大数跨境

پاي بازىرى: ئۆرلەپ توختىغاندىكى مىقدار بىلەن باھانىڭ مۇناسىۋىتى!

پاي بازىرى: ئۆرلەپ توختىغاندىكى مىقدار بىلەن باھانىڭ مۇناسىۋىتى! Nepkar
2022-03-20
3
导读:ئۆرلەش-چۈشۈش-توختاش تۈزۈمىدىكى مىقدار ۋە باھا ئانالىزىدا ئاساسەن مۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ....

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
مەزكۇر يازمىنىڭ بېشىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!
بازار سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بىلەن باھانىڭ مۇناسىۋىتى 
بازار سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بىلەن باھانىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلىگەندە باھانىڭ قىسقا سىزىق بويىچە يۈرۈشىنىڭ پايدىلىق يىپ ئۇچىنى تاپقىلى بولىدۇ. 
نۆۋەتتىكى باھانىڭ ئايلىنىش يۈزلىنىشى: 
بازار يۇقىرىغا يۈزلەنگەن ياكى تۆۋەنگە يۈزلەنگەندە، ئۇنىڭ يۈزلىنىشىنى بىر قەدەر چوڭ سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ياكى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ئارقىلىق يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، تەتۈر يۈزلىنىشتىكى بازار ئەھۋالىنى سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ كۈنسېرى كېمىيىشى ياكى ئاز مىقداردىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بىلەن يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. 


ئاجىز ئاگاھلاندۇرۇش:
ئەگەر بازاردا سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ئىزچىل كۈچلۈك ئازلاپ كەتسە، نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشنىڭ ئاجىزلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ بازاردا ئاز مىقداردىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارىدا يېڭى يۇقىرى ياكى يېڭى تۆۋەن سەۋىيە يارىتىپ، يۇقىرىقى ھۆكۈمنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاز مىقداردىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارىدا يېڭى يۇقىرى ياكى يېڭى تۆۋەن سەۋىيە يارىتىلسا گۇمانلىنىشقا ئەرزىيدۇ. 
بۆسۈشنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى:
بازار ئايلىنىش يۈزلىنىشىنى يوقاتقان چاغدا، رايون سىرتىدا داۋالغۇش بولۇپ، يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياكى يېڭى تۆۋەن سەۋىيە يارىتىلسا، رايون ئوتتۇرىسىدىكى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ياكى چۈشۈپ كېتىشتە سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىش يۈز بېرىدۇ. 

