大数跨境

ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ Nepkar
2022-02-05
2
导读:بۇلار ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنى تونۇشتۇرۇش، تەسىر كۆرسىتىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ 
يېقىنقى مەزگىلدىكى قىزىق نۇقتا ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى دېگەندەك تېمىلار بولدى. بۈگۈن بىز بىرلىكتە ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى دېگەن نېمە؟ 
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ نېمىلىكىنى، ئاندىن ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. 
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى» ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل سىستېمىسى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتىنى تەڭشىشىنى كۆرسىتىدۇ. 
بىز دەۋاتقان ئۆسۈم ئۆستۈرۈش دېگىنىمىز فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. 

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نېمە ئۈچۈن ئۆسۈم ئۆستۈرىدۇ؟ 
ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ بىۋاستە سەۋەب پۇل پاخاللىقىدا. 
ئادەتتە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، %3 پۇل پاخاللىقى نىسبىتى دۆلەتنىڭ ھوشيار تۇرۇشىغا ئەرزىيدۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %7.04 كە يەتكەن، 2021-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ سان %1.4 ئىدى. بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كارى بولمىسا، ئامېرىكىنىڭ يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىغا پېتىپ قېلىپ، بۆلۈنۈش ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
پۇل پاخاللىقى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، مەھسۇلات باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى 

شۇڭا پۇل پاخاللىقىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش. 
تارىختا ئامېرىكا كۆپ قېتىم پۇل پاخاللىقىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن، ھەر قېتىم دېگۈدەك ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تاقابىل تۇرغان. 

ئۆسۈم ئۆستۈرۈش دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ 
ئۇنداقتا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ 
فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى ئامېرىكا سودا بانكىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكىنىڭ ئامانەت پۇل، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
مەسىلەن، بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %1 تىن %3 كە ئۆستۈرۈلسە، بۇ كىشلەرنىڭ پۇلنى بانكىغا قويۇپ ئۆسۈم ئېلىشنى تېخىمۇ خالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتىرى بار، لېكىن بانكىغا ئامانەت قويۇشنىڭ ئاساسەن خەتىرى نۆل. 
نۇرغۇن كىشىلەر پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويغاندا، بازاردا ئوبورت قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا دوللىرى بانكىغا ئامانەت قويۇش شەكلىدە مەۋجۇت بولىدۇ، نەتىجىدە بازاردىكى ئامېرىكا دوللىرى ئازلاپ كېتىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا پۇلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولغاچقا، دۇنيا سودىسىدا ئامېرىكا دوللىرىنى راسچوت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا پۇل مۇئامىلە دۇنياۋىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا سودا بانكىسىغا كىرىدۇ. 
دىققەت، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى خەلقئارا كاپىتالنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرىشى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ يادرولۇق لوگىكىسى، بۇ ئىنتايىن كۆپ تەسىر ۋە غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ. 


ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنىڭ تەسىرى 
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش تەسىرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، تەسىر دائىرىسىنى ئويلىشىش ئۈچۈن، مەن پەقەت ئەڭ مۇھىم مەزمۇننىلا ئالدىم، مەسىلە بولسا ئىنكاس رايونىغا سۆز قالدۇرساق بولىدۇ. 

بىرىنچى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پۈتۈن يەر شارىدىكى پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق مۆھلەتلىك زايومنىڭ پايدا نىسبىتى ئۆرلەپ، يەر شارىدىكى خەتەرلىك مۈلۈك (پاي چېكى)نىڭ مۆلچەر قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
تارىختىن قارىغاندا، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پەن-تېخنىكا پېيى قاتارلىق يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كەسىپلەر ۋە يەككە پاينىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەيلى ئامېرىكا پېيى، A پاي بولسۇن، ھەممىسىدە ئوخشاش. (ئامېرىكا پاي بازىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرى A پايغا يەتكۈزۈلىدۇ.) 
ئۆسۈم ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى 10 سودا كۈنىدە كۆپ چۈشۈپ كەتتى، ئەمما ئاز ئۆستى

مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا پاي چېكى بىلەن A پاي چېكىنىڭ يېقىنقى بىر ئايدا شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب. 

