大数跨境

نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنىڭ ھەممىسى دورىخانا؟

نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنىڭ ھەممىسى دورىخانا؟ Nepkar
2022-03-11
0
导读:خېرىدارلارمۇ ئاساسلىق فارماكولوگىيە بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، قارا نىيەت پىركازچىكلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ھازىر چوڭ كوچىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا، بەلكىم ئۇزۇن ۋاقىت مېڭىپمۇ بىرەر ئاممىۋى ھاجەتخانىنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز ھەر نەچچە يۈز مېتىردا بىر دورا دۇكىنىنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر سىز بۇنى مۇبالىغە دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئەمەلىيەت شۇنداق، ئازراقمۇ مۇبالىغە ئەمەس. 
كوچا-كويلاردا نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ دورىخانىلار ئېچىلىدۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن بەزىدە سىرتتىن قارايدىغان بولساق ھېچقانچە خېرىدار يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى دورا دۇكانلىرى ناھايىتى يېقىن ئېچىلىدۇ، رىقابەت مۇشۇنداق چوڭ ئەھۋالدا، دورا دۇكىنىنىڭ سانى ئازايماستىن ئەكسىچە كۆپىيىدۇ، ئۇلار راستتىنلا پايدا ئالالامدۇ، پۇل تاپالامدۇ؟ يەنە نېمىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ؟ بۇنىڭ ھەممىسى ئادەمنى بەك قىزىقتۇرىدۇ.


1. دورىخانىلارنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلاردىكى مەخپىيەتلىكلىرى
ئالدى بىلەن دورا دۇكىنىغا كېتىدىغان تەننەرخ ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بەلگىلىك ئىجارە ھەققى تاپشۇرسىلا بولىدۇ، ساھەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دورىخانىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ بېزەپ، ساھە ئېھتىياجلىق بولغان ئۆلچەمگە يەتسە، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ، ئاندىن شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تىجارەت باشلاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ ھەمدە تىجارەت باشلاشقا تەييارلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. 
كېيىن تىجارەت باشلاش ئۈچۈن يەنە بىر زۆرۈر شەرت ھازىرلىنىشى كېرەك، يەنى كەسپىي ۋىراچلىق كىنىشكىسىنى تەييارلاپ قويۇش ئۈچۈن، پەقەت ساپاسى بار ئادەم تاپسىلا بولىدۇ. ئەگەر خادىملارنى تېپىش ئاسان بولمىسا، بىۋاسىتە بىر تەييار كەسپىي ۋىراچنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاللاشقا بولىدىغان ئۇسۇللاردۇر.


ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئېھتىياجلىق بولغان دورىلارغىمۇ زىيادە كۆپ مەبلەغ سېلىش ھاجەتسىز. سىز پەقەت ئىشەنچلىك ھەم لاياقەتلىك ۋاكالەتچى سودىگەر تېپىپ ئۆزىڭىزگە داۋاملىق مال يەتكۈزگۈزسىڭىزلا، دورا بىلەن تەمىنلەشتە يېتەرسىزلىك ياكى يېتىشمەسلىكتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىككىنچى، تەبىئىي ھالدا بازار ئېھتىياجى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇھىتنىڭ تۈرتكىسىدە، دورىخانا مۇقەررەر ھالدا كۆپ بولىدۇ، ئاز بولمايدۇ. 
ئادەم بەش خىل دانلىق زىرائەتلەرنى يەيدۇ، خۇددى ھەر كۈنى قورسىقى ئاچقانغا ئوخشاش، قايسى كۈنى ئاغرىپ قېلىشىنى بىلمىگەچكە، ئۆيىدە دائىم دورا تەييارلاپ تۇرۇشى ناتايىن. ئەگەر ئادەتتىكى كېسەللىكلەر، مەسىلەن، زۇكامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، يەنە نومۇر ئېلىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ كېسەل كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، دورا دۇكانلىرىغا بېرىپ زۇكام دورىسى، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى سېتىۋالسىلا بولىدىغان ئىشقا نىسبەتەن، بۇ ھەقىقەتەن قولايلىق ئەمەس.
ھازىر كىشىلەرنىڭ قولىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بار، دوختۇرخانىغا بېرىپ بالنىستا يېتىپ داۋالانسا سۇغۇرتىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئاتچوت قىلىدۇ، لېكىن ئالدى بىلەن دورا پۇلىنى تۆلەپ، ئاندىن بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە ماڭغاندىلا ئاندىن ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ، جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ. ئەگەر دورىخانىغا بېرىپ ئىستېمال قىلسا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى دورىلارنى سېتىۋالسىلا، كارتا سۈركەش ئارقىلىق بىۋاسىتە ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ، قولايلىق ھەم تېز بولۇپ، ۋاقىتنى تېجەيدۇ. 


