搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ليۇ چياڭدۇڭنىڭ 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پاي چېكى ئىئانە قىلىشى
>
ليۇ چياڭدۇڭنىڭ 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پاي چېكى ئىئانە قىلىشى
Nepkar
2022-02-05
1
导读:بۇ قېتىم ئىئانە قىلغان پاي چېكىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
جىڭدۇڭ گۇرۇھى 2-چېسلا كەچتە ئېلان چىقىرىپ، شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ليۇ چياڭدۇڭنىڭ خەير-ساخاۋەت ئاپپاراتلىرىغا 62، 376، 643 پاي B تۈرىدىكى ئاددىي پاينى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى يېپىلغاندا، جىڭدۇڭ گۇرۇھى پاي چېكىنىڭ باھاسى ھەر ADS نىڭ باھاسى 73.21 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، بۇ قېتىم ئىئانە قىلغان پاي چېكىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 15 مىليارد يۈەن) بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىئانە ئاساسلىقى ليۇ چياڭدۇڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مائارىپ، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن.
جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ 2020-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، جىڭدۇڭ گۇرۇھىدا تەخمىنەن 3 مىليارد 117 مىليون ئاددىي پاي بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 2 مىليارد 673 مىليون پاي A تۈردىكى ئاددىي پاي ھەمدە تەخمىنەن 444 مىليون پاي B تۈردىكى ئاددىي پايدىن ئىبارەت.
جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ CEO سى ليۇ چياڭدۇڭنىڭ پاي چېكى %13.9 بولۇپ، %76.9 ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بار، بۇنىڭ ئىچىدە A تۈردىكى ئاددىي پاي تەخمىنەن 13 مىليون، B تۈردىكى ئاددىي پاي تەخمىنەن 421 مىليون پاي بولۇپ، جەمئىي 434 مىليون ئاددىي پايدىن ئىبارەت.
تېڭشۈننىڭ خۇاڭخې دەرياسى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئارقىلىق ئىگىلىگەن پېيى %16.9 بولۇپ، %4.6 بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ۋولمارتنىڭ قولىدىكى پاي %9.3 بولۇپ، %2.5 بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە؛ خىزمەتچىلەر ئىلكىدىكى پاي سۇپىسى Fortune Rising Holdings Limited نىڭ ئىلكىدىكى پاي %0.7 بولۇپ، %3.9 بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە.
بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، تېڭشۈن پاي كونترول شىركىتى شياڭگاڭ سودا بىرژىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ماددىي بۇيۇم ئارقىلىق جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى تەقسىملەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتتۇرا مەزگىللىك پاي ئۆسۈمىنى ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم تارقىتىلغاندىن كېيىن، تېڭشۈن پاي كونترول شىركىتىنىڭ جىڭدۇڭ گۇرۇھىغا بولغان پاي نىسبىتى %17 تىن %2.3 كە تۆۋەنلەپ، جىڭدۇڭنىڭ بىرىنچى چوڭ پايچېكى بولۇش ئورنىدىن چۈشۈپ كەتكەن.
(بۇ يەرنى بېسىپ «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش: تېڭشۈن بىلەن جىڭدۇڭ «ئاجرىشىپ» كەتتى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408