大数跨境

دۆلەت تەستىقلىدى: قەشقەر ۋىلايىتى، ئالاتاۋ شەھىرىدىكى پۇرسەت!

دۆلەت تەستىقلىدى: قەشقەر ۋىلايىتى، ئالاتاۋ شەھىرىدىكى پۇرسەت! Nepkar
2022-02-08
1
导读:گوۋۇيۈەننىڭ قەشقەر قاتارلىق 27 شەھەر ۋە رايوندا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق ر

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
گوۋۇيۈەننىڭ ئوردوس قاتارلىق 27 شەھەر ۋە رايوندا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىقى

دۆلەت ئالاقىسى [2022] 8-نومۇرلۇق

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، جياڭشى ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سودا مىنىستىرلىقىغا:
سىلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ھازىر تۆۋەندىكىچە تەستىق جاۋاب يازدۇق:
بىرىنچى، ئوردوس شەھىرى، ياڭجۇ شەھىرى، جېنجياڭ شەھىرى، تەيجۇ شەھىرى، جىنخۇا شەھىرى، جۇشەن شەھىرى، مائەنشەن شەھىرى، شۈەنچېڭ شەھىرى، جىڭدېجېن شەھىرى، شاڭراۋ شەھىرى، زىبو شەھىرى، رىجاۋ شەھىرى، شياڭياڭ شەھىرى، شاۋگۈەن شەھىرى، شەنۋېي شەھىرى، خېيۈەن شەھىرى، ياڭجياڭ شەھىرى، چىڭيۈەن شەھىرى، جيېياڭ شەھىرى، يۈنفۇ شەھىرى، نەنبو شەھىرى، مېيشەن شەھىرى، قىزىل دەريا خانى ئاپتونوم ئوبلاستى، باۋجى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى شەھىرى قاتارلىق 27 شەھەر ۋە رايوندا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇشقا قوشۇلدۇق، ئىسمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو (شەھەر ياكى رايون ئىسمى) چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى بويىچە بولىدۇ، كونكېرت ئىجرا قىلىش لايىھەسىنى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايرىم-ئايرىم مەسئۇل بولۇپ بېسىپ تارقىتىدۇ.

ئىككىنچى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى دېيىلىدۇ) قۇرۇلۇشىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقى بەش تۈركۈم ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىڭ پىشقان تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى كۆپەيتىپ ۋە كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ساغلام، سىجىل، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تور بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، سودا بىخەتەرلىكى، دۆلەت دەرۋازىسىدىكى جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە سودا خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، تەرەققىيات داۋامىدا قېلىپلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشى ئۈچۈن ياخشى تىجارەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ «جۇڭگو ئىقتىسادىغا چوڭقۇر قاراش: جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى باھالاش، يېتەكلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

ئۈچىنچى، ئالاقىدار ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
نۇقتىدا سىناق قىلىش تەلىپى بويىچە، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي بايلىقنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، كۆپچىلىك بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تەمىنلەش كېرەك.
سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارغا خىزمەت پىلانى، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسى ۋە ئۈنۈمىنى قەرەللىك يوللاپ، تىرىشىپ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يانداش تىرەك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
ھەر قايسى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان مۇھىم سىياسەت ۋە چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى ماسلاشتۇرۇپ يېتەكلەش ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ كارخانا (B2B) ئۇسۇلىغا ئالاقىدار ھالقىلاردىكى تېخنىكا ئۆلچىمى، كەسىپ تەرتىپى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ قوللاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىستاتىستىكا سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى ئىچىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئېكسپورت ماللىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجى قاتارلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىشنى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك، كارخانىلار كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ باجلىتىشنى تاللىسا بولىدۇ، تۇرۇشلۇق جايدىكى تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تۇرۇشلۇق شەھەر (رايون)گە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى ئاپتوماتىك تەتبىقلاپ، كارخانىلارنىڭ چەت ئەل ئىسكىلاتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قوللىسا بولىدۇ.
سودا مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، باھالاش ۋە چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، مۇھىم مەسىلە ۋە ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەن
2022-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى
(بۇ ھۆججەت ئاشكارا ئېلان قىلىندى)
مەنبە: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
سالونىمىزدىن ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر تەرجىمە پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، ئەمەلىي ئىشلاردا ئەسلى مەنبە ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تولۇق كۆرۈپ چىقىپ ئىش كۆرگەيسىز!
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0