搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاشلىنىشىنىڭ پايدىسى
>
كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاشلىنىشىنىڭ پايدىسى
Nepkar
2022-03-04
2
导读:كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويۇش دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق ياخشى
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
يېقىندا دۆلەت ھەر بىر كىشىنىڭ پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك سىياسەتنى يولغا قويدى، بۇ سىياسەت بولۇپمۇ باشقا جايدىكى ئىشلەمچىلەرگە تېخىمۇ پايدىلىق. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش يولغا قويۇلىدۇ.
مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش دېگەن زادى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلىنىدۇ؟ كەلگۈسىدە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟
مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش دېگىنىمىز، نەزەرىيە جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتكە تاپشۇرۇپ، كىرىم-چىقىمنى دۆلەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، جۈملىدىن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى، ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
ئېلىمىزنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى 90-يىللاردا ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ناھىيە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاشتىن باشلىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش قاتلىمى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلدى. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ھەرقايسى ئۆلكىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش كىرىم قىلىش، بىر تۇتاش چىقىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆلكە ئىچىدىكى رايونلار ئارا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يۈكى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سوممىسىدا 32 كۆلچەك بار، دۆلەتنىڭ بىر كۆلچىكى مەركىزىي تەڭشەش فوندى بولۇپ، ھەر بىر ئۆلكىدە بىر كۆلچەك بار، ھەر بىر كۆلچەك ئۆزئارا تۇتاشمايدۇ، مەسىلەن، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان بەزى رايونلاردا دۆلەتنىڭ كۆلچىكىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلانغاندىن كېيىن، پەقەت دۆلەتنىڭ بىرلا چوڭ كۆلچىكى بولىدۇ. لېكىن بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئۈچ يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل بولۇشى كېرەك، مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
نۆۋەتتە بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش يولغا قويۇلدى، بۇ ئىلگىرى يولغا قويۇلغان مەركەزنىڭ تەڭشەش فوندى تۈزۈمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى. 2018-يىلى 7-ئايدا، ئېلىمىز يولغا قويغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىدە ئۆلكە بىلەن ئۆلكە ئوتتۇرىسىدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ يۈكى تەڭشەلدى، بۇ يىل 1-ئايدا، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە رايونلار ئارا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئارتۇق-كېمى تەڭشىلىدۇ، مەسىلەن، شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ قالدۇقى كۆپ بولۇپ، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك تەڭشەپ بېرىلىدۇ، بۇ قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىشىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بۇ بىر چوڭ ئۆزگىرىش، تەرەققىي تاپقان رايونلار نامرات رايونلارغا كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەپ بېرىشنى خالامدۇ؟ چوقۇم مەركەزنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇشى كېرەك. بۇمۇ ئورتاق بېيىش دەپ ئاتىلىدۇ.
مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى چۈشەنگەندىن كېيىن، دۆلەت نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەر بىلەن تەرەققىي قىلمىغان ئۆلكىلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش.
رايون تەرەققىياتى تەكشى بولمىغانلىقتىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، قېرىلىشىش دەرىجىسى قاتارلىقلاردا پەرق مەۋجۇت، بەزى ئۆلكىلەرنىڭ فوند قالدۇقى بىرقەدەر كۆپ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەردە كىرىم چىقىمغا يەتمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ كىرىم-چىقىم قالدۇقى جەمئىي 4 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە، شەھەرنىڭ قالدۇقى جەمئىي 2 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېقىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سانىنىڭ %56 ىنى ئىگىلىگەن، خېيلۇڭجياڭ قالدۇقى بولسا 35 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان. ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ئېغىر، ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاشقىلا تايانغان بىلەن بولمايدۇ، بىر تۇتاش پىلانلاش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش ئاچقۇچ، شۇڭا دۆلەت قاتلىمىدىن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش تېخىمۇ زۆرۈر.
مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلىغاندىن كېيىن ئادەتتىكى پۇقرالارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ئالدى بىلەن، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تولۇق تارقىتىلىشىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ
مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلانغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىر قەدەر ناچار بەزى شەھەرلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كىرىمى ئاز بولۇش، ۋاقتىدا تارقاتماسلىق، ھەتتا تارقىتالماسلىق ۋە ئۆسمەسلىك مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسى بولغاچقا، ھازىر ئايرىم رايونلاردا پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئاز ئېلىش، تارقىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى باشقا جايدا بېجىرىش تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ
مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشتىن بۇرۇن، ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئۆلكە ھالقىپ يۆتكىلىپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرسا، بۇ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشقا چېتىلىدۇ. مەسىلەن، بېيجىڭدىن شاڭخەيگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندا، بۇ ۋاقىتتا ئىككى دانە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بېجىرىلىدىغان بولۇپ، بىرى بېيجىڭدا، بىرى شاڭخەيدە ئىشلەيدۇ. مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلانغاندىن كېيىن، مەيلى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ماتېرىياللىرىنى ئۆزگەرتىش بولسۇن ياكى رەسمىيەتنى يۆتكەش بولسۇن، ئەسلىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايغا قايتىپ تۈرلۈك جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ تامغا بېسىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولسا، ھەرقانداق جايدا سۇغۇرتىغا قاتناشسا، ھەرقانداق جايدا پېنسىيەگە چىقسا بولىدۇ. خۇددى بىر كىملىك بىلەنلا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياتاق، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغىلى بولغانغا ئوخشاش بىر جايغا بارغاندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ كىملىكىگە ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز بولغىنىغا ئوخشايدۇ.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويۇش دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق ياخشى ئىش.
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0