大数跨境

غايەت زور دەرىجىدە يۈكسىلىۋاتقان خەلق پۇلى!

غايەت زور دەرىجىدە يۈكسىلىۋاتقان خەلق پۇلى! Nepkar
2022-02-27
1
导读:يېقىندا ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئىش يۈز بەردى، ھەر بىرى بىزنىڭ خەلق پۇلىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
1. 
يېقىندا ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئىش يۈز بەردى، ھەر بىرى بىزنىڭ خەلق پۇلىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 
بىرىنچى ئىش: 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، ياۋروپا تۇيۇقسىز خەلق پۇلىنى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋېلىشقا باشلىدى.
بۇ بىۋاستە بىزنىڭ قىرغاقتىن ئايرىلغان خەلق پۇلىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى تۆت يىللىق يېڭى رېكورتنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى. 


ياۋروپا نېمىشقا تۇيۇقسىز خەلق پۇلىنى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋالىدۇ؟ 
چۈنكى! خەۋپتىن ساقلىنىش!! 
يېقىندا كۆپچىلىككە مەلۇم، يەر شارى ۋەزىيىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولدى، بىرى ئۇرۇش مەسىلىسى، يەنە بىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدىن باشلاپ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش دولقۇنى، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھەممىسى ياۋروپا بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك! 

سانسىزلىغان ياۋروپا سېلىنما غوجايىنلىرى ئۆزىنىڭ 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا ئوخشاش ئامېرىكا تەرىپىدىن بابلىنىشىدىن ئەنسىرىدى. شۇنىڭ بىلەن تۇشمۇتۇشتىن خەۋپتىن ساقلىنىش باشلاندى! 
دۇنيادىكى مۇقىم پۇل مۈلكىنى سېتىۋېلىش ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى پۇلدارلىرى يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ بىۋاسىتە ئۇسۇلدۇر.
پەقەت ئىلگىرىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىم ياۋروپادىكى ھەر قايسى سېلىنما خوجايىنلىرى، مەبلەغ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئامېرىكا دوللىرى، ياپونىيە يېنى قاتارلىق پۇل مۈلكىنى تاللىماي، ئارقا-ئارقىدىن خەلق پۇلىغا يېپىشتى، ھەتتا بەك كۆپ سېتىۋالغاچقا، بىزنىڭ قىرغاقتىن ئايرىلغان خەلق پۇلىمىزدا يېقىنقى تۆت يىلدىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى. 
ياۋروپانىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى راستتىنلا ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان!!! 
جۇڭگونىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى كەسپىي زاتلار تارىخقا شاھىد بولدى، گەرچە ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سانلىق مەلۇماتى ئىزچىل يامان ئەمەس بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. 
ئىلگىرى دۇنيادىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى نەتىجىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلاتتۇق، ئەمما بۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە، ياۋروپا خەلق پۇلىغا يېپىشقاندا، ئۇلار بىزگە ئىشىنىشنى تاللىغان چاغدا، بىز يەنىلا چۈش كۆرگەندەكلا ھېس قىلماقتىمىز.
ئەگەر ئەمەلىيەت راستتىنلا يۈز بەرمىگەن بولسا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جىددىي خەۋەر قىلمىغان  بولسا، مەن ياۋروپا پۇلدارلىرىنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش بازىرىدىكى ئەڭ ئالقىشلىق ياپونىيە يېنى ۋە ئامېرىكا دوللىرىدىن ۋاز كېچىپ، بىزنىڭ خەلق پۇلىمىزنى تاللىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن بولاتتىم!! 
بۈگۈن! ھەقىقەتەن بىزنىڭ جۇڭگو خەلق پۇلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلۇغ تارىخىي پەيتتۇر! 