ئۆرلەپ توختاش تۈزۈمىدىكى مىقدار بىلەن باھانىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىش 
ئۆرلەپ توختاش تۈزۈمى پاي چېكىنىڭ بىر كۈنلۈك ئۆسۈش دەرىجىسىنى چەكلەپ قويغانلىقتىن، ئۆرلەش-چۈشۈشنىڭ ئېنېرگىيەسى ئۈزۈل-كېسىل ئاشكارىلانماي، ئاسانلا تاق تەرەپلىك بازار شەكىللىنىدۇ. نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئۆرلەشنى قوغلىشىپ چۈشۈشتىن قېچىش ئارزۇسى مەۋجۇت، لېكىن ئۆرلەش-چۈشۈش-توختاش (涨跌停) تۈزۈمىدىكى ئۆرلەش-چۈشۈش دەرىجىسى بىر قەدەر ئېنىق، پاي چېكى ئۆسۈش دەرىجىسىگە يېقىنلاشقاندا ياكى تۆۋەنلەش دەرىجىسى چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندا، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئازدۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي، يۇقىرى ئۆرلەشنى قوغلاپ ياكى چۈشۈشتىن قېچىپ، ئۆرلىگەندە ئۆرلەشكە ياردەم بېرىش، چۈشكەندە چۈشۈشكە ياردەم بېرىش يۈزلىنىشى شەكىللەندۈرۈىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆرلەش-چۈشۈش توختاشنىڭ دەرىجىسى قانچە كىچىك بولسا، بۇ خىل ھادىسە شۇنچە كۆرىنەرلىك بولىدۇ. 
نۆۋەتتە، شاڭخەي، شېنجېن ئاكسىيە بازىرىدىكى ST بۆلىكىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى %5 ئۆلچەمدە چەكلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ھايانكەشلىكىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۆرلىگەندە ئۆرلەشكە ياردەم بېرىش، چۈشكەندە چۈشۈشكە ياردەم بېرىش ھادىسىسى ئەڭ گەۋدىلىك.
ئۆرلەش-چۈشۈش-توختاش تۈزۈمىدىكى مىقدار ۋە باھا ئانالىزىدا ئاساسەن مۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ:
1. ئۆرلەپ توختاشتا مىقدارى ئاز بولسا داۋاملىق ئۆرلەيدۇ. چۈشۈپ توختاشتا مىقدارى ئاز بولسا، داۋاملىق چۈشىدۇ. 
ئەمەلىي ئۆرلەش-چۈشۈش-توختاش تۈزۈمىدە، ئۆرلەپ توختاش ۋە چۈشۈپ توختاش يۈزلىنىشىنىڭ داۋاملىشىشى سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە كېمىيىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئۆرلەپ توختاش ۋاقتىدىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارىنى مىسال قىلساق:
ئىلگىرى باھا ئۆرلەپ مىقدارىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرگەندە، بىز باھا مىقدارىنىڭ ماسلىشىشى ياخشى، ئۆرلەش يۈزلىنىشى شەكىلىنىدۇ ياكى چۈشۈش يۈزلىنىشى داۋاملىشىدۇ، ئۆرلەشنى قوغلاشقا ياكى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ قارايتتۇق؛ ئەگەر ئۆرلىگەن چاغدا سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ئېشىشقا ئۈنۈملۈك ماسلاشمىسا، ئۆرلەشنى قوغلاش ئارزۇسى كۈچلۈك ئەمەس، ئۆسۈش يۈزلىنىشىنىڭ داۋاملىشىشى تەس، سېتىۋالماسلىق كېرەك ياكى ئايرىم پاينى سېتىۋېتىش كېرەك، دەپ قارايتتۇق.
لېكىن ئۆرلەش-چۈشۈش-توختاش تۈزۈمىدە، ئەگەر مەلۇم بىر پاي چېكى ئۆرلەش-چۈشۈش ۋاقتىدا سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بولمىسا، ئۇ ساتقۇچىنىڭ نىشانى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، كېيىنكى بازاردا ياخشى باھادا سېتىشنى ئويلايدۇ، شۇڭا بۇ باھادا سېتىشنى خالىمايدۇ، سېتىۋالغۇچى سېتىۋالالمايدۇ، شۇڭا سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بولمايدۇ. ئىككىنچى كۈنى سېتىۋالغۇچى داۋاملىق سېتىۋېلىشنى قوغلىشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن داۋاملىق ئۆسۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. لېكىن، ئۆرلەپ توختاش پەيدا بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا مۇساپىدە ئېچىلىپ، سودا پۈتۈشۈش مىقدارى چوڭىيىدۇ، بۇ ساتقۇچىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئېلىپ-سېتىش كۈچىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى، چۈشۈشتىن ئۈمىد بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر باھا چۈشۈپ مىقدار كېمەيگەن بولسا چۈشىدۇ، دەپ قارىغۇچى تەرەپنىڭ سېتىشنى خالىمايدىغانلىقى، تۆكمە قىلىپ سېتىشنىڭ بىر قەدەر يېنىك بولىدىغانلىقى، كېيىنكى بازاردا ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ باھا چۈشۈپ مىقدارى كۆپەيسە، چۈشۈش يۈزلىنىشى شەكىللەنگەنلىكى ياكى داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭدا كۆزىتىپ تۇرۇش ياكى قولىدىكى مالنى سېتىش كېرەك. 
لېكىن ئۆرلەش-چۈشۈش-توختاش تۈزۈمىدە، ئەگەر چۈشۈپ توختىسا، سېتىۋالغۇچى تەرەپ ئەتە تېخىمۇ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا كۈتۈپ تۇرىدۇ، نەتىجىدە سېتىۋېلىش ئاز بولغان ئەھۋالدا سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ئاز بولۇپ، چۈشۈش يۈزلىنىشى توختىمايدۇ. ئەكىسچە ناۋادا بازار يېپىلىش پەيىتىدە يەنىلا چۈشسە، ئەمما ئارىلىقتا ئېچىلىپ سودا پۈتۈشۈش مىقدارى كۆپەيسە، ئاكتىپلىق قىلىپ سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بازارغا كىرگەنلىكى، چۈشۈش يۈزلىنىشىنىڭ توختاپ، ئۆرلەش يۈزلىنىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

2. ئۆرلەپ توختاش يېرىم يولىدا ئېچىلىش قېتىم سانى قانچە كۆپ، ۋاقتى قانچە ئۇزۇن، سودا پۈتۈشۈش مىقدارى قانچە چوڭ بولسا، تەتۈر ئايلىنىپ چۈشۈش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئوخشاشلا، چۈشۈپ توختاش يېرىم يولىدا ئېچىلىش قېتىم سانى قانچە كۆپ، ۋاقتى قانچە ئۇزۇن، سودا پۈتۈشۈش مىقدارى قانچە چوڭ بولسا، تەتۈر ئايلىنىپ ئۆرلەش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

3. ئۆرلەپ توختاش تاقىلىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا، ئىككىنچى كۈنى ئۆرلەش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. چۈشۈپ توختاش تاقىلىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا، ئىككىنچى كۈنى چۈشۈشمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

