搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
پاي چېكىدىكى مىقدار نىسبىتىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
>
پاي چېكىدىكى مىقدار نىسبىتىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
Nepkar
2022-03-18
0
导读:ئۆرلەپ توختاش ۋاقتىدىكى مىقدار نىسبىتى بىر ھەسسىدىن تۆۋەن بولغان پاي چېكىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى چەكسىز ب
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
پاي چېكى مىقدارى نىسبىتى دېگەن نېمە؟
مىقدارى نىسبىتى نىسپىي سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ. ئۇ پاي چېكى بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىنكى ئوتتۇرىچە ھەر مىنۇتلۇق سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بىلەن ئۆتكەن بەش سودا كۈنىدىكى ئوتتۇرىچە ھەر مىنۇتلۇق سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ ھېسابلاش فورمۇلىسى: مىقدار نىسبىتى=(ھازىرقى سودا پۈتۈشكەن ئومۇمىي قول سانى \ ھازىرقى جەمئىي بازار ئېچىلغان ۋاقىت (مىنۇت) \ ئۆتكەن بەش كۈندىكى ھەر مىنۇتلۇق ئوتتۇرىچە سودا پۈتۈشۈش مىقدارى)
مىقدار نىسبىتىنىڭ ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىكنى سېلىشتۇرۇش
مىقدار نىسبىتى سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنى كۆزىتىش جەھەتتە، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك تەھلىل قىلىش قورالى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر پاي چېكىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتتىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بىلەن بىر مەزگىللىك سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى سېلىشتۇرۇلۇپ، پاي سوممىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ، بۇ سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. ۋاقىت پارامېتىرى جەھەتتە، 10 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە مىقدار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، 5 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە قىممەتمۇ ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ تاۋاق جانلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، قىسقىراق ۋاقىت پارامېتىرىنى ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، چوڭ تاۋاق ئېيىق بازىرى ياكى تارايغان مىقدارنى تەڭشەش باسقۇچىدا تۇرغاندا، ئۇزۇنراق ۋاقىت پارامېتىرىنى ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
لېكىن «مىقدار نىسبىتى»نىڭ سانلىق قىممىتى بىرلا خىل بولغاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنى ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ تەبئىي يېتەرسىزلىكىنى بايقايدۇ. ئەگەر شۇ كۈندىكى ھەر مىنۇتتىكى مىقدار نىسبىتى سانلىق قىممىتىنى ئوخشاش بىر كوردىنات سىستېمىسى ئىچىگە قويۇپ تۇتاشتۇرغاندا، تېخىمۇ بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىغان، مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق بولغان مىقدار نىسبىتى ئەگرى سىزىقى شەكىللىنىدۇ.
«مىقدار» بولسا «باھا»نىڭ باشلامچىسى بولغاچقا، بىز مىقدار نىسبىتى ئەگرى سىزىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئايرىم پاينى ئېلىپ سېتىش كۈچى سېلىشتۇرمىسىنى تەھلىل قىلىپ، بۇ پاي چېكىنىڭ شۇ كۈندىكى يۈرۈشۈش يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلالايمىز. مەسىلەن، دۈشەنبە كۈنى نەنكەي گودې بازار ئېچىلىپ بىر سائەت ئىچىدە، گەرچە پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى 0.10 يۈەنگە يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىقدارى سانلىق قىممىتى 0.53 تىن 2.40 ئەتراپىدا مۇقىم ئۆرلىگەن، بۇ شۇ كۈنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېتىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سائەت 10 يېرىمدىن كېيىن، بۇ پاي مەبلەغ تەرىپىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆرلەپ توختاش بىلەن بازار يېپىلغان.