ئىككىنچى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى يەر شارى كاپىتالىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىسمەن دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي كىرىزىس كۆرۈلىدۇ 
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ يادرولۇق لوگىكىسى خەلقئارا ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالىنىڭ ئامېرىكىغا قايتىشىدا. شۇڭا ئىزچىل تۈردە دوللار كاپىتالىغا تايىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ! 
تارىختىن قارىغاندا، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش 83-، 84-يىلىدىكى لاتىن ئامېرىكىسى قەرز كىرزىسى، 88-، 89-يىلىدىكى ياپونىيە ئىقتىسادى كىرزىسى، 94-، 95-يىلىدىكى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى، 94-يىلىدىكى مېكسىكا پېرېۋوت نىسبىتى چۈشۈش كىرىزىسى، 97-يىلدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تايلاند پېرېۋوت نىسبىتى كىرىزىسى، 97-يىلىدىكى كورىيە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە 98-يىلىدىكى ھىندونېزىيە، رۇسىيە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، 2004-، 2006-يىلىدىكى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 
بۇ يىل تۈركىيەنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، تۈركىيە ئۇزاق مۇددەت ئامېرىكا دوللىرىغا تايىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى دۆلەت سىرتىغا ئېقىشقا باشلىغان ھامان كۈنى تەس كۈنگە قالىدۇ. 
كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىش تەسىرى يەر شارى خاراكتېرلىك بولغانلىقتىن، بارلىق دۆلەتلەر شۇ سەۋەبتىن پېرېۋوت نىسبىتى جەھەتتىكى بېسىمغا ئۇچراپ، ئىقتىسادقا تەسىر يېتىدۇ. 

ئۈچىنچى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەرزىگە زەربە بېرىدۇ
بۇ نۇقتا، ئوخشاشلا بەزى دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان سەۋەب، بىز تۆت جەھەتتىن ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ تەسىرىگە قاراپ باقايلى: 
1. ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئامېرىكا دوللىرى قەرزىنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
2. ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
3. كاپىتال ئامېرىكىغا ئېقىپ بارغاندىن كېيىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، قەرز كىرىزىسى ۋە مالىيە يوچۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
4. ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن بايلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردە قەرز كىرىزىسى پەيدا بولىدۇ. 
يۇقىرىقى تۆت نۇقتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ نوپۇزىغا قارىتا قىلچە قول ياندۇرغۇدەك كۈچى يوقلۇقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تۆتىنچى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ دۇنيانى ئورۇش (دۇنيانىڭ يىلىكىنى شوراش) ئۇسۇلى
يۇقىرىقى چۈشەنچىلەرگە تايىنىپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ دۇنيا بايلىقىنى شۈلۈۋېلىش ئۇسۇلى بولغان «ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى»نى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ دۇنيا بايلىقىنى شۈلۈۋېلىشىدا ئۈچ باسقۇچ بار:
بىرىنچى قەدەمدە، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش: ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق دۇنيادا ئۆسۈم نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتەرلىك كۆپ ئامېرىكا دوللىرى مۈلۈككە ئىگە بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ مۈلۈكلەردىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئىككىنچى قەدەمدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش: ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پۈتۈن يەر شارىدىكى دوللار كاپىتالىنىڭ ئامېرىكىغا قايتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى دوللار قەرز كىرىزىسىگە پېتىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەم، ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن نۇقتىدا بازارغا كىرىشى: مىسالغا ئالساق، كورىيە ھۆكۈمىتى قەرز كىرىزىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، چەتئەل مەبلىغىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى بولغان كارخانىلارغا كىرىشىگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان، نۇرغۇن كورىيە ماركىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ كۆلەڭگىسى بار، باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال بار.
ئالدى بىلەن سۇنى قويۇپ بېرىپ، ئاندىن سۇنى يىغساق، ئامېرىكا دوللىرى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشىگە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز ئېتىلىپ چىقىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ باھا تۆۋەن نۇقتىدا بازارغا كىرىشى ئۈچۈندۇر.


بەشىنچى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىگە بولغان تەسىرى 
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پاخاللىشىش بېسىمى پەيدا قىلىدۇ. 
خەلق پۇلىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى بىۋاستە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ بېسىمغا ئۇچىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خەلق پۇلىدىمۇ قىممىتى چۈشۈش بېسىمى پەيدا بولىدۇ. لېكىن ئالدىنقى بىر مەزگىلدە خەلق پۇلى تاشقى سودىدا كۈچلۈك بولغانلىقتىن، خېلى زور كۆلەمدە قىممىتى ئۆستى، شۇڭا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم ئۆستۈرگەن تەقدىردىمۇ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدە تۆۋەنلەش بېسىمى مۇۋاپىق دائىرىدە داۋالغۇپ تۇرىدۇ. 

ئالتىنچى، ئامېرىكا ئۆسۈم ئۆستۈرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز بىرلىكتە ئۆسۈم قوشامدۇ؟ 
دۆلىتىمىز ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىگە قارىتا، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشى: ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
ئامېرىكا ئۆسۈم قوشۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ تاقابىل تۇرىدۇ

تارىخقا قارىساق، 2015-يىلى، ئامېرىكا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى باشلىغان، دۆلىتىمىز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تاقابىل تۇرغان، بۇ خىل قارشى ئۇسۇل ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالىنىڭ سىرتقا ئېقىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن تەسىس قىلغان «قەرز توزىقى»دىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. 

يەتتىنچى، ئامېرىكا ئۆسۈم ئۆستۈرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز قانداق قىلىپ كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟ 

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0