大数跨境

دۆلەت كوماندىسىنىڭ بازارنى قۇتقۇزۇشى قانداق ئۇقۇم؟

دۆلەت كوماندىسىنىڭ بازارنى قۇتقۇزۇشى قانداق ئۇقۇم؟ Nepkar
2022-03-17
2
导读:ھازىر خەلقئارا بازاردا پاي چېكى بازىرىنى تەڭشەش فوندى تەسىس قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار كۆپ ئەمەس...

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
يېقىندا چەتئەل مەبلىغى ۋە شىياڭگاڭ مەبلىغىنىڭ بازاردىن چىكىتىشى سەۋەبلىك ئاكسىيە بازىرىدا چوڭ داۋالغۇش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پايلار بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. 3-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەن يىغىن ئاچقاندىن كېيىن بازار ئەسلىگە كەلدى.
بىز مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھۋاللار يۈز بەرگەن چاغلاردا دۆلەت كوماندىسى بازارنى قۇتقۇزدى دېگەن گەپلەرنى ئاڭلايمىز. 
ئەلۋەتتە، سىزدە بەلكىم بازارنى قۇتقۇزۇش دېگەن نېمە؟ دۆلەت كوماندىسى كىم؟ دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەبلىغى قەيەردىن كېلىدۇ؟ دېگەندەك سۇئاللارنىڭ پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. 

ئۇنداقتا، بىز بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى.
دۆلەت كوماندىسى 1995-يىلىدىن باشلاپ تەدىرىجىي شەكىللەنگەن. لېكىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ بازارنى قۇتقۇزۇشى 2015-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو پۇل-مۇئامىلە ئاكسىيە ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا پەيدا بولغان، بۇ قېتىمدا بازار قىممىتى 2.8 تىرىليون يۈەن پارلىنىپ كەتكەن. 
شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت كوماندىسى رەسمىي ھالدا مەيدانغا چىققان تۇنجى كۈن ھېسابلىنىدۇ. 
دۆلەت كوماندىسى دېگىنىمىز جۇڭگو ئاكسىيە پۇل مۇئامىلە شىركىتى باشچىلىقىدىكى جۇڭشىن، گۇاڭفا، خۇاتەي، خەيتوڭ، فاڭجېڭ قاتارلىق 21 ئاكسىيە شىركەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بازارنى قۇتقۇزۇش كوللىكتىپىنى كۆرسىتىدۇ. 
دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرى تۆۋەندىكىچە:
جۇڭشىن ئاكسىيەسى، خەيتوڭ ئاكسىيەسى، جۇڭگو سامانيولى ئاكسىيەسى، گۇاڭفا ئاكسىيەسى، شېنۋەن خوڭيۈەن ئاكسىيەسى، سودىگەر چاقىرىش ئاكسىيەسى، گوتەي جۈنئەن ئاكسىيەسى، گوشىن ئاكسىيەسى، جۇڭشىن قۇرۇلۇش بانكىسى مەبلەغ سېلىش ئاكسىيەسى، خۇاتەي ئاكسىيەسى، دوڭفاڭ ئاكسىيەسى، ئەنشىن ئاكسىيەسى، گۇاڭدا ئاكسىيەسى، فاڭجېڭ ئاكسىيەسى، دوڭشىڭ ئاكسىيەسى، چاڭجىياڭ ئاكسىيەسى، دوڭۋۇ ئاكسىيەسى، غەربى جەنۇب ئاكسىيەسى، گوجىن ئالتۇن شىركىتى، چىلۇ ئاكسىيەسى قاتارلىقلار.
دۆلەت كوماندىسى پاي بازىرىغا دۆلەتنىڭ مەبلىغىنى سالىدۇ، دۆلەت كوماندىسى غايەت زور مەبلەغنى باشقۇرۇپ، پاي بازىرى يۈزلىنىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ، مەبلەغنىڭ داۋاملىق ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنى توسىدۇ، مەبلەغدە چاقماق تېزلىكىدە غايىپ بولۇش پەيدا بولسا بولمايدۇ، شۇڭا دۆلەت كوماندىسى دېيىلگەن.
