大数跨境

سىزدە «ھاۋالە ئىدىيە» بارمۇ؟

سىزدە «ھاۋالە ئىدىيە» بارمۇ؟ Nepkar
2022-02-19
1
导读:بىر ئەجەللىك نەرسە بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ ئۆز رولىنى كۆرسەتمەكتە، ئۇ بولسىمۇ ياشلاردا ئەۋج ئالغان ھ

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----

سىزدە "ھاۋالە ئىدىيەسى" بارمۇ؟


نەپكار

دۆلىتىمىز ئاللىبۇرۇن پىلانلىق ئىگىلىكتىن ھالقىپ بازار ئىگىلىكىگە قەدەم قويغان، ھەممە ھازىرقىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، رىقابەت ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دەۋرنىڭ ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى بارغانچە ئېشىپ بارماقتا. دەۋر تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ قېتىر قىنىپ ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەپ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەخرسىز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
ئەمما بىر ئەجەللىك نەرسە بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ ئۆز رولىنى كۆرسەتمەكتە، ئۇ بولسىمۇ ياشلاردا ئەۋج ئالغان ھاۋالە ئىدىيەسىدۇر.
بىزدە شۇنداق بىر ئادەت بار، ھەمىشە «تەقدىر پىشانەمگە پۈتۈلگەننى كۆرەي.» دەپ ئەسلىدىنلا تىرىشىش تەلەپ قىلىنغان ئىشلاردا تىرىشمايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە كۈچ سەرپ قىلمايدىغان، «مېنىڭ قانداق كۈن كۆرۈشۈم مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا تەقدىرىمگە ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىلگەن، شۇڭا مېنىڭ ئارتۇقچە تىرىشقىنىمنىڭمۇ پايدىسى يوق. تەقدىر پىشانەمگە نېمە پۈتۈلگەن بولسا شۇنى كۆرىمەن.» دەپ قارايدىغان ئەھۋال ئېغىر.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: تەقدىرنىڭ يېرىمى ئالقىنىڭىزدا، يېرىمى كېلىپ چىقىشىڭىزدا بولىدۇ. سىز قانچىكى تىرىشىسىڭىز، تەقدىرىڭىزنىڭ ئالقىنىڭىزدىكى يېرىمى شۇنچە زوريىدۇ-دە، ئېرىشىدىغىنىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ. سىز پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگىنىڭىزدە، تەقدىرىڭىزنىڭ يېرىمىنىڭ ئالقىنىڭىزدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى تىرىشچانلىقىڭىز: ئالقىڭىزدىكى تەقدىرىڭىزنىڭ يېرىمىغا تايىنىپ، كېلىپ چىقىشىڭىزدىن بولغان يېرىم تەقدىرىڭىزگە ئېرىشىشىڭىزدىن ئىبارەت. بۇ دەل ئادەمنىڭ تەقدىرىدۇر.
كىشىلەردە شۇنداق بىر "ھاۋالە ئىدىيەسى" باركى، دائىم ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ھاۋالە قىلىۋېتىدۇ. بۇ خىل "ھاۋالە قىلىش" بەزىدە ئاكتىپلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسا --- كونترول قىلىش قىيىن بولغاچقا، ئاسانلا بەل قويۇۋېتىپ، ئۆز تەقدىرىنى كونترول قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ؛ بەزىدە پاسسىپلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ---چۈنكى كونترول قىلالمىغان بولغاچقا ئامالسىز كونترول قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ؛ ھەتتا بەزىدە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
رىئاللىقتا "ھاۋالە ئىدىيەسى" تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
"قىسمەت" ئىدىيەسى: ئۆزىنى كېلىپ چىقىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا تاپشۇرىدۇ. بۇ خىل تىپتىكىلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمايدۇ. قىسقىسى ھاياتقا ئىشەنچىسىز قاراپ، كېلىپ چىقىشىدىن ئاغرىنىپلا ئۆتىدۇ.
"قۇتقۇزۇش" ئىدىيەسى: ئۆزىنى جەمئىيەتكە ھاۋالە قىلىپ بېرىدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماي، جەمئىيەتنىڭ ياردەم قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ، جەمئىيەتكە مۇراجەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئىدىيەدىكىلەر ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ياردەمگە مۇھتاجلار بولماستىن، بەلكى تامامەن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن تولۇق چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلار بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى بىچارىلىك تونىغا ئوراپ، جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ كۈن كەچۈرۈش كويىغا كىرىۋالغانلاردۇر.
"تەييارتاپ" ئىدىيەسى: ئۆزىنى ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىلىقىغا تاپشۇرۇش. بۇ خىل ئىدىيەدىكىلەر ھەممىلا ئىشتا ھۆكۈمەتكە تايىنىۋالىدۇ. ئۆزى تىرىشمايدۇ. نېمىلا ئىش بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە تەقسىم قىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بېرىشىگە تەلمۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ خىل ئىدىيەدىكىلەر ئۆزلۈكىدىن تىرىشمايدۇ. ئەتراپىدىكى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشنى خالىمايدۇ. ئۇلاردا "بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن." ئىدىيەسى كۈچلۈك بولغاچقا، ھەممىلا ئىشتا ھۆكۈمەتكە تايىنىۋالىدۇ.
