搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
جىلى گۇرۇھى مېيزۇ يانفونىنى سېتىۋالماقچى!
>
جىلى گۇرۇھى مېيزۇ يانفونىنى سېتىۋالماقچى!
Nepkar
2022-01-22
2
导读:جىلى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى لى شۇفۇ ئىلگىرى يانفون ساھەسىگە 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلد
36 كىرىپتون خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۆپلىگەن مۇستەقىل ئۇچۇر مەنبەسىدىن ئىگىلىنىشىچە، جىلى گۇرۇھى قارمىقىدىكى يانفون شىركىتى يانفون كارخانىسى «مېيزۇ» بىلەن سېتىۋېلىش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىۋېتىپتۇ. سودىغا يېقىنلاشقان نۇرغۇن زاتلار مۇنداق دەيدۇ: «سودا يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، DD (پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرۈش) ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.»
مالىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىلى پاي كونترول شىركىتى «قارمىقىدىكى يانفون شىركىتى مېيزۇنى سېتىۋالىدۇ!» دېگەن خەۋەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بازاردىكى سۆز-چۆچەكلەرگە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە شىڭجى دەۋرى يۇقىرى دەرىجىلىك يانفون تەتقىق قىلىپ ئېچىش كەسپىنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان ئېكولوگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن شىنلاڭ پەن-تېخنىكىسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېيزۇ تەرەپنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ: «مېيزۇ پەن-تېخنىكىسىغا كۆڭۈل بۆلگىنىگە كۆپ رەھمەت!» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، سېتىۋېلىش باھاسى ۋاقتىنچە بېكىتىلمىگەن، بىراق جىلى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى لى شۇفۇ ئىلگىرى يانفون ساھەسىگە 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
IT ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، مېيزۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە سايمانلىرى، ئەتراپ زاپچاسلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ كۆلەمدە سىناق ئېلىپ بارغان، قارىمىقىدا Lipro، PANDAER، مېيلەن قاتارلىق ماركىلار بار ئىكەن.
2021-يىلى 9-ئايدا، لى شۇفۇ قۇرغان خۇبېي شىڭجى دەۋر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ۋۇخەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، يان-فون ساھەسىگە كىرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىغان. بۇ تۈرنىڭ باش ئىشتابى ۋۇخەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان، شىركەتنىڭ CEO سى ۋاڭ يۇڭ ئىلگىرى جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىشىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى بولغان.
ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، لى شۇفۇ ئورۇنلاشتۇرغان يانفون كەسپىنىڭ نىشانى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بولۇپ، يەر شارىلاشقان ئورۇنلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتوموبىلنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يۇمشاق دېتال ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكىلاشقان تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا ئېنېرگىيە توپلاپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
مەنبە: IT ئائىلىسى ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0