدۇم.
ئۇزاق ئۆتمەي مەن چىقىپ كەتتىم. چۈشتىن كېيىن دوكتورلۇق مەزگىلىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىللە قەھۋە ئىچىپ پاراڭلاشتىم.
يېتەكچىم:
-پائۇل مىلگروم زىيارەتكە كەلدى، ۋاقتىڭىز بولسا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
دېدى.
-ھە، ماقۇل، ئۇنىڭ ئىشخانىسى قەيەردە؟
ئۇ: MF007.
دەپ جاۋاب بەردى.
مەن: ......
شۇنداق، چۈشتىن بۇرۇن ئىشىكتىن كىرگەن ھېلىقى ئەپەندى، 2020-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى، پائۇل مىلگروم ئىدى. يەنە بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى روبېرت ۋىلسون بولسا مىلگرومنىڭ ئۇستازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش سەۋەبى كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە كىمارتۇق قىلىپ سېتىش شەكلىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىكەن.
1
كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇنجى تەسىراتى مۇنداق بولۇشى مۇمكىن:
-ھە؟ كىمارتۇق قىلىپ سېتىشنى تەتقىق قىلغانغا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ بۇ ئىش شۇنچە مۇھىممۇ؟
كىمارتۇق قىلىپ سېتىش قارىماققا بىر كىچىك كەسىپتەك كۆرۈنىدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ كۆپ ئەمەس. لېكىن كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسىنىڭ قوللىنىلىشى بىۋاسىتە ھېس قىلغانلىرىمىزدىنمۇ كەڭدۇر. چۈنكى كىمارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇقۇمى ئابستراكت بولۇپ، يەنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر باھا قويۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئاز ساندىكى بايلىقنى رىقابەتلەشتۈرىدۇ.
ئۇنداقتا ئادەتتىكى خىزمەتتە خىزمەت ئورنىغا بولغان رىقابەت، كەسىپ زەنجىرىدە يول ۋە خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە ماھىيەتتە «باھانى كۈتۈپ ئاندىن سېتىش» ئەھۋالى مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مىلگرومنىڭ رامكىسى ئاستىدا، بىر خىل كونكرېت كىمارتۇق قىلىپ سېتىش شەكلى دەپ چۈشەندۈرۈلۈپ، كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسى كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسى كىمارتۇق قىلىپ سېتىش ئورۇنلىرىدىن نەرسە سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىپلا قالماي، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ.
يەنە مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر مەپتۇن بولغان پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەمەلىيەتتە پاي چېكى بازىرى ماھىيەتتە بىر مەبلەغ سېلىش بۇيۇملىرىنى ئىككى تەرەپ كىمارتۇق قىلىپ سېتىش بازىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسىمۇ كىشىلەرنىڭ پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئاپپارات سودا خادىمى ۋە فوند دىرېكتورىنىڭ سېتىش-سېتىۋېلىش ھەرىكىتىگە ئاساسەن، بۇ ئاپپاراتلار مەلۇم پاي چېكىنىڭ ھەقىقىي مۆلچەر قىممىتى ئارىلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق بازارنىڭ داۋالغۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاقىلانە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.
كىمارتۇق قىلىپ سېتىش قارىماققا ناھايىتى ئاددىي، بىر كىمارتۇق قىلىپ ساتقۇچى ۋە نۇرغۇن رىقابەتچىلەر بار. كىمارتۇق سودىسى قىلغۇچى قائىدە تۈزۈپ، خېرىدار بولغۇچى باھا قويىدۇ. ئۇنداقتا كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسىنىڭ رولى نېمە؟
ئالدى بىلەن، خېرىدار بولغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان باھانى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ كىمارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان بۇيۇملارغا بولغان پىسخىكىلىق باھاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر ئادەم يەنە باشقىلارنىڭ پىسخىكىلىق باھاسىنى مۆلچەرلەپ، ئۆزىنىڭ باھا قويۇش مۆلچەرىنى بەلگىلەيدۇ. قانداق قىلغاندا خېرىدار چاقىرىش سانى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە خېرىدار بولغۇچى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
خېرىدار بولغۇچىنىڭ رەقىبى پەقەت ئۆزئارا (يەنى ئۆزى بىلەن رەقىبلا) ئەمەس، يەنە كىمارتۇق قىلىپ ساتقۇچىمۇ بار. كىمارتۇق قىلىپ ساتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ لايىھە قائىدىسى تۈزۈش ھوقۇقى بار، يەنى قانداق قىلغاندا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەننى تاللىسا بولىدۇ.
دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئاساسىي كىمارتۇق قىلىپ سېتىش شەكىللىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
كىمارتۇق قىلىپ سېتىش: كۆپچىلىك نۆۋەتلىشىپ باھا قويىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى باھاسى يۇقىرى بولغانلار يېڭىدۇ؛
گوللاندىيەچە كىمارتۇق قىلىپ سېتىش: باھا دەسلەپتە بەك يۇقىرى بولۇپ، توختىماي تۆۋەنلەيدۇ، ئالدى بىلەن بۇ باھانى مەن ئالدىم دېگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ؛
1-دەرىجىلىك ھىملاپ (پىچەتلىك) كىمارتۇق قىلىپ سېتىش: كۆپچىلىك باھانى قەغەزگە يېزىپ كونۋېرتقا سېلىپ، ئاچقاندىن كېيىن، باھاسى يۇقىرى بولغانلار غەلىبە قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىمارتۇق قىلىپ سېتىۋېلىش باھاسىنى تۆلەيدۇ؛
2-دەرىجىلىك ھىملاپ (پىچەتلىك) كىمارتۇق قىلىپ سېتىش: 1-دەرىجىلىككە ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، باھاسى يۇقىرىلار غەلىبە قىلىدۇ، ئەمما 2-يۇقىرى باھانى تۆلەيدۇ؛
ھەممە ئادەم پۇل تۆلەيدىغان كىمارتۇق قىلىپ سېتىش: 1-دەرىجىلىك بىلەن ئوخشاش، لېكىن ئاخىرىدا يېڭىش-يېڭىلىشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت كىمارتۇق قىلسىلا پۇل تۆلەيدۇ. لېكىن پەقەت باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغانلار كىمارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان بۇيۇملارنى ئالالايدۇ.
قانداق قىلغاندا كىمارتۇق قىلىپ ساتقۇچى ۋە كىمارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، جانلىق تاللىغىلى، ھەتتا يېڭى كىمارتۇق سودىسى شەكلىنى يارىتىپ، كىمارتۇق قىلغۇچىنى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇمۇ كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسى تەتقىق قىلىدىغان مەزمۇن.
2
ئۇچۇر ئىقتىسادشۇناسلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بولۇپمۇ مېخانىزم لايىھەسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ۋە قوللىنىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئىلگىرى ئېرىك ماسكىن (Eric Maskin) ۋە روگېر ميېرسون (Roger Myerson)نىڭ مېخانىزم لايىھەلەش جەھەتتىكى تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىلگەن نوبېل مۇكاپاتىنى تومۇرداش دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ئادەم كىمارتۇق قىلىپ سېتىشتا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. لېكىن دەسلەپكى مەزگىلدىكى كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيە قىياسى بەك قاتتىق بولۇپ كېتىپ، رېئاللىق بىلەن جىپلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس ئىدى.
مەسىلەن، ميېرسون پەرەز قىلىپ «رىقابەتچىنىڭ بىر تاۋارغا بولغان مۆلچەر قىممىتى مۇستەقىل بولۇپ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بىز رېئاللىقتا بۇنداق بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلىمىز، بەلكى بىر ئادەمنىڭ مۆلچەر قىممىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن.»
