搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش
>
بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش
Nepkar
2022-02-12
2
导读:باھالاش ئارقىلىق ئەلالىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتى ئىسلاھاتىغا كۈچەپ تۈر
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
جۇڭگو ئىقتىسادىغا چوڭقۇر نەزەر: نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش
2021-يىلى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، «تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت -سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى.
بىرىنچى، ئىش تەرتىپىنى قايتا تەشكىللەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىش سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا «بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش»نى «سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسى بىلەن مەبلەغ سېلىش تور سۇپىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تەكرار تولدۇرۇپ مەلۇم قىلىشى، تارماقلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىدىن ساقلىنىپ، مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى «بىر پارچە تىزىملىك»، مەبلەغ سېلىش سانلىق مەلۇماتىدىن «بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىش»، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى «بىر توردا بىر تۇتاش بېجىرىش»نى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. «مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. «مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ۋاكالەت نومۇرىنى كودلاشتۇرۇش قائىدىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، تۈر ئورۇنلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىشى، تارماقلارنىڭ دەل جايىدا ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى «چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى (پاسسىپ تىزىملىك) (2021-يىل نەشرى)» «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى) (پاسسىپ تىزىملىك) (2021-يىل نەشرى)»نى ئېلان قىلىپ، ئۇدا بەش يىل پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پاسسىپ تىزىملىك ئىشلىرىنى قىسقارتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىدىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىك قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى (2020 نۇسخىسى)» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ياسىمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى تارماقلار نۇقتىلىق كۆپەيتىلىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئاساسىي گەۋدە مۇقىملىقى ۋە كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغىنى ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا جەلپ قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسى «مەملىكەت بويىچە كۆپچىلىك ئىناۋەت ئۇچۇرلىرى ئاساسىي مۇندەرىجىسى (2021-يىل نەشرى)»، «مەملىكەت بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش تەدبىرى ئاساسىي تىزىملىكى (2021-يىل نەشرى)»نى بېسىپ تارقىتىپ، كۆپچىلىك ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنىڭ جۇغلىنىش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش تەدبىرلىرىنى قېلىپلاشتۇردى. ئىناۋەت ئاساس قىلىنغان يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرىنى يېتەكچى قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى دەل جايىدا يولغا قويۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى 46 تارماق، بارلىق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نى تۇتاشتۇردى، «ئىناۋەتلىك جۇڭگو (信用中国)» تور پونكىتى جەمئىيەتتىكى ئاممىنى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىناۋەت مۇلازىمىتى، ئىناۋەت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق «بىر بېكەتلىك» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈش مىقدارىنى 100 مىليون قېتىمدىن ئاشۇردى.
تۆتىنچى، ئاشكارا، ئېنىق بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ساھەسىنى تۈزەشنى كۈچەپ كۈچەيتىش كېرەك
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ساھەسىدە سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ساھەسىدە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»نى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خېرىدار چاقىرىش ئېلانى، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، خېرىدارنى ئېلان قىلىش، خېرىدارنى بېكىتىش، باشقىچە پىكىردە بولۇش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، ۋاكالەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقا، ۋاسىتىلەرگە، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى. يەرلىكنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش تۈزۈم قائىدىسىنى تۈزۈش پائالىيىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش تۈزۈم قائىدىسىنى ئېنىقلاش، بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. سودا مۇھىتى مەسىلىسىگە دائىر يىپ ئۇچى ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى دائىملىق توپلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشقا دائىر باشقىچە پىكىر، ئەرز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى.
بەشىنچى، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك
دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتىدە ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتىدە «قاترىماسلىق»، «نۆل ئىسپاتلاش»، «نەق مەيداندا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش خىزمەت ۋەزىپىلىرى تىزىملىكىنى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئېنېرگىيە (ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى) مەسئۇل تارماقلىرى، توك بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۆلچىمى ۋە ۋاقىت چېكى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جايلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىسلاھاتى جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىدى ھەم ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.
ئالتىنچى، باھالاش ئارقىلىق ئەلالىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتى ئىسلاھاتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە تۈركۈم قېتىم جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى باھالاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى تىپىك تەجرىبىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى سىجىل خۇلاسىلەپ كېڭەيتتى، 2021-يىلى 5-ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەملىكەتلىك تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، 2020-يىلىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا مۇھىتىنى باھالاشتا شەھەرلەرنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلەپ كېڭەيتتى. يىغىندا «پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆز قىلىش، باھا بېرىپ تەھلىل قىلىش» ئارقىلىق پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەر چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلدى، سۇجۇ قاتارلىق 18 يەككە تۈر ساھەسىدىكى تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان شەھەرلەر ئىلغار ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تىپىك ئۇسۇللاردىن بەھرىلەندى، بېيجىڭ قاتارلىق 18 يەككە تۈر ساھەسىدىكى ئۈلگىلىك شەھەرلەر بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ باھا بەردى ھەم ئۆز رايونىنىڭ پىشقان تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى رايونلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، بەسلىشىش، ياردەم بېرىشكە ئۈنۈملۈك يېتەكلىدى ۋە تۈرتكە بولدى. نەق مەيدان يىغىنى ئېچىش، بىر قاتار تەربىيەلەشنى تەشكىللەش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قىسقا خەۋەرلىرى ئېلان قىلىش، «جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتى دوكلاتى»نى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىش، «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى 100 سوئال، 100 جاۋاب»نى ئاشكارا نەشر قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى باھالىشى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز رايونىنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈش-كۆزىتىشىگە ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى ھەم قاراتمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، باھالاش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باھالاش ئارقىلىق ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇردى.
2022-يىلى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئىجادىي كۈچكە ئىگە بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.
مەنبە: دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر يازما پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن تەمىنلەندى، ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا ئەسلى يازمىنى تولۇق كۆرۈپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرگەيسىز!
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0