12-ئاپرېل، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دائىر ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرى يەنىلا يۇقىرى بولماقتا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالقىلىق، مۇھىم مەزگىلدە تۇرماقتا
■نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرى يەنىلا يۇقىرى بولماقتا، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيمەكتە، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالقىلىق، مۇھىم مەزگىلدە تۇرماقتا. «ھەرىكەتچان تۈگىتىش» باش فاڭجېنىدا داۋاملىق تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن بولۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ھالقىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
■1-مارتتىن 11-ئاپرېلغىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە جەمئىي 325 مىڭ 303 يەرلىك يۇقۇملانغۇچى دوكلات قىلىندى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم 30 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)گە تەسىر يەتكۈزدى. جايلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭىدىن يۇقۇم كۆرۈلگەن رايونلار تېز سۈرئەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭىدىن كۆلەملەشكەن يۇقۇم شەكىللىنىشتىن ساقلاندى.
■خېبېي، جياڭسۇ، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جېجياڭ، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە يۇقۇم ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلەندى.
■جىلىن ئۆلكىسىدە يۇقۇم ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇدا ئۈچ كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچى سانى مىڭدىن تۆۋەن بولدى، لېكىن يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا؛ چاڭچۈن شەھىرىدە ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى تۆۋەنلىدى، لېكىن باشقۇرۇش-كونترول قىلىش رايونىدىكى مەھەللىلەردە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى پۈتۈنلەي توختاپ قالمىدى، بۇ رايونلاردىكى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
■شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئۇدا 8 كۈنلۈك دوكلاتىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، يۇقۇم تېز ئېشىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، مەھەللىدە تارقىلىش تېخى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ئۆلكە، شەھەرگە چېتىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت، كەلگۈسى نەچچە كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
16 ئۆلكىدىن 40 مىڭدىن ئارتۇق داۋالاش خادىمى شاڭخەيگە ياردەمگە باردى
ۋۇ زۇنيۇ: «ھەرىكەتچان تۈگىتىش» جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۇنيۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باش فاڭجېنىنى يىغىنچاقلىساق، ئۇنىڭدا بارلىق ئاماللار بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھايات بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە بوۋاقلار قاتارلىق يۇقۇم خەۋپىگە ئاسان ئۇچرايدىغان كىشىلەرنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان.
يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ۋاز كېچىش ئەمەلىيەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر خىل ئامالسىز تاللىشى. بۇ دۆلەتلەر كۆپ خىل سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك تىزگىنلەش تەدبىرىنى تاپالماي، يۇقۇم يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە تارقالدى، شۇڭا ئۇلار ۋاكسىنا ئەملەشنى تەكىتلىگەندىن سىرت، باشقا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قايتا تەكىتلىمىدى. ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ھەرىكەتچان تۈگىتىش» ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى.
ۋاڭ خۇاچىڭ: ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئومىكروننىڭ ۋاكسىنا ئەملىمىگەن ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش پىلانى باش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ خۇاچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭدىكى ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، شياڭگاڭدىكى بۇ قېتىمقى ئومىكرون يۇقۇمىدا، 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش خەۋپى 30 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش خەۋپىنىڭ 252 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. شياڭگاڭ سەھىيە مەھكىمىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئومىكرون تارقالغاندا، ۋاكسىنا ئەملىمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %2.87 كە يەتكەن، ۋاكسىنا ئەملىمىگەن 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %15.68 كە يەتكەن.
شۇڭا يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئومىكروننىڭ ياشانغانلارغا، بولۇپمۇ ۋاكسىنا ئەملىمىگەن ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئاساسىي كېسىلى بار ياشانغانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.