كۆزىتىش:
مىقدار نىسبىتى بۇ كۆرسەتكۈچتە ئەكس ئەتكىنى نۆۋەتتىكى باھادىكى سودا پۈتۈشۈش سالمىقى بىلەن يېقىنقى بەش كۈنلۈك سودا پۈتۈشۈش سالمىقىنىڭ پەرقى بولۇپ، بۇ پەرقنىڭ قىممىتى قانچە چوڭ بولسا باھانىڭ سودا پۈتۈشۈشى بارغانسېرى جانلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاساسىي كۈچنىڭ دەرھال بازار قىلىشىنى شۇنچە نامايان قىلىپ، ھەر ۋاقىت ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن قۇترايدىغان باھا ئالاھىدىلىكىنى قانات يايدۇرۇشقا تەييار تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىقدار سېلىشتۇرما ماتېرىيالىنى باھا تىلىنىڭ تەرجىمە ئەسۋابى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قىسقا لىنىيەلىك ئەمەلىي جەڭدە ئاساسىي كۈچنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق يۆنىلىشىنى كۆزىتىدىغان مەخپىي قوراللىرىنىڭ بىرى. ئۇ قىسقا لىنىيەلىك مەشغۇلاتقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.
سېلىشتۇرۇش:
مىقدار نىسبىتى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئاساسىي كۈچنىڭ ھەرىكىتىنى ھېسابلاش فورمۇلىسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، مىقدار نىسبىتىنىڭ سانلىق قىممىتى قانچە چوڭ بولسا، شۇ پايغا شۇ كۈنى ئېقىپ كىرگەن مەبلەغنىڭ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىنى، بازارنىڭ جانلىقلىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەكسىچە، مىقدار نىسبىتى قىممىتى قانچە كىچىك بولسا، مەبلەغنىڭ ئېقىپ كىرىشى شۇنچە ئاز، بازارنىڭ جانلىنىشى شۇنچە تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىز مىقدار نىسبىتى ئەگرى سىزىقى بىلەن سانلىق قىممەت ۋە ئەگرى سىزىقتىن ئاساسىي ئېقىمدىكى مەبلەغنىڭ بازار ھەرىكىتىنى كۆرۈۋالالايمىز، مەسىلەن، ئاساسىي كۈچنىڭ تۇيۇقسىز ئامبار قۇرۇشى، ئامبار قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى يۇيۇش، يۇيۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار، بۇ ھەرىكەتلەرنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايمىز!
ئانالىز:
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا: مىقدار نىسبىتى 0.8~1.5 ھەسسە بولسا، سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ نورمال سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛
مىقدار نىسبىتى 1.5~2.5 ھەسسە ئارىلىقىدا بولسا، مۆتىدىل قويۇپ بېرىش مىقدارى بولىدۇ، ئەگەر پاي باھاسى مۆتىدىل، ئاستا ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرغان بولسا، ئۆرلەش ۋەزىيىتى نىسبەتەن ساغلام بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا پاي چېكىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ، ئەگەر پاي باھاسى تۆۋەنلىسە، چۈشۈش ھالىتىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، مىقدار جەھەتتىن ھۆكۈم قىلغاندا، زىياننى توختىتىپ چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىش كېرەك؛
مىقدار نىسبىتى 2.25~5 ھەسسىگىچە بولسا، روشەن قويۇپ بېرىش مىقدارى بولىدۇ، ئەگەر پاي باھاسى مۇناسىپ ھالدا مۇھىم تىرەك ياكى قارشىلىق كۈچ ئورنىدىن ئېشىپ كەتسە، بۆسۈش ھاسىل قىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مۇناسىپ ھالدا ھەرىكەت قوللىنىشقا بولىدۇ؛
مىقدار نىسبىتى 5~10 ھەسسىگىچە بولسا، شىددەتلىك قويۇپ بېرىش مىقدارى بولۇپ، ئەگەر ئايرىم پاي ئۇزاق مەزگىل تۆۋەن ئورۇندا تۇرغاندا شىددەتلىك قويۇپ بېرىش مىقدارىدا بۆسۈش پەيدا بولسا، ئۆسۈشنىڭ كېيىنكى بوشلۇقى غايەت زور بولۇپ، «پۇل» يولىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولىدۇ، لېكىن، ئەگەر ئايرىم پاي چېكى غايەت زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا بۇنداق شىددەتلىك قويۇپ بېرىش مىقدارى كۆرۈلسە، يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.