مەسىلەن، بىر ئاسار-ئەتىقىگە نىسبەتەن ئېيتساق، ئەسلىدە مېنىڭ مۆلچەر باھايىم بىر مىليون ئىدى. لېكىن سىز 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك باھا قويدىڭىز، ئۇنداقتا مېنىڭچە سىزنىڭ بىر قىسىم يوشۇرۇن يوللىرىڭىز بولۇپ، بۇ ئاسار-ئەتىقىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنىڭ 1 مىليون يۈەندىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا بۇنداق بولغاندا مېنىڭ باھا قويۇشۇم تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇ «مۆلچەر قىممەت مۇستەقىللىقى» پەرىزىگە خىلاپ.
بۇنداق ئەھۋالدا، ھەر بىر ئادەمنىڭ باھا قويۇشى ئۆزىنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مۆلچەر قىممىتى ئۇچۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئارتۇق چىققان بۇ بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئەنئەنىۋى كىمارتۇق قىلىپ سېتىش رامكىسى ئاستىدا ئويلىشىلمايدۇ.
كىمارتۇق قىلىپ سېتىش قائىدىسىنى لايىھىلەشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر قىسىم باغلىنىشلىق ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتى بار.
ئەنگلىيەچە كىمارتۇق قىلىپ سېتىشتىن ئىبارەت بۇ خىل كۆپچىلىك نۆۋەت بىلەن باھا تالىشىش جەريانى ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەم باھا مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى باھا تالىشىۋاتقان كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ يۇقىرى باھادا كىمارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ، بۇ بىر قىسىم سۇبيېكتىپلىقى كۈچلۈك كىمارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان بۇيۇملار، مەسىلەن، ئاسار-ئەتىقىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، روشەنكى، پايدىلىق.
ھىملەپ كىمارتۇق قىلىپ سېتىش بولسا بىر بولقا بىلەن ئېلىپ-سېتىش بولغاچقا، ئۇچۇر يېڭىلانمايدۇ، شۇڭا كىمارتۇق قىلىپ ساتقاننىڭ پايدىسى ئەنگلىيەچە كىمارتۇق قىلىپ سېتىشتىن يۇقىرى بولمايدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن ئاسار-ئەتىقىلەرنى كىمارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، ئەنگلىيەچە كىمارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ شۇنچە مودا بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېچىپ بەردى.
بۇ بىر خىل خېرىدار بولغۇچىلار ئارىسىدا باھا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇچۇرنى كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋە ھەمتۈرتكىلىك بولۇپ، مىلگروم ئۇنىڭغا «كۆرسىتىپ تىركىشىش (Revelation Game)» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن.
3
مىلگروم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىدە (يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر ياكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن) ئاز ئۇچرايدىغان ئادەم، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ناھايىتى بىلىملىك ئۇستاز.
ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىغا نىسبەتەن، ئىزچىل نۇرغۇن گۇمانلار بار، «سىلەرنىڭ بۇنداق ئالا-بۇلىماچ مودېلنى ياسىغىنىڭلارنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟ كىشىلەر راستتىنلا سىلەر لايىھەلىگەن مودېل بويىچە تەپەككۇر قىلامدۇ ۋە ھەرىكەت قىلامدۇ؟» دېگەندەك... بۇنداق گۇماننى قائىدە سۆزلىگەندىن كۆرە، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلىغان ياخشى. پائۇل مىلگروم Auctionomics شىركىتىنى قۇرغان، شۇنداقلا بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ شىركەت مۇنداق ئىككى خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ:
بىرىنچى، سېتىۋالغۇچى تەرەپ مەسلىھەت سوراش. خېرىدار بولغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئاز پۇل بىلەن ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان تاۋارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ ئۇ ئىلگىرى SpectrumCo غا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى 66-نومۇرلۇق كىمارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا چاستوتا سپېكترى كىمارتۇق قىلىپ سېتىش تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
SpectrumCo ئورگان تورى FAQ شەكلىدە بۇ دېلو مىسالىنى بايان قىلىپ بەرگەن. «نېمە ئۈچۈن SpectrumCo ئىشلىتىلىدۇ؟» چۈنكى يېڭى قاراش بىلەن بەزىدە نۇرغۇن پۇل تېجىگىلى بولىدۇ.»
