搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
نامراتلار ۋە بايلار: پۇل پاخاللىقى زادى كىمگە پايدىلىق؟
>
نامراتلار ۋە بايلار: پۇل پاخاللىقى زادى كىمگە پايدىلىق؟
Nepkar
2022-02-28
9
导读:پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى 10-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا ئامېرىكا ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.6، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان، بۇ 1982-يىلى 2-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئېشىش نىسبىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 12 ئايدا، ئامېرىكىنىڭ يېمەكلىك باھاسى %7، ئېنېرگىيە باھاسى %27، يېقىلغۇ ماي باھاسى %46.5، توك باھاسى %10.7، يېڭى ئاپتوموبىل باھاسى %12.2، نىمكەش ئاپتوموبىل باھاسى %40.5 ئۆرلىگەن.
ھالبۇكى، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ، پۇل پاخاللىقى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئاقىۋىتى ئوخشاش بولمايدۇ.
بىرىنچى، ئاۋۋال سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي:
ئالىم (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) ساختا پۇل ياسىسا بولىدۇ، ئۇنىڭ تېخنىكىسىنى يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ 10 مىليون يۈەنلىك يېڭى ساختا پۇل ياساپ چىققان. «يېڭى پۇل»نى قولىغا ئالغان ئالىم ئۆي سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. ئالىم قۇرۇقتىن قۇرۇق ئىجاد قىلغان بۇ تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىش كۈچى بازاردىكى تەمىنلەش مىقدارى ئۆزگەرمىگەن ئۆينى تالىشىپ، ئۆي باھاسىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆرلەتتى، ھەر كىۋادىراتى 50 مىڭ يۈەندىن 110 مىڭ يۈەنگە ئۆرلىدى.
ئۆينى ئالىمغا سېتىپ بەرگەن سودىگەرنىڭ ئىسمى فەرۇق (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم)، ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كەتكەچكە، فەرۇقنىڭ ئۆي سېتىش كىرىمى ئاشىدۇ. فەرۇق تەرەققىيات سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تېخىمۇ كۆپ باھادا سېتىۋالالايدۇ. شۇڭا، ئىككىنچى دولقۇندا ئۆرلەيدىغىنى بولسا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى بولىدۇ. يېڭى پۇل شۇ سەۋەبتىن بازاردا ئىككىنچى قەدەمدە ئوبوروت قىلىنىدۇ.
كېيىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودىگىرى ئۆتكۈر (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم)نىڭ كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ. مەسىلەن، ئۆتكۈر ماشىنا سېتىۋالماقچى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماشىنىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ.
ئالىم ياسىغان پۇل مۇشۇ تەرىقىدە پۈتۈن بازارغا ئوبوروت قىلىنىپ، ئوبورت زەنجىرى تۇراقلىشىدۇ. لېكىن، زەنجىرنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرىپىدە تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۇچرايدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەڭ بۇرۇن يېڭى پۇل ئىشلەتكەن ئالىم ھەممىدىن ياخشى بولۇپ، ئۇنىڭ كىرىمى بىكاردىن-بىكار كۆپىيىپ، ئۇ كونترول قىلالايدىغان ھەقىقىي بايلىق (ئۆي-مۈلۈك) كۆپەيدى. لېكىن بىر قەدەر كېيىن يېڭى پۇل تاپشۇرىۋالغان ئادەم بەك ئېچىنىشلىق بولىدۇ، مەسىلەن، ئەمەت (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى پۇل تاپشۇرىۋالغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ كىرىمى ئاشمىدى، ئەتراپىدىكى ئۆيدىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغىچە، يەنە كېلىپ ئاپتوموبىل باھاسىمۇ ئۆرلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي بايلىقى ئازلاپ كەتتى.
