搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە چوڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى
>
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە چوڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى
Nepkar
2022-02-07
1
导读:جۇڭگو نېمە ئۈچۈن يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن يەنە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسا
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
2008-يىللىق بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ 100 يىللىق ئولىمپىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، 14 يىلدىن كېيىنكى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆز قەرەلىدە باشلاندى، بېيجىڭ شەھىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.
لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆتكۈزگەن «ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان» چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە سەرپ قىلىنغان تەنتەربىيەگە ئالاقىدار خىراجەت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، تەنتەربىيەگە ئالاقىدار بولمىغان خىراجەت ئادەتتە مۇشۇ ساننىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
بەزىلەر
جۇڭگو نېمە ئۈچۈن يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن يەنە داۋاملىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ؟
دەپ سورايدۇ.
بۇ يەردە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ.
ئۇنداقتا،
دۆلىتىمىز نېمە ئۈچۈن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ؟
بىرىچنى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قار-مۇز كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر
ئۆتكەن خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى بىر تۈرلۈك كەسپىي ھەم كىچىك ئاممىۋى ھەرىكەت سۈپتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىدى، لېكىن 2015-يىلى بېيجىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغاندىن بۇيان، قار-مۇز تەنھەرىكىتى تەدرىجىي ھالدا كىچىك ئاممىۋى ھەرىكەتتىن مودا بولغان بىر خىل ئاۋام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى 10-ئايغىچە، ئومۇمىي خەلق قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى 346 مىليون كىشى بولۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش نىسبىتى %24.56 بولۇپ، 300 مىليون كىشىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇنىڭغا قاتناشقان نۇرغۇن كىشى ھەم قار-مۇز جابدۇق بازىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى، ھەم ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى «قوش 11»دىكى سەھەر سائەت 1 دە، مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا قار تېيىلىش جابدۇقلىرىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %140 ئاشقان. قار تېيلىش كەچمىشى بار دوستلار قار تېيىلىش مەيدانىدا قار بېسىش ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۈسكۈنە بارلىقىنى بىلىدۇ، ئۇ قار تېيلىش مەيدانىنى تۈزلەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈر قورال، بۇ ئۈسكۈنە قارىماققا كۈندىلىك يول چىڭداش ماشىنىسىغا ئوخشاش ئاددى، ئەمما دۇنيادا پەقەت ئۈچلا دۆلەت مۇستەقىل مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، ئېلىمىز 2015-يىلىدىن كېيىن بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
نۇرغۇن قار-مۇز توپىدىن قار-مۇز جابدۇقلىرى بازىرىنىڭ ئاۋاتلىشىشىغىچە، يەنە ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغىچە، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ قار-مۇز كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. 2025-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ قار-مۇز كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 تىرىليون يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ، غايەت زور ئىستېمال بازىرىدۇر.
ئىككىنچى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالاقىدار پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باش تېمىسى «پەن-تېخنىكا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»، «ئەقىلىي قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»دۇر. بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك مەيدان دۆلەتلىك تېز تېيىلىش سارىيى بولۇپ، ئۇ بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسى چويلا توپ مەركىزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، بۇ، 2022-يىللىق بېيجىڭ 网球دىكى بىردىنبىر يېڭىدىن قۇرۇلغان مۇز ئۈستى تۈرى مۇسابىقە مەيدان-سارىيى، شۇنداقلا ئەڭ پەن-تېخنىكا تەركىبىگە ئىگە مەيدان-سارايدۇر.
سارايدا كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان «مۇز بەلباغ» بار. ئۇنىڭغا تەخمىنەن 12 مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ، دۆلەت تېز تېيىلىش سارىيى مۇز توپ، مۇز چەينەك، چوڭ يولدا تېز تېيىلىش تۈرلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مەيدان-ساراي ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چوڭ يولى تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ سارايدا پۈتۈن مۇز يۈزى لايىھەسى قوللىنىلغان، مۇز يۈزى كۆلىمى تەخمىنەن 12 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مۇز يۈزى بولۇپ، پۈتۈن مۇز يۈزى ئەندىزىسىدە ھەر يىلى سوۋۇتۇش قىسىمىدىنلا 2 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك تېجىگىلى بولىدۇ، بۇ تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ تۈپ دەرەخنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ، پۈتكۈل سوۋۇتۇش سىستېمىسىدىكى كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى نۆلگە يېقىنلىشىدۇ.
ھالبۇكى، «مۇز بەلباغ»دىكى ئەڭ ئالاھىدە «قارا تېخنىكا (ئىلغار تېخنىكا)» دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىت ئاسرايدىغان، شۇنداقلا ئەڭ ئىلغار بولغان كاربون (IV) ئوكسىدى بىلەن مۇز تۇتۇش تېخنىكىسىنى قوللانغان بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ بۇ تېخنىكىنى قوللانغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تېز تېيىلىش سارىيى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مۇز ياساش تېخنىكىسى مۇز يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنى 0.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلالايدۇ، تېمپېراتۇرا پەرقى قانچە كىچىك بولسا، مۇز يۈزىنىڭ قاتتىقلىقى شۇنچە تەكشى، مۇز يۈزى قانچە تەكشى بولسا، تەنھەرىكەتچىنىڭ ياخشى نەتىجە يارىتىشىغا شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتلىك تېز تېيىلىش سارىيى يەنە ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق باشقۇرۇلۇپ، ساراي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۈچ قەۋەتكە ئايرىغان، يەنى مۇز يۈزى تېمپېراتۇرىسى، تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىسى بوشلۇقى تېمپېراتۇرىسى، تاماشىبىنلار ئورنى تېمپېراتۇرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىر مەيدان ساراي «پەن-تېخنىكا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»، «ئەقىلىي قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»نى تولۇق نامايەن قىلدى. بۇ سارايدا تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدىكى 14 ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىدۇ.
ئۈچىنچى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ
2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزسى روشەن سېلىشتۇرما بولدى، كۈچلۈك ئېشىش سەۋەبىدىن جۇڭگو 2010-يىلى ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ياپونىيەدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ساياھەتچىلىكىنى ئاز دېگەندە ئون يىل نەپكە ئېرىشتۈرگەن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش بۇرغىسىنى چالدى.
تارىخ ھەمىشە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، 14 يىلدىن كېيىنكى 2022-يىلى، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ تەسىرىدە، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىر ئاستىلاش مەزگىلىگە كىردى، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2022-يىلى يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى %4.1 كە تۆۋەنلەيدىكەن. لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادى ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالدى، 2021-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى %8.1 بولدى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %18 تىن ئاشتى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
دۇنيا ئىقتىسادى جۇڭگوغا نەزەر سالدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەگەر سىز ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئاپتوماتىك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ باغچە رايونىنى ساياھەت قىلسىڭىز، قول پۇلاڭلاتسىڭىزلا ئادەمسىز پارچە سېتىش ئاپتوموبىلىدا ئىستېمال قىلالايسىز، «مۇنداقلا تېگىپ قويسىڭىزلا» رەقەملىك خەلق پۇلىدا ھەق تۆلەشنى تاماملىيالايسىز، 5G ،VR مەۋھۇم رېئال تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلار تايانچ قىلىنغان نۇرغۇن «قارا پەن-تېخنىكا» جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماي، بۇ قېتىمقى يۇقىرى ئۆلچەملىك مۇسابىقە ئارقىلىق بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن بۇ تېخنىكا ۋە ئالاقىدار كەسىپلەر تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رەقەملىك ئىقتىساد جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، مانا بۇ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى.
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0