T-Mobile ھەمدە Verizon بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوخشاش قېتىملىق كىمارتۇق قىلىپ سېتىشتا، SpectrumCo نىڭ خېرىدار بولۇش باھاسى 1 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن تېجەپ قېلىنغان (SpectrumCo پەقەت 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق چىقىم قىلغان، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، T-Mobile ۋە Verizon نى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدى دېيىشكە بولىدۇ)، بۇمۇ ئامېرىكىنىڭ چاستوتا سپېكترى كىمارتۇق قىلىپ سېتىش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ باھا پەرقى، ھەتتا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى (FCC)نىڭ كىمارتۇق قىلىپ سېتىش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن--كىمارتۇق قىلىپ سېتىش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش ئىشىدا، پۈتۈن دۇنيادا يەنە مىلگرومدىن تېخىمۇ مۇۋاپىق لايىھەلىگۈچى تاپقىلى بولامدۇ؟
مانا بۇ Auctionomics نىڭ ئىككىنچى كەسپى--ساتقۇچىنىڭ كىمارتۇق قىلىپ سېتىش مېخانىزمىنى لايىھەلىشىگە ياردەم بېرىش. ئامېرىكا FCC، تەبىئىيلا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ مىلگرومنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ لايىھەلىگەن ئۆزگەرتىش تىپىدىكى ئەنگلىيەچە كىمارتۇق قىلىپ سېتىش--ماس قەدەمدە كۆپ قېتىم كىمارتۇق قىلىپ سېتىش (Simutaneous Multi-round Auction) مېخانىزمى FCC نىڭ كىمارتۇق قىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. بۇ كىلاسسىك مىسالمۇ ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ نەزەرىيەنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان مىسالى بولۇپ قالدى.
بىر شىركەتنى سودىدىكى ئىككىلا تەرەپنى يۇقىرى باھادا مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچى دەپ قارىغان.
سودىنى مۇشۇ دەرىجىدە قىلالىسا، ئۇنىڭ كەينىدە دەل پائۇل مىلگرومنىڭ تەڭداشسىز كىمارتۇق قىلىپ سېتىش نەزەرىيەسىنىڭ تىرەكلىك رولى بار.
4
پائۇل مىلگرومنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ ھەقىقەتەن مىكرو ئىقتىساد نەزەرىيەسىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلىشىنىڭ بىرى.
ئاخىرىدا قىستۇرۇپ قويىدىغىنىمىز، گەرچە پائۇل مىلگروم كىمارتۇق قىلىپ سېتىش لايىھەسىدە، كىمارتۇق قىلىپ ساتقۇچى بىلەن خېرىدار بولغۇچىنىڭ پىسخىكىسىنى ئوچۇق ھېسابلاپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما پەقەت نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ كۆڭلىدىكىنى توغرا ھېسابلىمىغان.
نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئالاقىلاشقان بولسىمۇ ئالاقىلىشالمىغان. ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ قوشنىسى-يەنە بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى روبېرت ۋىلسون يېرىم كېچىدە ئىشىك چېكىپ ئاندىن ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئۇقتۇرغان.
ئەگەر پائۇل مىلگروم جەمئىيەتنىڭ تاللاش نەزەرىيەسى جەھەتتە كۈچ چىقارسا، كېلەر قېتىم ئەگەر مۇكاپات كومىتېتىنىڭ خىيالى ۋە بېلەت تاشلىشىنى مۇۋاپىق ھېسابلاپ چىقالىسا، يەنە ئىككىنچى قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتقا ئېرىشىشى مۇمكىن!
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0