ئىككىنچى، كانتىلون ئېففېكتى
يۇقىرىقى مىسالدىكى ساختا پۇلنى دەرىجىدىن تاشقىرى تارقىتىلغان پۇلغا ئالماشتۇرغىنىمىزنىڭ داۋلىسى يەنىلا ئوخشاش. ئاۋستىرىيە ئىقتىساد ئېقىمىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك يادروسى: يېڭى پۇلغا خېلى بۇرۇنلا ئېرىشكەن كىشىلەر باشقىلارنى سېتىۋېلىش كۈچىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. پۇلنىڭ كۆپىيىشى ھەقىقەتەن ئىستېمال بۇيۇملىرى ياكى سېلىنما مەھسۇلاتىدىن ئىبارەت ماددىي بايلىقنى كۆپەيتمەيدۇ. لېكىن ئۇ بىزنىڭ نىسپىي كىرىمىمىز ۋە بايلىقىمىزنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدۇ. كېيىن كەلگەنلەرنىڭ پۇل قاپچۇقى بىلىپ-بىلمەي ھالسىراپ قالىدۇ. مانا بۇ ئاۋستىرىيە ئىقتىساد ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى رىچارد كانتىللون بايقىغان «كانتىللون ئېففېكتى»دۇر.
كانتىلون پۇل پاخاللىقى بىرلا ۋاقىتتا بارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى تەكشى ئۆستۈرمەستىن، بەلكى تاۋارنىڭ باھاسىنى بىر-بىرلەپ ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، پۇل پاخاللىقى جەريانىدا بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسى ئاۋۋال ئۆسىدىغانلىقىنى، يەنە بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسى كېيىنرەك ئۆسىدىغانلىقىنى، بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ نەچچە ھەسسە ئۆسىدىغانلىقىنى، يەنە بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ كۆپ ئۆسمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىدىدىغانلىقىنى بايقىغان.
پۇل پاخاللىقى شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتتە بايلىق بەيگىسىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ بەيگىدە ئەڭ ئاچقۇچلۇقى يېڭىدىن كۆپەيگەن پۇلغا قانچە يېقىن بولسا شۇنچە ياخشى. مۇقىم مائاش ئالىدىغانلار، پىنسىيە كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغانلار، ئۆمۈر سۇغۇرتىسى مەنپەئەتدارلىرى، ئۇزۇن مۇددەتلىك زايوم ئىگىلىرى ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ئىگە بولغان مۈلۈكنىڭ باھاسى مۇقىم بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا ئىزچىل ئۆسمەيدۇ.
ئۈچىنچى، پۇل پاخاللىقى بايلارغا پايدىلىق، ھەتتا كەمبەغەللەرنى بۇلاپ، بايلارغا ياردەم بېرىدۇ!
نامراتلار بىلەن بايلار، زادى كىم يېڭى پۇلغا تېخىمۇ يېقىن؟ كىم پۇل پاخاللىقىنىڭ پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ? يەنە كىم پۇل پاخاللىقىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
جاۋابى: ناھايىتى ئېنىق، ئەلۋەتتە كەمبەغەللەردۇر!
پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بايلىقنى قايتا تەقسىملەشتىن ئىبارەت: ھەر قېتىملىق پۇل پاخاللىقى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزى پايدا ئالىدۇ، ئەڭ ئاۋۋال يېڭى پۇلغا ئېرىشكەن ئادەم نەپكە ئېرىشىدۇ، ئەمما بىر قەدەر كېيىن يېڭى پۇلغا ئېرىشكەن ئادەم زىياننى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
پۇل پاخاللىقى يەنە نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ بۆلۈنۈشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، چۈنكى بايلارنىڭ ئادەتتە نۇرغۇن مۈلكى بولىدۇ، ئۇلار بۇ مۈلۈكلىرى ئارقىلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن كىرېدىت، يەنى يېڭى پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ. نامراتلارنىڭ مۈلكى ناھايىتى ئاز، شۇڭا بۇنداق پۇرسەت كەم، ئۇلار يېڭى پۇلدىن يىراقراق تۇرىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
2.5k
粉丝
0
内容
408