يەنە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر «باي»لىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ئۇلار ئۇزاق مۇددەت ئالاھىدە دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق كېسەللىكنى داۋالايدۇ، بۇمۇ سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرىدۇ. دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنگەندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىخانىغا بېرىپ دورا سېتىۋالسا بولىدۇ. 


ئىستېمال توپى كۆپەيسە، تەبىئىيلا دورا دۇكانلىرىنىڭ سانىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپىيىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا دۆلەتمۇ تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە دورىخانىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە نۇقتىدا تۇرۇش سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلىش تېخىمۇ ئاددىيلاشتى. ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، دورا دۇكىنى ئاچقاندا پۇل تاپىدۇ، ئۇنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، ئېھتىياج يۇقىرى، ھەمدە كۆپ پايدا ئېلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا تولۇق ئاچقىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ يەنە نېمىگە تايىنىپ پايدا ئالىدۇ؟ 


2. ئۇلار زادى نېمىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ؟ 
دورىخانىنىڭ پايدىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن بولىدۇ. 
بىرىنچى، ھەممە ئادەم بىلىدىغان دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار
بۇ خىل دورىلاردىن كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ، بىز دائىم سېتىۋالىدىغان زۇكام دورىسى، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىنى مىسالغا ئالساق، گەرچە باھاسى قىممەت بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆپ سېتىلىدۇ، ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىش دېگەن گەپ بار، قوشساق كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. 

ئىككىنچى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى
ھازىر دورىخانىلاردا پەقەت دورىلا سېتىلىپلا قالماي، يەنە ساغلاملىق بۇيۇملىرىمۇ سېتىلىۋاتىدۇ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دورىخانىلارنىڭ پايدىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دېيىشكە بولىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر سالامەتلىكىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى، بۇنداق ئەھۋالدا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئائىلە پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىغىمۇ بىر كىشىلىك ئېلىپ بېرىدۇ ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە سوۋغا قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ، مەسىلەن، ھەرە يېلىمى، قۇرتئوت قاتارلىقلارنىڭ باھاسى بىر قەدەر قىممەت. تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مەلۇم نامى چىقمىغان ساغلاملىق بۇيۇمىنىڭ پايدا بوشلۇقى %50 تىن ئاشىدىكەن. 


يەنە بەزى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە تايىنىدىغان بىمارلارمۇ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەك، دورىخانىلار مۇتلەق ئىشەنچلىك سېتىۋېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بىر داۋالاش ئۈسكۈنىسى نەچچە مىڭ يۈەن، ياخشى بولغاندا نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پايدا كۆرۈنەرلىك. 

ئۈچىنچى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئېھتىياجلىق بولغان دورىلار
سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزىدە بىر خىل دورا ئىستېمال قىلىپلا قالماستىن، يەنە كۆپ خىل دورىلارنى بىللە ئىستېمال قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆمۈر بويى ئىستېمال قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، دىئابېت، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلار ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان دورىلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، يۇقىرى خىراجەت كۆپ ساندىكى دورا دۇكانلىرىنىڭ پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بەزى يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى، بولۇپمۇ تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى تىرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنىڭ ھەر ئايلىق دورا ھەققى ھەتتا مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى غايەت زور چىقىم، لېكىن دورىخانىغا نىسبەتەن بۇ غايەت زور پايدا. 

