大数跨境

چاغان ئېففىكتى ئىقتىسادقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

چاغان ئېففىكتى ئىقتىسادقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ Nepkar
2022-02-12
2
导读:چاغاننىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتكە بولغان تەسىرى ئاساسلىقى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بۇ يىل چاغاندا سىز يۇرتىڭىزغا قايتتىڭىزمۇ؟ چاغانلىق مال سېتىۋېلىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلىدىڭىزمۇ؟ سىز چاغان مەزگىلىدە ئىستېمال ھەرىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۈگۈن بىز چاغان ئېففىكتىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلايلى. 
چاغاننىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتكە بولغان تەسىرى ئاساسلىقى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. 
2-كەسىپكە نىسبەتەن، دەم ئېلىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى توختايدۇ، زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشتىن توختايدۇ، قۇرۇلۇش توختايدۇ، چاغاندىن كېيىن قايتا ئىش باشلاشقا بىر جەريان كېتىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە سانائەت تۈرىدىكى GDP نىڭ ئېشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، كرېدىت قاتارلىق پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتلىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ. 
ئۈچىنچى كەسىپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ چاغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 
ئالدى بىلەن تىرانسپورت كەسپى، يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنقى 2019- يىلى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە تۆمۈريول ئارقىلىق توشۇلغان يولۇچى 410 مىليون ئادەم قېتىمغا، تاشيول ئارقىلىق توشۇلغان يولۇچى 2 مىليارد 460 مىليون ئادەم قېتىمغا، سۇ يولى ئارقىلىق توشۇلغان يولۇچى 41 مىليون ئادەم قېتىمغا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق توشۇلغان يولۇچى 73 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇ تىرانسپورت كەسپىدىكى كاتتا زىياپەت ھېسابلىنىدۇ. 
چاغان مەزگىلىدە چاغانلىق مال سېتىۋېلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش تەبئىي ئەھۋال، بۇ سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاق ھاراق، چاي، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ئالىي دەرىجىلىك سۈت قاتارلىق تاۋارلار، مەسىلەن، ئاق ھاراق، چاغان مەزگىلىدىكى سېتىلىش مىقدارى پۈتۈن يىللىق سېتىلىش مىقدارىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ، سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئىسكىلات قالدۇقىنى تۆگىتىش، ھاراق زاۋۇتلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشتىكى ياخشى پۇرسىتى. 
بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان چاغاندا ساياھەت قىلىش، كىنو كۆرۈش مودا بولدى، چاغاننىڭ تەسىرى مەدەنىيەت كەسپىگىچە كېڭەيدى. 2021-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ كىنو ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 47 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، چاغاندا 7 مىليارد 800 مىليون يۈەننى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %16.5 كە يېتىپ، چوڭ كىنولار تازا ئەۋج ئالغان دەۋر بولغان ئىدى. 
بىرىنچى كەسىپكە كەلسەك: يېزا ئىگىلىكىگە نىسبەتەن، چاغان ئۇنىڭغا ھېچقانداق روشەن تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قانۇنىيىتى بار، زىرائەتلەر سىزنى دەم ئالىدۇ، دەپ مۇددەتتىن بۇرۇن پىشىپ كەتمەيدۇ. 
يىغىنچاقلىغاندا، چاغان بىرىنچى كەسىپكە روشەن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئىككىنچى كەسىپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قىسقا مۇددەتلىك ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۈچىنچى كەسىپكە كۆرۈنەرلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. 
جۇڭگودا چاغان ئەنئەنىۋى بايرام بولۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي ھادىسىگە ئايلاندى، سىزنىڭ ھەر كۈنلۈك دەم ئېلىشىڭىز، ھەر قېتىملىق بېلىتىڭىز، ھەر قېتىملىق ئىستېمالىڭىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بايرىمى بولۇپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. 
بۇ يىل چاغاندا، سىز قانچە كۈن دەم ئالدىڭىز؟ قانداق ئىستېمال قىلدىڭىز؟ ئىنكاس رايونىدا سۆز قالدۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. 
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقىتساد سۆزلەيدۇ ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408