مىقدار نىسبىتى 10 ھەسسىدىن يۇقىرى بولغان پاي چېكىدە ئادەتتە تەتۈر يۆنىلىشلىك مەشغۇلاتنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. ئۆسۈش جەريانىدا مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، چوققىنى كۆرۈش ئېھتىماللىقى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئۈزۈل-كېسىل تەتۈر ئايلانمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۆرلەش خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئارام ئېلىپ، تەرتىپكە سېلىنىدۇ. پاي چېكى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تۇيۇقسىز پەيدا بولغان زور مىقدار نىسبەت بۇ پاي چېكىنىڭ ھازىرقى ئورنىدا تۆۋەنلەش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزۈل-كېسىل قويۇپ بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مىقدار نىسبىتى 20 ھەسسىدىن يۇقىرى بولغان ئەھۋال ئاساسەن ھەر كۈندە بىر ئىككى پايدا كۆرۈلىدۇ، بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تەتۈر ئايلىنىش ئەھمىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئەگەر ئۇدا ئۆرلىگەندىن كېيىن سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشسا، ئەمما پاي باھاسىدا «ئۆرلەش» ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ ئۆسۈش مەزگىلىدىكى ئۆلۈشنىڭ كۈچلۈك سىگنالى بولىدۇ. مەلۇم بىر پاي چېكىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىش جەريانىدا چەكتىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ ئامبار قۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولىدۇ.
مىقدار نىسبىتى 0.5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن بولغان تارىيىش مىقدارى ئەھۋالىغىمۇ ياخشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئېغىر تارىيىش مىقدارى سودا جانلانماسلىق تەسەۋۋۇرىنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك بازار پۇرسىتى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. تارىيىش مىقدارى يېڭى يۇقىرى نۇقتا يارىتىدىغان پايلارنىڭ كۆپ قىسمى دوكار ئۇزۇن مەزگىل قولىدا تۇتۇپ تۇرغان پاي بولۇپ، تارىيىش مىقدارى ئارقىلىق يېڭى يۇقىرى رېكورت ياراتقىلى بولىدۇ، بۇ دوكارنىڭ باھانى كونترول قىلىش دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھانى ئۆرلىتىپ سېتىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغىلى بولىدۇ. تارىيىش مىقدارى تەڭشەلگەن پاي چېكى، بولۇپمۇ قويۇپ بېرىش مىقدارى مەلۇم مۇھىم قارشىلىق كۈچى ئورنىدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن تارىيىش مىقدارى قايتىپ تەڭشەلگەن ئايرىم پاي چېكى دائىم ئاز ئۇچرايدىغان سېتىۋېلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ.
ئۆرلەپ توختاش ۋاقتىدىكى مىقدار نىسبىتى بىر ھەسسىدىن تۆۋەن بولغان پاي چېكىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى چەكسىز بولىدۇ، ئىككىنچى كۈنى بازار ئېچىلىپلا ئۆرلەپ توختاش كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. چۈشۈپ توختاش ۋاقتىدىكى ئەھۋال ئاستىدا، مىقدار نىسبىتى قانچە كىچىك بولسا، چۈشۈپ كېتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئاشكارىلانمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، كېيىنكى بازاردا يەنىلا غايەت زور چۈشۈش بوشلۇقى بولىدۇ.
مىقدار نىسبىتى 1 دىن چوڭ بولغاندا، شۇ كۈندىكى ھەر مىنۇتلۇق ئوتتۇرىچە سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ئۆتكەن بەش كۈندىكى ئوتتۇرىچە قىممەتتىن يۇقىرى بولغانلىقىنى، سودىنىڭ ئۆتكەن بەش كۈندىكىدىن جانلىق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ مىقدار نىسبىتى 1 دىن كىچىك بولغاندا، شۇ كۈندىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ئۆتكەن بەش كۈندىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن تۆۋەن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مەنبە: كۈنجۈت ئاكسىيە تەھلىل گۇرۇپپىسى
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408