搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
2022-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى چوڭ سىناققا دۇچ كېلىدۇ
>
2022-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى چوڭ سىناققا دۇچ كېلىدۇ
Nepkar
2022-02-03
2
导读:2021-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى دادۇغىلىق ئېلان قىلىندى، خۇشاللىق ۋە غەم-قايغۇ ئورتاق م
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بىرىنچى، 2021-يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتقا قانداق قاراش كېرەك؟
2021-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى دادۇغىلىق ئېلان قىلىندى، خۇشاللىق ۋە غەم-قايغۇ ئورتاق مەۋجۇت.
2021-يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %8.1 بولدى، لېكىن 2020-يىلىدىكى %2.3 يۇچۇقنى كۆزدە تۇتقاندا، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئوتتۇرىچە سانغا قاراش كېرەك. 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %5.1 بولدى. بۇ سان 2019-يىلىدىكى %6.1 تىن 1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ناھايىتى زور بولغان. ئەلۋەتتە، بۇنداق تېز تۆۋەنلەش ئاساسلىقى يۇقۇمنىڭ زەربىسىدىن بولغان. يەر شارى مۇشۇنداق ئېنىقسىزلىققا تولغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئەھۋالى باشقا ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە قارىغاندا يەنىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى:
2021-يىلى جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 12 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، تۇنجى قېتىم دۇنيانىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى (12 مىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرى)دىن ئېشىپ كەتتى. بۇ 2019-يىلى تۇنجى قېتىم كىشى بېشىغا 10 مىڭ دوللاردىن توغرا كەلگەندىن كېيىنكى يەنە بىر ئابىدە بولۇپ، جۇڭگونىڭ «ئوتتۇرا ھال كىرىم توزىقى»دىن ھالقىش جەھەتتىكى مۇقىم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2021-يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى 11 تىرىليون 440 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %18 تىن ئېشىشى مۇمكىن. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %25 كە يېتىدۇ.
دۇنيانىڭ زاۋۇتى بولۇش ئورنى يەنىمۇ گەۋدىلەندى: ترامپنىڭ 2018-يىلى سودا ئۇرۇشى قوزغىشى جۇڭگوغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق بېسىم سىنىقى بولدى. يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ زاۋۇتى بولۇش ئورنى تۆۋەنلىمەي، ئەكسىچە ئېشىپ، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى: 2021-يىلى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %21.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت %21.2 ئاشقان؛ ئىمپورت %21.5 ئاشقان. سودا ئاكتىپ بالانىسى 676 مىليارد دوللارغا يېتىپ، شىددەت بىلەن %26 ئېشىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان. سودا ئۇرۇشىنىڭ باش سەۋەبچىسى بولغان ترامپ بۇ سانلىق مەلۇماتنى كۆرسە، چوقۇم قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ، «جۇڭگوغا ئامال بولمىدى، بۇ جۇڭگوغا ئەسكەر كۈچى ئىشلەتمىگەنلىكنىڭ گۇناھىدۇر!» دەپ ھەسرەت چېكىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىمۇ بەزى يېڭى خىرىسلار پەيدا بولدى، بۇ مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان «ئېھتىياجنىڭ قىسقىرىشى، تەمىنلەشنىڭ زەربىسى، مۆلچەرنىڭ ئاجىزلىشىشى»دا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ:
2021-يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدىكى %18.3 تىن 2-پەسىلدىكى %7.9، 3-پەسىلدىكى %4.9، 4-پەسىلدىكى %4.0 كە چۈشۈپ، ئاستىلاش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولدى. گەرچە يۇقۇم ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتلاردا تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئاستىلاش يۈزلىنىشىدىن ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىستېمالنىڭ ئىپادىسى مۆلچەردىكىدەك بولمىدى: «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىستېمال ئۇللۇق رول ئوينايدۇ. 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.9 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولدى، 12-ئايدا تېخىمۇ تۆۋەنلەپ %1.7 كە چۈشتى. بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك.
K تىپلىق ئالاھىدىلىكى روشەن بولدى: (1) پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %9.6، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1 ئاشتى. ياسىمىچىلىق كەسپى %9.8 ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سانائەت ماشىنا ئادىمى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، مىكرو كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %145.6، %44.9، %33.3، %22.3 ئاشتى. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە سېلىنغان مەبلەغ %17.1 ئېشىپ، بارلىق سېلىنمىدىن 12.2 پىرسەنت پوئىنتى تېز بولدى. (2) CEIC سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كىرىمى ئوتتۇرا ھالدىن يۇقىرىراق بولغانلار ۋە كىرىمى يۇقىرى بولغان توپلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2، %6.9 ئاشقان، تۆۋەن كىرىملىك توپلارنىڭ بولسا ئاران %5.9 ئاشقان.
ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ داۋاملىشىشى: ئۆي-مۈلۈك مەسىلىسىنىڭ قىيىن يېرى شۇكى، ئۇ ھەم پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىدىكى كۈل رەڭ كەركىدان، ھەم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ. 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆي باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەڭشەش-تىزگىنلەش، بولۇپمۇ «ئۈچ قىزىل سىزىق»نىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۆي-مۈلۈك تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز ئاستىلىدى.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىچ توپلانغان مۇلازىمەتچىلىكنىڭ زەربىسى تېخىمۇ چوڭ بولدى: ياسىمىچىلىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېمەك-ئىچمەك، سودا سارىيى، مېھمانساراي، ساياھەت، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىككە بولغان زەربە تېخىمۇ چوڭ بولدى. 3-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ %2.1 ئېشىپ، 1-كەسىپنىڭ %9.1، 2-كەسىپنىڭ %11.3 ىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولدى.
باھا قايچىسىمان پەرقىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى: چوشقا گۆشى باھاسىنىڭ %30.3 تۆۋەنلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن يىللىق ئاھالە ئىستېمال باھاسى (CPI) ئالدىنقى يىلدىكىدىن %0.9 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيادىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن يىللىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى (PPI) %8.1 كە يەتتى، CPI بىلەن PPI نىڭ قايچىسىمان پەرقى تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ پايدىسىنىڭ يەنىمۇ بېسىلىپ قالغان «ساندۋىچ»غا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.1 لىك ئېشىش سۈرئىتى، شۇنداقلا 2022-يىلىدىكى «مۇقىملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش» ئومۇمىي رىتىمى بېكىتىلدى، 2022-يىلىدىكى ئېشىش كۆزلىمىسىنىڭ %5.1 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
ئىككىنچى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش مەزگىلىگە كىردى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدا 2022-يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى سىن يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقۇم كۆرۈلگەن دەۋردىكى گۈزەل دۇنيانى ئورتاق يارىتايلى!» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
جۇڭگو ئىقتىسادىغا قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق باھا بەردى:
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %8 ئەتراپىدا ئېشىپ، بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش ۋە پۇل پاخاللىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشتىن ئىبارەت قوش نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلدى. گەرچە دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار.
شى جىنپىڭ ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىگە قارىتا تەھلىل قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:
بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ قېتىمقى ئۆزگىرىش ۋاقىتلىق ئىش، بىر دۆلەت، بىر رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى چوڭقۇر ھەم كەڭ بولغان دەۋر ئۆزگىرىشىدۇر. دەۋر ئۆزگىرىشى بىلەن ئەسىر يۇقۇم ئەھۋالى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش مەزگىلىگە كىردى. «جاھان قۇدرەت تاپمىسا خارابلىشىدۇ، جاھاننى ئىدارە قىلىشتا ئىلگىرىلەنمىسە چېكىنىش بولىدۇ.» دۇنيا ھامان زىددىيەت ھەرىكىتى داۋامىدا تەرەققىي قىلىدۇ، زىددىيەت بولمىسا دۇنيامۇ بولمايدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، ئىنسانىيەت ھەر قېتىملىق سىناقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلدى، ھەر قېتىملىق كىرىزىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدى. مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن، ئىنسانلار ھامان ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ.
ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، مۈلۈك باھاسىنىڭ كۆپۈكلىشىشى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بېسىم ئاستىدا، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. گولدمان سىچاسنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى Jan Hatzius نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3-ئايدا مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش سىياسىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل چېكىنىدىكەن ھەمدە شۇ ئايدا يوچۇقسىز ھالدا ئۆسۈم قوشۇشقا ئۆتىدىكەن ھەمدە بۇ يىل 3-، 6-، 9-، 12-ئايلاردا تۆت قېتىم ئۆسۈم قوشىدىكەن، ھەر قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتى 25 ئاساسىي نۇقتا بولىدىكەن. 2008-يىلى ئىككىلەمچى قەرز كرىزىسى يۈز بېرىپ 14 يىلدىن كېيىنكى 2022-يىلىدا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرەمدۇ؟ دۇنيا بويىچە تۇنجى باي ماسك ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ماكرو ئىقتىساد خىرىس خاراكتېرىگە ئىگە، مېنىڭ بىۋاسىتە سېزىمىم زور چېكىنىش 2022-يىلى ئەتىياز پەسلى ياكى ياز پەسلى ئەتراپىدا بولىدۇ، لېكىن 2023-يىلىدىن كېيىنگە قالمايدۇ.»
شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە خەۋپ-خەتەرلەرگە قارىتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
يەر شارى كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ سىجىل ئۆسۈشى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىق خەۋپ-خەتەرلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىدىكى ئېنىقسىزلىقنى كۈچەيتىۋەتتى. يەر شارى بويىچە تۆۋەن پۇل پاخاللىقى مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، مۇرەككەپ پۇل پاخاللىقى خەۋپ-خەتىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ 70-يىللاردىكى ئۆرلەپ كېتىش ساۋىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇل سىياسىتى «جىددىي تورمۇزلانسا» ياكى «جىددىي بۇرالسا»، ئېغىر سەلبىي تاشقى تەسىر پەيدا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا خىرىس ئېلىپ كېلىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئالدى بىلەن زەربىگە ئۇچرايدۇ.
دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ زەربىسى ئېنىقسىز ۋەزىيەتكە نىسبەتەن، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق ئۈچ مۇھىم تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىز دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شارائىتىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش، ئامېرىكا ئەۋزەللىككە ئىگە يەر شارىۋىلىشىش تەتۈر ئېقىمىدا، جۇڭگو يەر شارىۋىلىشىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن بايراقچىغا ئايلاندى. RCEP غا قاتنىشىشتىن جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇش، CPTPP غا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقىچە، جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياۋىلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:
ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى دەۋرنىڭ ئېقىمى. گەرچە نۇرغۇن تەتۈر ئېقىم، خەتەرلىك ساھىل پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۆنىلىشى ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق، ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، تامنى چېقىپ تام قوپۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئەمما ئايرىۋەتمەسلىك، يۇغۇرۇلۇش لېكىن ئالاقىنى ئۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئادىل، ھەققانىيلىقنى ئىدىيە قىلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، تولۇق كېڭىشىش ئاساسىدا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىقلار ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان، ئۈنۈملۈك قائىدە بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.
گەرچە ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى ئاغزاكى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاھىدە دۇنياۋى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا تىنچ ئەمەس، ئۆچمەنلىكنى، بىر تەرەپلىمە قاراشنى قۇترىتىدىغان سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان خىلمۇخىل قورشاش، بېسىش، ھەتتا قارشىلىشىشنىڭ دۇنيا تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىگە قىلچە پايدىسى يوق. تارىخ شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، قارشىلىشىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.
قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك قىلسا، ھېچكىم قوغدىيالمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. زومىگەرلىك قىلىش تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىق. دۆلەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن «سىز ئۇتتۇرسىڭىز، مەن ئۇتىمەن.» دەيدىغان نۆل يىغىندىلىق تاقابىللىقنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. ھەرقانداق جاھىللىق بىلەن «ھويلىدا ئېگىز تام»، «پاراللېل سىستېما» بەرپا قىلىدىغان قىلمىش، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك چەمبىرەك»، «كىچىك گۇرۇھ»، دۇنيانى پارچىلايدىغان ھەرىكەت، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىدىغان، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت، ئىدېئولوگىيەنى قارشىلىشىشقا قۇترىتىدىغان، ئىقتىسادىي، پەن -تېخنىكا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرىدىغان، قورالغا ئايلاندۇرىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا توغرا يولدۇر.
ئۈچىنچى، 2022-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى
2022-يىلىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، كەمىنىنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئىقتىسادى بىر قاتار چوڭ ئىمتىھانلارغا دۇچ كېلىدۇ:
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى كۆپۈكنى بۇزۇپ تاشلىيالامدۇ؟
بۇ ئەڭ چوڭ ئېنىقسىزلىق. ئامېرىكىنىڭ 2008-يىلىدىن كېيىنكى 14 يىلغا سوزۇلغان مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىلىشى «ئومۇمىي ھېسابات ئېنىقلاش مەزگىلى»گە يېقىنلاشتى.
دېلتادىن ئومىكرونغىچە، 2022-يىلى جاڭ ۋېنخۇڭ ئىنتىزار بولغان ئەڭ ئاخىرقى سوغۇق قىش پەسلىگە گۇۋاھ بولالامدۇ؟
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0