搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
خېڭدا، شۈ جيايىن ۋە 10 مىليارد 500 مىليون يۈەن
>
خېڭدا، شۈ جيايىن ۋە 10 مىليارد 500 مىليون يۈەن
Nepkar
2022-02-04
1
导读:دۆلەت سىياسىتى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ سودا تەننەرخىنى ئۆستۈردى...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئۆي-مۈلۈك سودىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئالتۇن كەسىپ بولۇپ كەلدى، پىشقان ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك. گەرچە دۆلەت يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم تەڭشەش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى يەنىلا تۆۋەنلىمەيۋاتىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ پۈتكۈل ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى ئىگىلىگەن كارخانىلار، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىدىن قۇياش نۇرى 100، خېڭدا، فۇلى ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، ۋەنكې ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، جوڭخەي ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، لۈچېڭ، سودىگەر چاقىرىش ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، يىراق ئوكيان يەر-مۈلىكچىلىكى قاتارلىق بىر نەچچە داڭلىق كارخانا بار.
بۇنىڭ ئىچىدە خىڭدانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، خىڭدانىڭ ئۆيلىرىنىڭ كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە تارقالغان. ئۆي مۈلۈككە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن خېڭدا گۇرۇھى يەرلىك كەسىپلەرنىڭ سەركىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسى، پۇل مۇئامىلە، ساغلاملىق، ساياھەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تەسىرىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. خېڭدا گۇرۇھى خېلى بۇرۇنلا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن، مانا مۇشۇنداق دەرىجىدىكى كارخانا قەرز كرىزىسىغا پېتىپ قېلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇردى.
خېڭدا گۇرۇھىنىڭ كۆپ قەرزگە بوغۇلۇشىنىڭ سەۋەبى
دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتكۈل گۇرۇھنىڭ يادرولۇق تىجارەت تۈرى ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مەركەزلەشكەن. كۈچلۈك يەر مۈلۈك سودىسى ئاساسى تۇرۇپ، خېڭدانىڭ پۇلغا كۆمۈلۈپ كېتىشى نورمال ئەھۋال بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما 2021-يىلى خېڭدا گۇرۇھىدا تۇيۇقسىز قەرز كىرىزىسى ئەۋجلىنىپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
خېڭدانىڭ يۇقىرى سوممىلىق قەرز پەيدا قىلىش سەۋەبى ناھايىتى كۆپ:
دۆلەت سىياسىتى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ سودا تەننەرخىنى ئۆستۈردى، ئەكسىچە بولسا ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كۆپۈكىنى تىزگىنلىدى.
ئۆينىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئۆي باھاسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېز ئۆرلىدى. گەرچە ئۆي باھاسى يەنە ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلۇش تەننەرخى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
ئۆي-مۈلۈك كەسپى خېڭدا گۇرۇھىنىڭ تايانچ كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىپلا قالماي، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ باشقا تارماق شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن قوللىشىمۇ تەبىئىي ھالدا بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ.
خېڭدا گۇرۇھىنىڭ رولچىسى شۈ جيايىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىگە بىر قەدەر كۆپ مەبلەغ سالدى، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ياساش تېخنىكىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوموبىل كەسپىگە مەبلەغ سېلىش بىر قەدەر پۇل كۆيدۈرىدىغان كەسىپ بولۇپ، بۇ پۈتكۈل گۇرۇھقا بىر قەدەر ئېغىر مەبلەغ بېسىمى ئېلىپ كەلدى. خېڭدانىڭ قەرز كىرىزىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، يەنە بىر قاتار زەنجىرسىمان ئىنكاسلار پەيدا بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قەرز كىرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بانكا قاتارلىق ئورگانلارمۇ خېڭدا گۇرۇھىدىن قەرز سۈيلىدى، بۇ قەرز كرىزىسىغا پېتىپ قالغان خېڭدا گۇرۇھىغا نىسبەتەن «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئىش بولدى.
باش ئىشتاب بىناسىنى سېتىۋېتىش ھەقىقەتەن ئامالسىزلىق
خېڭدا گۇرۇھىدىكى ئەڭ چوڭ پاي ئىگىسى شۈ جيايىن، نۆۋەتتىكى قەرز كىرزىسىنى تېز سۈرئەتتە ئوڭشىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى كەسىپلەرگە سېلىنغان مەبلەغنى دەرھال قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇ نەزىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆي-مۈلكىگە تىكتى. گۇرۇھ ھازىر سالغان ئۆيلەرنى سېتىشتىن سىرت، ئۇ باش ئىشتاب بىناسىنى سېتىۋەتمەكچى بولدى. خېڭدانىڭ باش ئىشتاب بىناسى شياڭگاڭنىڭ ئالتۇن بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك، قەرز كىرىزىسىغا پېتىپ قالغاندىن كېيىن، باش ئىشتاب بىناسىنى 10 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك باھادا سېتىشقا مەجبۇر بولۇشمۇ ئامالسىز ئىدى. لېكىن بۇ زور سوممىلىق قەرزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچنېمىگە دال بولمايدۇ. ئەمما باش ئىشتاب بىنا سودىسى پۈتۈشىشتىن بۇرۇن، تور ئاتامىنى ما خۇاتېڭ كەسكىنلىك بىلەن ياردەم قولىنى سۇندى.
ما خۇاتېڭنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشى باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بەرگەنگە باراۋەر
ما خۇاتېڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى تور ئالاقە تېخنىكىسىنى بەرپا قىلغۇچى. QQ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ رەقەملىك ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىغا بولغان ئەڭ چوڭقۇر ئەسلىمىسى، ئۈندىدار نۆۋەتتىكى ئەڭ قىزىق ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى. ما خۇاتېڭ رەقەملىك خەۋەرلىشىش ساھەسىدە ئاتامانلىق ئورنىدا ئۇزۇن يىل تۇردى.
شۈ جيايىننىڭ باش ئىشتاب بىناسىنى ساتىدىغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ما خۇاتېڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، خېڭدا گۇرۇھىغا مەبلەغ سېلىپ، قەرز كرىزىسىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈردى. ما خۇاتېڭ مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ خېڭداغا ياردەم بەردى. ئەمما، خېڭدانىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا نىسبەتەن ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكى يەنىلا ئېنىق ئەمەس. ما خۇاتېڭنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشى، ھازىرقى خېڭداغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
كەسىپكە مەبلەغ سېلىشتا ئاقىلانە بولۇش، كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك
نۆۋەتتىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قارىتا. خىڭدانىڭ قەرز كىرزىسى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى. نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، ھەر قانداق تىپتىكى كارخانا مەبلەغ سېلىشتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك. خېڭدانىڭ باش دىرېكتورى شۈ جيايىن ئاللىقاچان بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش-قايتۇرالماسلىقى يەنىلا بىر نامەلۇم ئىش. خېڭدا گۇرۇھىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ.
مەنبە: ئالتۇن كالا مالىيەسىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0