搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
خېڭدانىڭ مۈلكىنى نېمە ئۈچۈن ئەرزان سېتىشقا بولمايدۇ؟
>
خېڭدانىڭ مۈلكىنى نېمە ئۈچۈن ئەرزان سېتىشقا بولمايدۇ؟
Nepkar
2022-02-11
1
导读:بۇ قېتىمقى قەد كۆتۈرۈشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى شۈ جىيايىننىڭ قولىدا بولماستىن، بەلكى ئۆي سېتىۋالغۇ
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
شۈ جىيايىن «خېڭدا مۈلكىنى ئەرزان سېتىشقا تايىنىپ قەرز قايتۇرساق بولمايدۇ.» دېدى.
ئەمەلىيەتتە، خىڭدا ئاللىقاچان نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك مۈلۈكنى ئەرزان سېتىۋەتكەن. خېڭتېڭ تورىنىڭ پاي چېكىگە ئوخشاش، ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، خېڭدا %11 پاي ھوقۇقىنى 3.2 شياڭگاڭ پۇلىلىق تۆۋەن باھادا تېڭشۈن گۇرۇھى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ مۇستەقىل سېتىۋالغۇچىغا سېتىپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، تېڭشۈن شىركىتى %7، ئۈچىنچى تەرەپ سىرلىق مال سېتىۋالغۇچى %4 پايغا ئىگە بولغان.
خېڭدا خېڭتېڭ تورىنىڭ پاي ھوقۇقىنى ساتقاندىن كېيىن، خېڭتېڭ تورىنىڭ پاي باھاسى داۋاملىق 2.36 شياڭگاڭ پۇلىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى 17.8 شياڭگاڭ پۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، خېڭدانىڭ باھاسى يەنىلا تۆۋەن باھا بولۇپ قالغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بىر خىل بىنادىن سەكرەش باھاسىدا تۆكمە قىلىپ سېتىش قىلمىشىدۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، شېڭجىڭ بانكىسى، گۇاڭخۇي ئاپتوموبىلى، جياكەي شەھىرى قاتارلىق پاي ھوقۇقلىرى خېڭدا تەرىپىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر سېتىلدى. جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش مۇھىتىدا، خېڭدانىڭ بىلىكىنى ئۈزۈپ ھايات كەچۈرۈشى، شۈ جيايىننىڭ ۋاڭ جيەنلىنگە ئوخشاش يۇقىرى باھادا مال چىقىرىشنى تەسەۋۋۇر قىلىشى، شۈبھىسىزكى ئىنتايىن قىيىن ئىدى.
بىراق، بىرنەچچە قېتىملىق مۈلۈكنى تۆۋەن باھادا سېتىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن شۈ جيايىن يەنە «خېڭدا مۈلۈكنى تۆۋەن باھادا سېتىپ قەرز قايتۇرساك بولمايدۇ!» دەپ جار سالىدۇ؟ كىم شۈ خوجايىنغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى؟
مەيلى بىر ئادەم ياكى بىر شىركەت بولسۇن، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، قولىدىكى مۈلۈكنىڭ زور دەرىجىدە كۇرسى چۈشۈشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋال. قانداقلا بولمىسۇن، قەرز ئېشىپ قالدى، قايتۇرمىساق بولمايدۇ. ئەگەر يېڭى مەبلەغ بولمىسا، خىڭداغا نىسبەتەن پەقەت ئىككىلا تاللاش بار: بىرى، داۋاملىق مەبلەغ تېپىش، مۈلۈكنى چۈشۈرۈپ سېتىش، مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش، قەرز بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش. ئىككىنچىدىن، مۈلۈكنى ساتماي، قەرزنىمۇ قايتۇرماي، داۋاملىق كەينىگە سۆرەپ، خېڭدا پۇل تاپقاندا، ئاندىن ئاستا-ئاستا قايتۇرۇش.
بىرىنچى خىل ئەندىزىدە، بېسىم خېڭداغا يۈكلىنىدۇ. ئىككىنچى خىل ئەندىزىدە، بېسىم بولسا خېڭدادىكى بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرگە تارقاقلاشتۇرىلىدۇ.
ئېنىقكى، شۈ جيايىن داچا ۋە شەخسىي ئايروپىلانىنى ساتقاندىن كېيىن، خېڭدا بىرىنچى خىل ئەندىزىدىن ئىككىنچى خىل ئەندىزىگە ئۆزگەرگەن.
