搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئەگەر %20 ئامانەت ئۆسۈمى بەرسە، سىز قانداق قىلىسىز؟
>
ئەگەر %20 ئامانەت ئۆسۈمى بەرسە، سىز قانداق قىلىسىز؟
Nepkar
2022-03-03
1
导读:ئۆسۈم قوشۇش ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ بازارنى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىكى بىر ۋاسىتىسى...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
26-فېۋرال، غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەگە قاتتىق پۇل مۇئامىلە جازاسى بېرىپ، رۇسىيەدىكى بىر قىسىم بانكىلارنى SWIFT ئۇچۇر سىستېمىسىدىن سىرتىدا قالدۇرۇپ، رۇسىيە بانكىلىرىنى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە راسچوت سىستېمىسىغا كىرگۈزمىدى. ئۇلار پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسى ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.
2-ئاينىڭ 28-كۈنى دۈشەنبە بازار ئېچىلىپلا، رۇسىيە رۇبلىسى 1 ئامېرىكا دوللىرىنى 117 رۇبلىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتىگە تەڭ بولۇپ، %30 تۆۋەنلەپ، 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى %9.5 تىن %20 كە ئۆستۈردى. بىراقلا %10.5 ئۆرلىدى. بۇنداق يۇقىرى ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ھازىر دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بەك تۆۋەن. ئامېرىكىنىڭ نۆل ئۆسۈم نىسبىتى، ياۋروپا ۋە ياپونىيەنىڭ مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى بولۇپ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %2 كىمۇ يەتمەيدۇ. ئېلىمىز بانكىلىرىنىڭ بىر يىللىق ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى %1.5. قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئاران %0.35 بولۇپ، رۇسىيە ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى %20 كە ئۆستۈردى. بۇ نېمە دېگەن يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى.
ئۆسۈم قوشۇش ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ بازارنى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىكى بىر ۋاسىتىسى، لېكىن نورمال ئۆسۈم قوشۇش ئۈچۈن، ئادەتتە ھەر قېتىمدا 25 ئاساسىي نۇقتا قوشۇلىدۇ، بىر ئاساسىي نۇقتا %0.01 كە ۋەكىللىك قىلىدۇ، رۇسىيەنىڭ ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ھەر قېتىمدا 100 ئاساسىي نۇقتا قوشۇلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىم 1050 ئاساسىي نۇقتا قوشۇلۇپ، %9.5 تىن %20 كە يەتتى. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بەزىلەر رۇسىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن زور دەرىجىدە ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ؟
ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ مەقسىتى: بىرىنچىدىن، پۇل پاخاللىقىنىڭ خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، پۇل پاخاللىقىنىڭ خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە خەلقىگە، بانكىغا بېرىپ تېز نەقلەشتۈرمەسلىك كېرەكلىكىنى، ئامانەت پۇلنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش. %20 ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتى بولغاندا، بۇ ھەرقانداق ئىشقا قارىغاندا مۇۋاپىق. سوراپ باقسام، ئەگەر سىزگە %20 ئامانە ئۆسۈمى بەرسە، سىز يەنە باشقا ئىش قىلامسىز؟ سىز پۇل ئامانەت قويامسىز ياكى پۇل ئالامسىز؟
تەھلىل قىلىپ باقايلى،
رۇسىيە نېمە ئۈچۈن زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشىدۇ؟
بىرىنچى سەۋەب: رۇبلىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش
ياۋروپا، ئامېرىكا رۇسىيەدىكى بىر قىسىم بانكىلارنى SWIFT سىستېمىسىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، رۇبلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى زور دەرىجىدە كىچىكلەپ، قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن. رۇسىيە زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشۇپ، ئامانەت پۇلىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى. ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمى يۇقىرى بولسا، بەلكىم كىشىلەر بانكىغا بېرىپ تېز نەقلەشتۈرمەسلىكى مۇمكىن.
بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، چۈنكى رۇبلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. پېرېۋوت نىسبىتى ئادەتتە ھەر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى %0.1 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر ھەر كۈنلۈك تەۋرىنىش نىسبىتى %1 بولسا، قاتتىق داۋالغۇش بولىدۇ. رۇبلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 28-چېسلا تۇيۇقسىز %30 چۈشۈپ كەتتى. بۇ رۇسىيەنىڭ بارلىق مۈلكىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە %30 چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ! چەت ئەلگە نىسبەتەن ئامېرىكا دوللىرى قەرزى بارلىكى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قان زىيان تارتتى، بەزىلىرى ھەتتا ۋەيران بولدى.
رۇبلىنىڭ قىممىتى %30 چۈشۈپ كەتسە، بۇ رۇسىيەنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنىڭ %30 ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ باھاسى بولسا زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، مال باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ، يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
رۇبلىنىڭ داۋاملىق پاخاللىشىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، ھەرقايسى يول مەبلەغلىرى رۇسىيە چېگراسى ئىچىدە تۇرۇشنى خالىماي، زور مىقداردىكى قىزىق پۇللار رۇسىيەدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، رۇبلىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئېقىپ چىقىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى. مانا بۇ رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى %20 كە كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى. ئۆسۈم قوشۇش بولسا ئەسلىدە پۇل سىياسىتى بولۇپ، بۇ پۇل ۋاسىتىسى ئارقىلىق پېرېۋوت نىسبىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئىككىنچى سەۋەب: پۇل پاخاللىقى خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن
ئۆسۈم قوشۇش ئۆز دۆلىتى پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆرلىتىدىغان ۋاسىتە. ئەسلىدە كىشىلەر ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى، ھازىر ئامېرىكا ئۆسۈم قوشمىدى، رۇسىيە ئالدى بىلەن ئۆسۈم ئۆستۈردى.
رۇبلىغا ئۆسۈم قوشۇلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا چۈشۈپ كەتتى. كىشىلەرگە مەلۇمكى، پۇلنى بانكىغا قويسا، ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدۇ ياكى رۇبلىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇلىغا تېگىشىدۇ، تالىشىپ سېتىۋالىدىغان نەرسىلەر مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇلنىڭ كۇرسى قانچە تېز چۈشسە، كىشىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش سۈرئىتىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ.
مېنىڭچە رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆسۈم قوشۇشى پەقەت ۋاقىتلىق تەدبىر، چۈنكى ئۇ پۇل پاخاللىقىدىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. قېنى ئېيتىڭلارچۇ، %20 لىك ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن رۇسىيە كارخانىلىرى قانداق ياشايدۇ؟ پايدا نىسبىتى %20 بولامدۇ؟ كارخانا پۇل تاپمىسا، مەبلەغ سالىدىغان ئادەم بولمايدۇ، بايلىق كۆپەيمەيدۇ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلالمايدۇ. ئۆسۈم قوشۇش كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پۇقرالارنىڭ پۇل قەرز ئېلىشىغا پايدىسىز، لېكىن ئۆسۈم قوشمىسا رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدۇ، رۇسىيە قىيىن ئەھۋالدا ئۆسۈم قوشۇشنى تاللىدى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە جازاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە جان تىكتى.
ئامېرىكا، ياۋروپا پۇل مۇئامىلە جازاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە بارلىق جىددىي تەدبىرلەرنى قوللاندى، 28-كۈنى رۇسىيە بېرژىسى پاي چېكى بازىرىنى ئۈچ سائەت كېچىكتۈردى، بازار كەڭ كۆلەملىك پاي چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەللىكلەرنىڭ پاي چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىنى مەنئىي قىلدى، رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى كارخانىلارغا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تاشقى پېرېۋوت سېتىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلاردىن %80 تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى سېتىشىنى تەلەپ قىلدى. كارخانىنىڭ تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى دۆلەتكە سېتىپ بېرىش كېرەك. رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى قوللانغان بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.
ئاخىرىدا، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشۇشى پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى بولۇپ، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، غايەت زور خەۋپ-خەتەر بار.
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0