大数跨境

تور قەرزى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئۆي قەرزىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

تور قەرزى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئۆي قەرزىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ Nepkar
2022-02-21
0
导读:قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قېتىم سانى ئۇدا ئۈچ قېتىم، يىلدا جەمئىي ئالتە قېتىم بولسا، بانكا بىۋاسىتە قەرز ب

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----

1. كۆپ قېتىم توردا قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش 
توردا قەرز ئىلتىماس قىلغاندا، توردا قەرز ئېلىش سۇپىسى بىزنىڭ ئىناۋىتىمىزنى تەكشۈرۈپلا قالماستىن، ئەگەر قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش قېتىم سانى كۆپ بولسا، بانكىمۇ بىزنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىمىزنى تەكشۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىناۋەت خاتىرىسى ساقلىنىپ قالىدۇ، ئىناۋەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى قانچە كۆپ بولسا، بانكىدىن قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشىمىزغا شۇنچە پايدىسىز. بولۇپمۇ ئۆي قەرزى كەسپىنى بېجىرگەندە، بانكا سىزنى دائىم سىرتتىن قەرز ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئويلاپ بېقىڭ، قايسى بانكا پۇلنى سىزگە خاتىرجەم بېرىپ تۇرىدۇ؟ 

2. تور قەرزى قەرەلى ئۆتۈپ كەتسە خاتىرىلىنىدۇ
ھازىر ئېنتىرنېت دەۋرىدە ھەممە ئۆزئارا ئالاقە قىلىدۇ، شۇڭا بانكا ئىناۋەت كارتىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا ئىناۋىتىمىزگە تەسىر يېتىپلا قالماي، ئاز سوممىلىق قەرزنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ شەخسىي ئىناۋەت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
ئىناۋەت ئۇچۇرى خاتىرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر: بىرى، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن خاتىرە (كرېدىت كارتىسى، تۇرالغۇ قەرز پۇلى، ئاپتوموبىل قەرز پۇلى، ئىستېمال قەرز پۇلى قاتارلىقلار)، يەنە بىرى، تۇرالغۇ قەرز پۇل خاتىرىسى. قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قېتىم سانى ئۇدا ئۈچ قېتىم، يىلدا جەمئىي ئالتە قېتىم بولسا، بانكا بىۋاسىتە قەرز بېرىشنى رەت قىلىدۇ. 

3. تور قەرزىنى قايتۇرماسلىق
ئەگەر سىز قەرز ئالغان تور قەرز سۇپىسى بىلەن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى ئۆزئارا ئۇلانغان بولسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، نۇرغۇن قەرز ئېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر نۇرغۇن قەرز ئېلىش ئاپپاراتلىرىغا شەخسىي ئىناۋەت تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىلسە، ئىناۋەت دوكلاتى خاتىرىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا، بانكا سىزگە پۇل كەمچىل، قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئۆي قەرزىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408