بازارنى قۇتقۇزۇش ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىر خىل ھەرىكىتى، ئادەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سىياسىتى ياكى پۇل سىياسىتى ئارقىلىق بازارغا مەبلەغ كىرگۈزۈپ، بازارنىڭ ئوبورتچانلىقىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. بازارنى قۇتقۇزۇش ئۇ ھەرگىزمۇ پاي چېكى كۆرسەتكۈچىنى قۇتقۇزۇش، يەنى ئۇنى ئۆستۈرۈش ئەمەس، بەلكى بازاردىكى سىستېمىلىق خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەشۋىشنى يوقىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيىتقاندا، ھۆكۈمەت يۇقىرىدىكى سىياسەت بىلەن پاي بازىرىغا مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق، بازارنىڭ تاق يۆنىلىشلىك ھالەتتە چوڭ نىسبەتتە چۈشۈپ كېتىپ، پاي بازىرى ۋەيران بولۇش، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەبلەغ كىرگۈزگۈچى بىر تەرەپ بازارنىڭ ئوبورتچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە بىر تەرەپ بازارنىڭ ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، بازاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھودۇققىنىدىن قولىدىكى پاينى تۆكمە قىلىپ سېتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ماھىيەتتە بولسا ھۆكۈمەت باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىپ بازارنىڭ مۇقىملىقى ۋە قىسمەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەبلىغى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ يىللىق كارخانا پۇلى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ زور نىسبەتتىكى پېيىنى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرغان ئورۇنلار، مەسلەن مەركەز تاشقى پېرۋوت، ئالتۇن مەبلەغ سېلىش شىركىتى، جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ، بۇلار ئاساسلىق دۆلەت كوماندىسى مەبلىغىگە تەۋە.
دۆلەت كوماندىسىنىڭ بازارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومېتىتى ۋە مەركىزى بانكىمۇ بىۋاسىتە قول تىقىدۇ.
ئۇنداقتا، دۆلەت كوماندىسى بازارنى قانداق قۇتقۇزىدۇ؟
پاي چېكى بازىرىنى تەڭشەش فوندى يەنە پاي چېكى بازىرىغا ئارىلىشىش فوندىمۇ دېيىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت ئالاھىدە ئاپپارات ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە قۇرغان فوند بولۇپ، بۇ خىل فوند ئاكسىيە بازىرىغا قارىتا تەتۈر يۆنىلىشلىك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاكسىيە بازىرىدىكى غەيرىي خاراكتېرلىك كۈچلۈك داۋالغۇشنى تەڭشەيدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي مېخانىزمى مەركىزىي بانكىنىڭ ئاشكارا مەشغۇلاتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. خەلقئارا تەجرىبە جەھەتتىن قارىغاندا، پاي چېكى بازىرىنى تەڭشەش فوندى پاي چېكى بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە ھەقىقەتەن گەۋدىلىك رول ئوينايدۇ. 
مەسىلەن، پاي چېكى بازىرىدا غەيرىي خاراكتېرلىك شىددەت بىلەن چۈشۈش، پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىش قىممىتى گەۋدىلەنگەندە سېتىۋېلىش؛ پاي چېكى بازىرىدا كۆپۈك يامراپ، ھايانكەشلىك كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ تۆكمە قېلىپ سېتىش شەكلى ئەۋج ئالغان چاغدا، پاي چېكى بازىرىدىكى غەيرىي خاراكتېرلىك داۋالغۇشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاكسىيە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تەڭشەش فوندىنىڭ مەنبەسى قانۇندا بەلگىلەنگەن يول ياكى ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بولىدۇ، مەسىلەن، دۆلەت مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىش، ئاكسىيە بازىرىغا قاتناشقان ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئېلىش قاتارلىقلار، ئۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سېتىۋالغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا نورمىلىق سېتىپ بېرىشنى چەتكە قاقمايدۇ. 
ئۇ بىر خىل سىياسەت خاراكتېرلىك فوند بولۇپ، ئاساسلىقى ئاكسىيە بازىرىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. 
ھازىر خەلقئارا بازاردا پاي چېكى بازىرىنى تەڭشەش فوندى تەسىس قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار كۆپ ئەمەس، ئاساسلىقى جۇڭگو شياڭگاڭ، ياپونىيە ۋە جۇڭگو تەيۋەن بار. مەشغۇلات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە مەغلۇپ بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
بۇنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىسالى شياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 1998-يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە دوكارلىرىغا قارىتا بىر مەيدان مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى. 