"تۆمۈر تاۋاق" ئىدىيەسى: ئۆزىنى خىزمەت ئورنىغا ھاۋالە قىلىش. بۇ خىل ئىدىيەدىكىلەردە ئۆزىگە تايىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش روھى بولمايدۇ. خىزمەتكە ئېرىشتىمۇ بولدى، ۋاقتىنى كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇقىم مائاشلىق خىزمەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، پەقەت تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ئارانلا چىقىپ، ئۆزىنى خىزمەتكە ھەقىقىي بېغىشلىمايدۇ. ئۇلاردا تىرىشچانلىق روھى، ئىزدىنىشچانلىق روھى، يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل بولىدۇ.
" باشلىقنى ئىزدەش" ئىدىيەسى: ئۆزىنى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەرگە ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇش. بۇ خىل ئىدىيەدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاياتىنى باشلىققا ھاۋالە قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن "بازار" ئىزدىمەيدۇ. دۆلىتىمىز گەرچە ئاللىبۇرۇن پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئىدىيەدىكىلەر ھازىرغىچە ئۈزۈل-كېسىل يوقالغىنى يوق. ھەتتا ئۇلار خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر رايوندا بۇ خىل ئىدىيە ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتسە، ئۇ "يەرلىك نامراتلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىلى" بولۇپ قالىدۇ.
"خوجايىننىڭ ئامالى بار" ئىدىيەسى: ئۆزىنى باشلىقىغا ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇش. بۇ خىل كىشىلەر ھەر قانداق ئىشنىڭ ھەممىسىنى باشلىقىنىڭ ھەل قىلىپ بېرىشىنى كۈتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۆزىڭىز ھەل قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزىڭىز ھەل قىلىڭ، ئۆزىڭىز ھەل قىلالايدىغان ئىشلار ئۈچۈن باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ. باشلىقىڭىزنىڭ سىزنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى دەل سىزنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىندۇر. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ھەل قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ باشلىقىڭىزنىڭ ھەل قىلىپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرسىڭىز، ئۆزىڭىز ئىزدەنمىسىڭىز، تاساددىپىي ئۇلار "ئالدىراش" بولۇپ قېلىپ، سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمىسا قانداق قىلىسىز؟ بۇ ۋاقىتتا مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىيدىغىنى ئۆزىڭىزمۇ ئەمەسمۇ؟
"بۇ ھاياتىمدا سىزگىلا تايىنىمەن" ئىدىيەسى: ئۆزىنى ئائىلىسىگە ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇش. ئەگەر سىز يولدىشىڭىزنىڭ يۈكىگە ئايلانسىڭىز، ئۇ ھالدا توي ئائىلىنىڭ "بايلىقى" بولماستىن، ئەكسىچە ئائىلىنىڭ "قەرزى" بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىز يولدىشىڭىزنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلمىسىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنىڭ يېتەرلىك قەدىرلىشىگە ئېرىشەلمىسىڭىز ئۇنداقتا، تويدىن ئاجراشقان كۈننىڭ ئەتىسى سىزنىڭ ھاياتىڭىز ھەرىكەت كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
"ئائىلىدە ئاتا-ئانىغا، سىرتتا دوستلارغا تايىنىش" ئىدىيەسى: ئۆزىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇش. "ئائىلىدە ئاتا-ئانىغا، سىرتتا دوستلارغا تايىنىش"نىڭ ئىجابىي مەنىسى: بىر چىتلاققا ئۈچ قۇزۇق، بىر ئەزىمەتكە ئۈچ ھەمراھ دېگەنلىكتۇر. ئەمما سەلبىي مەنىسى "ھاۋالە ئىدىيەسى" بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئائىلىدە ئۆزىگە تايىنىش، سىرتقا چىققاندىمۇ ئۆزىگە تايىنىش كېرەك. ئاتا-ئانا ۋە دوستلار پەقەت سىزگە ياندىن ياردەم قىلغۇچى خالاس. ئۆزىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ يۈكىگە ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان "ھاۋالە ئىدىيەسى"دىكى ھاۋالە قىلىنىدىغان نەرسىلەر خىزمەت ۋەزىپىسى، مەلۇم ئىش، مەلۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسلە، مەلۇم ئادەم (مەسىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى)، ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ھاۋالە ئوبيېكتى بولسا مەلۇم دوستىڭىز، باشلىقىڭىز، قول ئاستىڭىزدىكىلەر، خىزمەتداشلىرىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز، شىركەت، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ياكى مەلۇم كوللېكتىپ قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.
"ھاۋالە ئىدىيەسى" ھەر ۋاقىت خەتەرلىكتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سىزدە "تەييارتاپلىق" ئادىتى يېتىلىپ قالىدۇ-دە، سىزدىكى بۇ يامان ئادەت تۈپەيلى ئۆزىڭىزنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىڭىز كونترول قىلىپ، "ھاۋالە ئىدىيەسى" نى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408