搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
يېڭى ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش خەۋىرى
>
يېڭى ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش خەۋىرى
Nepkar
2022-02-10
1
导读:ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەم
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىرلىكتە «ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.
ئىككى مىنىستىرلىق: قۇملۇق، چۆللۈك رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولتلۇق توك تارقىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. قۇملۇق، چۆل، چۆللۈك رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىچىدە ھازىر بار بولغان كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئۇچىنى ماسلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك يەتكۈزۈشنى تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى قۇرۇشقا، ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەم تارقىتىشقا مەدەت بېرىش كېرەك.
ئىككى مىنىستىرلىق: 2030-يىلىغا بارغاندا تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ھەم ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدىغان، ھەم تاشقاتما ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك
«14ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل سىياسەت، ئۆلچەم، بازار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش كونترول قىلىش» ۋە تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە نىشان تۈزۈمى يېتەكچى قىلىنغان ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش. 2030-يىلىغا بارغاندا، مۇكەممەل بولغان ئېنېرگىيە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئاساسىي تۈزۈمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ھەم ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدىغان ھەم تاشقاتما ئېنېرگىيە زاپىسى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمال ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئىككى مىنىستىرلىق: يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇۋاھنامىسى سودىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
بىرلىككە كەلگەن يېشىل مەھسۇلاتقا ئىسپات بېرىش ۋە بەلگە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل ئېنېرگىيە ئىستېمالىغا ئىسپات بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپات بېرىش نەتىجىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورنىغا دەسسىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورنىغا دەسسىتىشكە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇۋاھنامىسى سودىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ۋە يېشىل مەھسۇلات ھەم مۇلازىمەتنى ئالدىن ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىشتە، كۆپچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۈلگە بولۇشى كېرەك. جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ۋە يېشىل ئېنېرگىيە ئىستېمال ئۆلچىمىنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېشىل ئىستېمال ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يېشىل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېشىل ئېنېرگىيە ئىستېمالى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئېنېرگىيەدىن تېجەشلىك پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.
ئىككى مىنىستىرلىق: يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك
يېڭى تىپتىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسى يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىش. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەنبەسىنى پاكىزلاشتۇرۇش ۋە تېرمىنال ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك كارخانا قاتارلىق سۇبيېكتلارنى يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھازىرقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىغا قارىتا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ماسلىشىشچانلىقىغا باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلمىسى، ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلمىسى، مەنبە تورى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش، رەقەملەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۈرۈشتۈرۈشنى كونترول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تىپتىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئۇل نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408