تۆتىنچى، بەزى كىشىلەر بىلمەيدىغان ھەم يۇقىرى پايدا ئالىدىغان دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار
دورىخانىغا بارغاندا، ئەگەر سىز قانداق دورا ئېلىشنى بىلمىسىڭىز، ئۆزىڭىز تاللىمايسىز، دائىم ئالدى بىلەن دۇكانداردىن مەسلىھەت سورايسىز، بۇ ۋاقىتتا دۇكاندار سىز بايان قىلغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن سىزگە تونۇشتۇرىدۇ. لېكىن ئۇ تەۋسىيە قىلغان بۇ دورىنى سىز بەلكىم ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بىراق كېسەللىك ئالامەتلىرى سىزگە ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا سىز دەل ئېھتىياجلىق. قانداقلا بولمىسۇن سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىز چوقۇم پىركازچىكنىڭ چۈشىنىشىگە يەتمەيدۇ، شۇڭا پىركازچىكنىڭ تەۋسىيە قىلىشىغا ئىشىنىپ سېتىۋېلىشنى تاللايسىز. 
گەرچە دورىنىڭ ئۈنۈمى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن باھاسى ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى. چۈنكى پىركازچىكقا سېتىش مىقدارىغا تايىنىپ پىرسەنت ئايرىپ ئالىدۇ، قانچە كۆپ ساتسا، ئالىدىغان پايدا شۇنچە كۆپ بولىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بۇ مائاش بىلەن باغلىنىدۇ. 

3. داۋاملىق شانلىق نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن يەنىلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قارىماققا دورىخانىغا قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان ئادەم يوقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، پەقەت يۇقىرىقى پايدا مەنبەسىلا دورىخانىنى پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ. لېكىن، ھەر قانداق بىر كەسىپ ئۇزۇن مۇددەت، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىسا، يەنىلا داۋاملىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. 
ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىمى، مەيلى دورا دۇكىنى بولسىمۇ يەنىلا دورىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. دورا دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتقان تاۋارلار باشقا تاۋارلارغا ئوخشىمايدۇ، خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈپىتىگىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەلەپ قويۇپ، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىپ، خېرىدارلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. 
ئۇنىڭدىن قالسا، دورىخانا مۇھىتىغا دىققەت قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغان جايلار كىشىنى ئاسانلا سەل قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ، لېكىن سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئادەمنىڭ تۇنجى كۆز قارىشى ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر دۇكىنىڭىزنىڭ ئىچى مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولسا، ئۇنى پاكىز، ئازادە دۇكانغا سېلىشتۇرغاندا، ھېچكىم تاللىمايدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا ھەم خېرىدارلارنىڭ سېتىۋېلىش ئارزۇسىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھەم سېتىش مىقدارىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققىلى بولىدۇ. 
ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكاندارلارنىڭ كەسپىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خېرىدارلارغا يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئەگەر دورىخانىلار كەسىپداشلار رىقابىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىدىن باشلاپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان كەسىپلەشكەن كوللېكتىپنى بەرپا قىلىپ، ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەر بويىچە تەربىيەلىشى، جۈملىدىن ئاساسىي دورا ئىشلىتىش ساۋاتلىرى، سېتىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىشى كېرەك. 

خۇلاسە:
گەرچە دورىخانىلار كۆپ پايدا ئالىدىغان بولۇپ، چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئېچىلسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە يەنىلا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، باش-ئايىغىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، پەقەت پۇل تېپىپ پايدا ئېلىشنىلا مەقسەت قىلىپ، دۇكان ئېچىشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بازارنى ياخشى نازارەت قىلىپ، ناچار سودىگەرلەرنىڭ بازارنى قالايمىقان قىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، دورا دۇكانلىرىنى باشقۇرغۇچىلار ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، خىزمەتچىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دورىلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك. 
خېرىدارلارمۇ ئاساسلىق فارماكولوگىيە بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، قارا نىيەت پىركازچىكلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى، دورىخانا كەسپىنى ياخشى نازارەت قىلىپ، پۈتكۈل كەسىپنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىكتىن سوراپ باقاي، سىز دورىخانىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلاردا كۆپلەپ ئېچىلغانلىقىغا قانداق قارايسىز؟ 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408