1998-يىلى 8-ئايدا، سوروس قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلقئارا دوكارلار شياڭگاڭنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ۋە شياڭگاڭ پاي چېكى بازىرىغا قارىتىلغان «ئىستېرېئولۇق» ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، سوروس باشقا مالىيە كۈچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۆز قارمىقىدىكى فوندقا قوماندانلىق قىلىپ شىياڭگاڭ پۇلىنى سېتىشقا باشلىدى، ئۈچ قېتىملىق زەربىدە شىياڭگاڭدا كۆپ يىللىق يولغا قويۇلغان بىرلەشمە پېرۋوت نىسبىتى، 
شياڭگاڭ پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «سوروسنىڭ داڭق چىقىرىشى--فوندستېرلىڭغا توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.) 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، خېڭشېڭ كۆرسەتكۈچى 6500 نۇقتىغا يېقىن تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇ ئەينى چاغدىكى يېقىنقى بەش يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن باھا بولۇپ، شياڭگاڭ ھۆكۈمىتى پاي چېكى بازىرى ۋە قەرەللىك بازارغا ئارىلىشىشنى قارار قىلىپ، 118 مىليارد شياڭگاڭ پۇلى تاشقى پېرېۋوت فوندىنى ئىشلىتىپ شياڭگاڭنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالدى، دوكارلار پاي چېكىنى توختىماي تۆكمە قىلىپ ساتتى، شياڭگاڭ ھۆكۈمىتى بولسا زور كۈچ بىلەن سېتىش باھاسىنى قوبۇل قىلدى. 14-چېسلادىكى «كەسكىن ئېلىشىش» ئارقىلىق، شياڭگاڭ ھۆكۈمىتى دوكارلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىندۈردى. 
8-ئاينىڭ 28-كۈنى خېڭشىڭ كۆرسەتكۈچى 7829 نۇقتىدا بازار يېپىلىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 79 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا يېتىپ، بىر كۈنلۈك پۈتۈشۈش تارىخىدا تارىخىي يېڭى رېكورت ياراتتى. ئارقىدىنلا، شياڭگاڭ مالىيە مەھكىمىسى دەرھال تاشقى پېرېۋوت فوندى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، «بازارغا كىرىش» ھەرىكىتىدە سېتىۋالغان پاي چېكىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدى. 2001-يىلىغىچە بولغان 32 ئاي ئىچىدە، شىياڭگاڭ ھۆكۈمىتى شۇ چاغدا ئىشلەتكەن تاشقى پېرېۋوت فوندى پۈتۈنلەي يىغىۋېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 110 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى. 2002-يىلى تاشقى پېرېۋوت فوندى پايدىغا ئېرىشىش فوندى ئارقىلىق قولىدىكى شياڭگاڭ پېيىنى شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ قولىغا كىرگۈزۈپ، «بازارنى قۇتقۇزۇش» تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. 
2015-يىلىدىكى پاي ئاپىتى مەزگىلىدە، دۆلەت كوماندىسى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قىلىپ مەبلەغ سالغان چاغدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ۋەزنى ئېغىر بولغان باشلامچى پايلارغا مەبلەغ سېلىپ داۋاملىق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چۈشۈشنى توختاتتى. مەسىلەن جۇڭگو نېفىت، پىڭئەن بانكىسى دېگەندەك.
ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت كوماندىسى جۇڭگو نېفىت پېيىغا 6 مىليارد يۈەن، پىڭئەن بانكىسى پېيىغا 3.3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان. 
7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، يەنى بۇ قېتىملىق پاي ئاپىتى ئاخىرلاشقان كۈنىگىچە، دۆلەت كوماندىسى 1365 شىركەت پېيىغا مەبلەغ سېلىپ جەمئىي 1 تىرىلىيون 230 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان، دۆلەت كوماندىسى مەركەز تاشقى پېرۋوت، ئالتۇن مەبلەغ سېلىش شىركىتى قاتارلىق بىر قىسىم شىركەتلەر ئاجراتقان مەبلىغىنى ئېلان قىلمىغان، شۇڭا دۆلەت كوماندىسى ئەمەلىي ئاجراتقان مەبلەغ  1 تىرىليون 230 مىليارد يۈەندىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
مەنبە: كۈنجۈت ئاكسىيە تەھلىل گۇرۇپپىسى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408