4. ئۆرلەپ توختاشنى بېكىتكەن سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە چۈشۈپ توختاشنى بېكىتكەن سېتىش مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئېلىپ-سېتىش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ سان قانچە چوڭ بولسا، نۆۋەتتىكى يۈزلىنىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، كېيىنكى ئۆرلەش-چۈشۈش دەرىجىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

5. ئاساسىي كۈچ دوكارنىڭ ئۆرلەپ توختاشتىن پايدىلانغان تەتۈر يۆنىلىشلىك مەشغۇلاتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 
ئاساسىي كۈچ مال چىقارغاندا، ئالدى بىلەن غايەت زور مىقداردىكى سېتىۋېلىش تالونىنى، ئۆرلەپ توختاش ئورنىغا ئېسىپ قويىدۇ، چۈنكى سېتىۋىلىش مىقدارى مەركەزلەشكەنلىكتىن، تەمتىرىتىپ قويۇپ ساتمايدۇ، پاي باھاسى ئاز مىقداردا سودا پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئۆرلەپ توختاپ بازار يېپىلىدۇ، تەبىئىيكى، ئەسلىدە تۆكمە قىلماقچى بولغىنى تۆكمە قىلمىدى، ئەمما بۇ چاغدا بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار باھا ئۆرلىگەندە قوغلىشىپ سېتىۋالىدۇ، بۇ چاغدا دوكار سېتىۋېلىش تالونىنى بىكار قىلىپ چېكىنىپ چىقىپ، سېتىش تالونى تولدۇرىدۇ، تەبئىيكى سودىدا پۈتۈشىدۇ. سېتىۋېلىش تالونىنىڭ ھەزىم بولۇشى يېتەرلىك بولغاندا، دوكار يەنە سېتىۋېلىش تالونى تولدۇرۇپ ئۆرلەپ توختاش ئورنىغا ئېسىپ قويۇپ، ئۆسۈشكە ئېزىقتۇرىدۇ. ئۇششاق پايچى يەنە ئەگىشىپ قوغلاپ كىرگەندە، ئۇ يەنە ئەسلىدىكى سېتىۋېلىش تالونىنى بىكار قىلىپ چېكىندۈرۈپ قايتا سېتىش تالونى تولدۇرىدۇ... مۇشۇنداق تەكرار مەشغۇلات ئارقىلىق، يۇقىرى نۇقتىغا سېتىۋېلىش تالونىنى ئېسىپ قويۇپ قۇرۇق چۇقان كۆتۈرۈپ ئۆسۈشكە ئېزىقتۇرۇپ، تۇيدۇرمايلا يۇقىرى ئورۇندىن مال چىقىرىدۇ. 
دوكار پاي يىغقاندا، ئالدى بىلەن غايەت زور مىقدار بىلەن باھا چۈشۈپ توختىغان ئورۇندا پاي سېتىش تالونىنى ئېسىپ قويۇپ، ئالاقزادىلىكتىن زور مىقداردا تۆكمە قىلىپ چىقىرۋېتىش پەيدا بولغاندا، ئۇ ئالدى بىلەن ئەسلىدىكى پاي سېتىش تالونىنى تۇيدۇرماستىن بىكار قىلىپ چېكىندۈرۈۋېتىپ، ئاندىن سېتىۋېلىش تالونىنى تولدۇرۇپ، تۆكمە قىلغان پاينى قوبۇل قىلىدۇ. تۆكمە قىلغان پاينى قوبۇل قىلىش ئاياقلاشقاندا، ئۇ يەنە غايەت زور مىقدار بىلەن باھا چۈشۈپ توختىغان ئورۇندا تۆكمە قىلىپ، پاينى قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچىغا قايتا تەھدىت سېلىپ، فىشكا قوبۇل قىلىدۇ... مۇشۇنداق تەكرارلىنىدۇ. 
شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا، زور سوممىلىق سودا تالونىنىڭ كۆپىنچىسى مەۋھۇم بولىدۇ، كېيىنكى بازاردا ئىلگىرىكى يۈزلىنىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ئاساس ئاندا-ساندا تالون ئېسىپ قويۇش، تالون ئەمەلدىن قالدۇرۇش قىلمىشى بارمۇ-يوق؟ ئۆرلەش-چۈشۈش توختاش دائىم ئېچىلىپ تۇرامدۇ-يوق؟ شۇ كۈندىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بەك چوڭمۇ-ئەمەسمۇ دېگەنلەرگە قاراش كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ مىقدارلار چوقۇم مەۋھۇم بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئەمەلىي بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ئۆلچەمگە ئاساسەن ھۆكۈم يەكۈنى چىقىرىشقا بولىدۇ. 
مەنبە: كۈنجۈت ئاكسىيە تەھلىل گۇرۇپپىسى

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408