ياۋروپادىكى سانسىزلىغان سېلىنما كاتتىۋاشلىرى ۋە سېلىنما باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبلىرى مۇنداق: 
«نۇرغۇن ياۋروپا سېلىنما باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى مۇنداق قارايدۇ: ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رادىكال ئۆسۈم قوشۇش، مۈلۈك-قەرز جەدۋىلىنى قىسقارتىشىنىڭ ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىشى (زايوم باھاسى چۈشىدۇ)گە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ۋە نىسپىي كەڭ بولغان پۇل سىياسىتى جۇڭگو زايومىنى تېخىمۇ يۇقىرى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا تېخىمۇ يۇقىرى مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىنى نامايان قىلدى.»
ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنى بىزنىڭ خەلق پۇلىمىز يەر شارى پۇل بازىرىدىكى ئەتىۋارلىق مال بولۇپ قالدى!! 

2. 
ئىككىنچى چوڭ ئىش: كەلگۈسىدىكى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتا خەلق پۇلى ئىشلىتىش. 


يېقىندا مەركىزىي بانكا باشلىقىنىڭ بىر ئېغىز سۆزى باشقا نۇرغۇن خەۋەرلەر سەۋەبلىك ئانچە دىققەتنى تارتالمىدى.
بۇ دەل تۆۋەندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ خەۋەر: 
جۇڭگو ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىدە سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتا خەلق پۇلى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ پۇلى بىلەن سودا قىلىدۇ. 
بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ خەت مەنىسىدىكى مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 
بۇ بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا سودا قىلىشتا،  بىۋاسىتە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ خەلق پۇلى بىلەن سودا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ! 
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن راسچوت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، كۆپچىلىك بىزنىڭ خەلق پۇلىمىزغا ئىشىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىدۇ.

بۇ ئىش، ئەگەر راستتىنلا ئومۇملاشسا! ئۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟؟ 
بۇ دوللارنىڭ ئاسىيا بازىرىدا زومىگەرلىكتىن چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئىلگىرى بىز چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن سودا قىلساق، يا دوللارغا ئالماشتۇراتتۇق، يا ياۋرو، فوندستېرلىڭ، يېن قاتارلىقلارنى راسچوت قىلاتتۇق. 
ئاساسىي جەھەتتىن %80 تىن يۇقىرى ئەھۋالدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلاتتى! چۈنكى دوللار يەر شارى پۇلىنىڭ زومىگىرى، ئۇنىڭ ئوبوروتچانلىقى ئەڭ ياخشى. 
لېكىن بۇنداق ئۈزلۈكسىز ئامېرىكا دوللىرى ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىم «باھا پەرقى»نى يېگەنگە باراۋەر، بىزنىڭ بۇ يەردىكى كارخانىلار بىر قېتىملىق باھا پەرقىنى يەيدۇ، قارشى تەرەپ دۆلەت كارخانىلىرىمۇ بىر قېتىملىق باھا پەرقىنى يەيدۇ. 
چۈنكى ھەر قېتىم ئامېرىكا دوللىرى ئالماشتۇرسا، ئەمەلىيەتتە رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ. ھەر قېتىم ئىككى تەرەپ ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى تەرىپىدىن بىر قېتىم بابلىنىدۇ دېگەن گەپ.
ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا پۇلى بولۇش زومىگەرلىك ھوقۇقىغا تايىنىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى بابلايدۇ.
ئەمما، سىز سودا قىلماقچى بولسىڭىز، پۇل قەرز ئالماقچى بولسىڭىز، پۇل قايتۇرماقچى بولسىڭىز، ئامال يوق، پەقەت بۇرنىڭىزنى ئېچىشتۇرۇپ تۇرۇپ دوللارغا ئالماشتۇرۇشىڭىز كېرەك.
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زومىگەرلىك ۋەزىيىتى بىر كۈن ئۆزگەرمىسىلا، كۆپچىلىك ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا دوللىرى تەرىپىدىن بىر كۈن بابلىنىدۇ.
بىز يەر شارى بويىچە چوڭ سودا دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولىمىز. يالغۇز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زومىگەرلىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولدى، بۇ ھەقىقەتەن ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ! 
ئامال يوق، ئۇنداقتا پەقەت ئىككىنچى يولنى تاللىغىلى بولىدۇ! كۆپچىلىك بىرلىكتە ئامال تېپىش، بىرلىكتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زومىگەرلىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت.
يى گاڭ مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى قىلدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، بولۇپمۇ ئۆز پۇلىنى ئىشلىتىش جەھەتلەردە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.» 
ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش دېگەن نېمە؟ 
بىز چەتئەل بىلەن سودا قىلىمىز، چەتئەل بىز بىلەن سودا قىلىدۇ، ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ بىز بىلەن بىۋاستە خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېسابات قىلسا، بۇ ئامېرىكا دوللىرى مونوپولىيە قىلغان سودا ئەندىزىسىنى ئۈزۈل كېسىل بۇزۇپ تاشلىغانغا باراۋەر بولىدۇ. 
ئىلگىرى ئامېرىكا دوللىرىنى ۋاسىتە راسچوت قىلىناتتى، ھازىر بىز بىۋاسىتە سودا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى ۋە خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولدۇق!! 
گەرچە بۇ ئەھۋال ھازىر پەقەت ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سودا يەر شارى خاراكتېرلىك، ئوبوروتچانلىقى ئەڭ تېز بولغان نەرسە. 
ھامان بىر كۈنى بۇ ئەھۋال پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە يامراپ كېتىدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك ئۆزئارا مۇشۇ ئەندىزە بويىچە راسچوت قىلىپ سودا قىلسا، ئۇنداقتا بىز يەر شارىدىكى چوڭ سودا دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئېنىقكى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇپ قالىمىز!! 
بولۇپمۇ خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتىملىق غايەت زور خوش خەۋەر ھېسابلىنىدۇ!! 
تۆۋەندىكىسى 2000-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان دۇنيا سودىسىنىڭ 20 يىللىق سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى!! كۆك رەڭلىكى ئامېرىكا. قىزغۇچ سېرىق رەڭلىكى جۇڭگو. 


