大数跨境

بانكىغا 50 مىڭ يۈەندىن كۆپ پۇل قويسىڭىز تىزىمغا ئالدۇرۇسىز

بانكىغا 50 مىڭ يۈەندىن كۆپ پۇل قويسىڭىز تىزىمغا ئالدۇرۇسىز Nepkar
2022-02-11
1
导读:پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلغاندا ئاھالىلەر نورمال نەق پۇل ئېلىش-قويۇش كەسپىگە

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----

يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق ئۈچ تارماق بىرلىشىپ «پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيەت ماتېرىيالى ھەم مۇئامىلە خاتىرىسىنى ساقلاشنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ «چارە» 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«چارە»دە مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى، كەنت-بازار بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەبىئىي شەخس مۇئامىلىدارلىرىغا بىر قېتىمدا خەلق پۇلى قىممىتى بويىچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ياكى چەت ئەل پۇلى قىممىتى بويىچە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى نەق پۇل ئېلىش-قويۇش كەسپىنى بېجىرىپ بەرگەندە، مۇئامىلىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشى ۋە دەلىللىشى، مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى ياكى ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئىگىلىشى ۋە تىزىملىشى كېرەك.

بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلغاندا ئاھالىلەرنىڭ نورمال نەق پۇل ئېلىش-قويۇش كەسپىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، كەسىپنىڭ قولايلىق دەرىجىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نورمال ئەھۋالدا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مۇئامىلىدارلارنىڭ ئۇچۇر تولدۇرۇشى ياكى ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاددىي ھالدا سۈرۈشتۈرۈپ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مۇئامىلىدارلارغا بىۋاسىتە نەق پۇل ئېلىش-قويۇش كەسپىنى بېجىرىپ بېرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تىزىملايدۇ، پەقەت مۇئامىلىدە روشەن نورمالسىزلىق بارلىقىنى بايقىغاندا، مۇئامىلىدە پۇل يۇيۇشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت بار دەپ گۇمانلانغۇدەك مۇۋاپىق سەۋەبى بولغاندا، ئاندىن مۇئامىلىدارلاردىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەيدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «چارە»نى تۈزۈش پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىشقا، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل يۇيۇش ۋە تېررورلۇق مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە كەسىپ ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە بەزى يېڭى خىرىسلار پەيدا بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل يۇيۇش ۋە تېررورلۇق مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «چارە» تۈزۈش ئارقىلىق پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق دېدى: پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش بولسا «سودا بانكىسى قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پىرىنسىپ بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كەسىپ بېجىرىش جەريانىدا شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشكەندە، مۇئامىلىدارلارنىڭ شەخسىي سىرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»، «شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق ئادەتتىكى قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئەمەل قىلىشتىن باشقا، يەنە «سودا بانكىسى قانۇنى»، «پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇنىدىكى تەلەپلەر بويىچە قاتتىق، مۇكەممەل بولغان خېرىدارلار ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. شەخسىي ئۇچۇر، مۇئامىلىدارلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويسا، بانكا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا يەنە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0