شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا، «رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق، مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «14-بەش يىل مەزگىلىدە پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى قوللاش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لايىھەسى»، «پەن-تېخنىكا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكىنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە كەڭ قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملىشىپ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىشىپ يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش؛ ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھۆكۈمەتلەر ئارا مالىيە مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەشنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئايرىشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە كۈچىنىڭ تارقىلىشىنى نىسبەتەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ قانۇن-بەلگىلىمىگە ئاساسلىنىش، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، ئىلمىي بېكىتىش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، جاۋابكارلىقنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، مۇۋاپىق بولغان ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ دىققەتنى پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى يېتەرسىزلىك، ئاجىزلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارى، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجى، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان، قىممەت يارىتىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىجادىي نەتىجىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆزلەشتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش، ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش-ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ، قانۇنچىل، پاك، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، بۈيۈك مەلۇمات ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ بىر يۈرۈش مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش؛ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇشنى رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، قوللىنىشچان، ئاقىل-قولايلىق، ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق رەقەملەشكەن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنى ئاز قاترىتىش، سانلىق مەلۇماتنى كۆپ ئىشلىتىش؛ رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئارقىلىق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا كۈچ قوشۇپ، ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى قوللىنىش سىستېمىسىنىڭ تۈجۈپىلىك قۇرۇلۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى فۇنكسىيەسىدىكى مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەڭكەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەقەملەشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە سانلىق مەلۇماتتىن يۇقىرى ئۈنۈمدە ھەمبەھىرلىنىش ۋە تەرتىپلىك ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىكا، كەسىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتلام، رايون، سىستېما، تارماق، كەسىپ ھالقىغان ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ تارىنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپلىق بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بىز مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىشلىرى ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ كىرىمىنى ئايرىشنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيىتى ئېنىق، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار تەڭپۇڭ بولغان مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ باج ئايرىش تۈزۈمى پىرىنسىپىنىڭ رامكىسى ئىچىدە، ھۆكۈمەتلەر ئارا مالىيە مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھۆكۈمەتلەر ئارا كىرىم مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيەنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ مالىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، يەرلىك قورۇقچىلىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازار توسۇقىنى تۈگىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، رايون مەدىتى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە كۈچىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يوشۇرۇن قەرز خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، مالىيە تەرتىپىنى قوغداپ، مالىيە-بوغالتىرلىقنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق، مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، 2015-يىلىدىن باشلاپ سىناق قىلىنىپ، 2017-يىلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش جەھەتتە كۈچلۈك تۈزۈم چەكلىمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بايلىق، مۇھىتقا ئالاقىدار تەدبىر بەلگىلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىقنى قوغداش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش قىزىل سىزىقى، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى قاتارلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئالاقىدار باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈش؛ باھالاش كۆرسەتكۈچىنىڭ سالمىقى ۋە باھالاش ئۇسۇلىنى ئىلمىي بېكىتىپ، تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنىڭ ئەمەلىي مىقدارى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پىلانىدا بېكىتىلگەن بايلىق، مۇھىتنىڭ چەكلىمىلىك كۆرسەتكۈچىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ جايلارنىڭ تەبىئىي بايلىقنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن سۇبيېكتلارنىڭ ئىقتىدار ئورنىنى بېكىتىش جەھەتتىكى پەرقنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، كۆرسەتكۈچنى تەسىس قىلىشتا ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛ ئىقتىسادىي تەپتىش دائىرىسى ۋە مەزمۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان پاكىتنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشتىكى باھالاش يەكۈنىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ تۈرلۈك نازارەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى باھالاش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش- ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشتا مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش؛ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بايلىق، مۇھىت سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز مۇلازىمىتى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش رولىنى كۈچەيتىپ، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغۇرتا ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان تاشقى تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا قارىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىشى ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پەن-تېخنىكا ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش-پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئاڭلىق ھالدا تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ مەنىۋى جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ۋە كەلگۈسى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى قاتارلىقلار ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان پەن تېخنىكا كوللېكتىپى ۋە خادىملارنى نۇقتىلىق مۇكاپاتلاش كېرەك؛ پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش خىزمەت ۋاقتىغا، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ياش پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ياشلارغا مۇھىم ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش پۇرسىتى بېرىش، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىش؛ پەن تەتقىقات خىراجىتىنى مۇقىم قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۇللۇق، جامائەتچىل تەتقىقات يۆنىلىشىدە داۋاملىق قېتىرقىنىپ ئىشلىشىنى ئىزچىل قوللاش؛ رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلىمە قويۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك چەكلىمە ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