2000-يىلى يەر شارىدىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ دۆلەت ھالقىغان سودىسىدا، ئامېرىكا %80 دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ئىدى!! 
جۇڭگو ئەينى ۋاقىتتا %20 كىمۇ يەتمەيدىغان دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ئىدى. 
20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە!! 
جۇڭگو دۇنيادىكى %70 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى! 
ھالبۇكى، ئامېرىكا! دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بار دۆلەتلەرنىڭ سانى ئاران %25 تىن ئاشىدۇ.
يەنى، 20 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپ، يەر شارى سودىسىدا قىلچە تالاش-تارتىش بولمىغان «يەر شارى سودىسىنىڭ كاتتىبېشى»غا ئايلاندى! 
دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچىدە، ئەڭ چوڭ «ھېسابات تاپشۇرۇۋالغۇچى» بولۇپ قالدى!! 
ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى تاللاپ، بىز بىلەن بىۋاستە خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېسابات قىلسا، بۇ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە پۇلى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق چوڭ پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ.

3. 
خەلق پۇلى ئۈزۈل-كېسىل يۈكسەلدى! 
مەيلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى پۇلدارلىرى بەس-بەستە خەلق پۇلىغا يېپىشىپ، خەلق پۇلى ئارقىلىق خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولسۇن ياكى بىز خەلق پۇلى ئارقىلىق راسچوت قىلىدىغانلىقىنى كۈچلۈك جاكارلىغان بولايلى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، خەلق پۇلى ھازىر بارغانسېرى كۈچەيدى!! 
ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى بىر ئايدا، بىزنىڭ خەلق پۇلىمىزنىڭ يەنە نۇرغۇن باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بار، جۈملىدىن 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان رەقەملىك خەلق پۇلى APP سى تورغا چىقىرىلدى. 
دۆلىتىمىز ئالدى بىلەن دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ مەخسۇس دۆلەت دەرىجىلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇلنى تورغا چىقاردى. 


رەقەملىك خەلق پۇلى بىلەن قەغەز پۇلنىڭ بىردە بىر نىسبەت بويىچە ئەركىن ئايرىباشلىنىشىنى بىۋاستە ئېلان قىلىندى. 
ئارقىدىن يەنە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، يەر شارىدىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن يولغا قويۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل ئۆلچىمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى تۇيۇقسىز جاكارلاندى! 


بۇ خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا باراۋەر! 
ئەسلىدە كېلەر ئايدا ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم قوشۇش دولقۇنى قوزغالسا، بۇنداق چوڭ ئىشتا باشقا دۆلەتلەر غال-غال تىترىسىمۇ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورغىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلىسىمۇ، بىزنىڭ خەلق پۇلىمىزنى چىڭ قۇچاقلىماقچى بولسىمۇ، چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس ئىدى. 
لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىلىق، بۇ مەسىلە ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىندى. 
ئەگەر بۇنداق بولمىسا، باشقا دۆلەتلەر ئۆز پۇلىنى ئىشلىتىپ بىز بىلەن بىۋاسىتە راسچوت قىلماقچى بولسىمۇ، پەقەت ئازراق پۇلنىلا ئىشلىتەلەيدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلق پۇلى زاپىسى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا تەۋە بولغاچقا، بۇ زاپاس مىقدارى چوقۇم ناھايىتى ئاز بولىدۇ. 
ھازىر، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل تۈزۈش ھوقۇقىمىزنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ باشقا دۆلەتلەرگە شۇنى جاكارلايدۇكى، پەقەت ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ دۆلەتنىڭ قەغەز پۇلىغا ئەركىن ئايرىباشلاشقا بولىدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇلنى ئوتتۇرىغا چىقارسىلا، بىۋاسىتە تورغا چىقىپ، كۆپچىلىك ئارىسىدىكى يېقىن ئارىلىقتا ئايرىباشلاش، سودا قىلىش، ئالاقىلىشىش، ئوبوروت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ!! 
مۇبادا كېيىنكى ئايدا ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم قوشۇش دولقۇنى قوزغالسا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورغاقلىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پۇلاڭلاشقا باشلايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سانسىزلىغان خەتەردىن ساقلانماقچى بولغان دۆلەتلەر، سېلىنما، چوقۇم ئارقا-ئارقىدىن بىزنىڭ خەلق پۇلىمىزنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىدۇ. 
دوللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، كۆپچىلىك خەلق پۇلى بىلەن شۇنچە زىچ باغلىنىدۇ! 
نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى دۇنيا سودا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىز ھازىر دۇنيادىكى %70 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ قالدۇق، ناھايىتى ئېنىقكى، پەقەت كۆپچىلىك سودا قىلغاندا، بىز بىلەن بىۋاسىتە خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېسابات قىلىشنى تاللىسا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سىرتمىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ.
بۇ سان-ساناقسىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش توزىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، خېيىم-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىغا باراۋەر. 
بىزنىڭ ھوسۇلىمىز چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىپلا قالماي، يەنە خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىدىمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز!! 
كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار، ئەگەر راستتىنلا بۇ كۈن يېتىپ كەلسە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى زومىگەر ئامېرىكا دوللىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنى تاللىغاندا، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سودا قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ! 
گەرچە ئاز بىر قىسىم سودا دۆلەتلىرى ئامېرىكا دوللىرىغا ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئامېرىكا دوللىرى ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئاپەتتۇر.
شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى قانچە تېز بولسا، قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىمىز شۇنچە تېز بولىدۇ! 
بۇ قارىغۇلارچە ئۆزىگە ئىشىنىش ئەمەس، بەلكى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغان يەكۈن. ھەرقانچە مۇستەھكەم مۇناسىۋەت بولسىمۇ، پەقەت ئۆز مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلا بولسا، ھېچكىم بىكاردىن-بىكار ئامېرىكا تەرىپىدىن بابلىنىشنى خالىمايدۇ!! 
پەقەت بىزنىڭ خەلق پۇلىمىز، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 3A دەرىجىلىك مۇھىم ئورۇنغا يەتسىلا! 
ئۇ  ئۈزۈل-كېسىل ياۋرو، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئۈچ تەرەپ تىركىشىپ تۇرىدىغان مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ! 
يەر شارى پۇلىنىڭ بۈگۈنكى مونوپوللۇق تەرتىپى يۈزدەيۈز يېڭى ئىنقىلابنى  كۈتۈۋالىدۇ!!! 
ئۇ بىزنىڭ پۈتكۈل جۇڭگوغا بولغان تەسىرىنى چوقۇم بىر قېتىملىق دۆلەتنىڭ ھالقىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە: TOP互联网 سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408