شۈ جيايىن: «خېڭدا مۈلكىنى ئەرزان باھادا سېتىپ قەرز قايتۇرساق بولمايدۇ!» دەپ توۋلىغاندا، ئەمەلىيەتتە، بۇ خېڭدانىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئارقىغا سۆرەپ يۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ ئاساس قەيەردىن كەلگەن؟
بىز يەنە خېڭدانىڭ مۇنداق بىر نىشانىغا قاراپ باقايلى: «2022-يىلى، 600 مىڭ يۈرۈش ئۆيگە كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تاپشۇرۇلغان ئۆينىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.»
ئىلگىرى بەزىلەر خېڭدا مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلماسلىق خەۋپىگە ئەمەس، بەلكى نەق پۇل ئوبوروت خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ، دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەنىدى. لېكىن، بۇنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بار. يەنى، خېڭدانىڭ مۈلكىنى ئەرزان سېتىشقا بولمايدۇ.
خېڭدانىڭ ئومۇمىي مۈلكى 2 تىرىليون 380 مىليارد يۈەن، ئومۇمىي قەرزى 1 تىرىليون 970 مىليارد يۈەن، ساپ مۈلكى تەخمىنەن 410 مىليارد يۈەن. ئەگەر %80 تۆۋەن باھادا سېتىلسا، خېڭدانىڭ ئومۇمىي مۈلكى ئاران 1 تىرىليون 904 مىليارد يۈەن ئېشىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، خېڭدا قەرز كرىزىسىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، «كۆچمە كرىزىس»تىن «مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلمايدىغان» كرىزىسقا ئايلىنىدۇ.
لېكىن، قەرزنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، ئېتىبار بېرىش-بەرمەسلىكتە شۈ جيايىننىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بازارنىڭ دېگىنى ھېساب. 2021-يىلى، خېڭدا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا، سېتىش ئومۇمىي كۆلىمىنى 54 مىليون 265 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا، سېتىش سوممىسىنى 443 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدى.
خېڭدانىڭ نىشانىغا ئاساسەن، 2022-يىلى 70 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق سېتىش كۆلىمىنى تاماملاش، يەنى ئېشىش نىسبىتى %22.5 بولۇش. بۇ نىشان تەسمۇ؟
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىنتايىن تەس. 2022-يىلى 1-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى TOP 100 ئۆي-مۈلۈك كارخانىسىنىڭ سېتىش سوممىسى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. خېڭدا گۇرۇھى 30-ئورۇندا بولۇپ، سېتىلىش كۆلىمى 361 مىڭ كىۋادرات مېتىر. بۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى 11 ئايدا، خېڭدانىڭ ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6 مىليون 330 مىڭ كىۋادرات مېتىر ساتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەر بىر يۈرۈشى تەخمىنەن 100 كىۋادرات مېتىر بولغان تەقدىردىمۇ، خېڭدا ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي سېتىشى كېرەك.
بۇلتۇر 12-ئايدا، خېڭدا ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى مەبلەغنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، ئاران 30 مىڭ يۈرۈش ئۆينى تاپشۇرۇپ بولدى. خېڭداغا نىسبەتەن، يەنە مۇشۇ ساھەنىڭ غۇلاپ چۈشۈش ۋەزىيىتى مەۋجۇت. ئۆي ياخشى سېتىلمىدى. ئەگەر خېڭدا باھانى چۈشۈرۈشنىمۇ خالىمىسا، شۇنداقلا ئالاھىدە يۇقىرى ۋەزىپە نىشانىنى ئورۇنداشنى ئىستىسە، پەقەت ئۆي-مۈلۈك بازىرى 2020-يىلىدىن بۇرۇنقى بازار ئەھۋالىغا قايتمىسىلا ئۈمىد ئۇچقۇنى يوق دېيەرلىك.
2020-يىلى، خېڭدا گۇرۇھى 80 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينى سېتىۋەتتى. بۇ خىڭدانىڭ ياراتقان تارىخى رىكورتى، شۇنداقلا خېڭدانىڭ ئەسلەش تەس بولغان يۇقىرى پەللىسى.
ئۆي ئادەتتىكى تاۋارلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۆي چۈشكەنسېرى ئالىدىغان ئادەم چىقمايدۇ، ئۆسكەنسېرى ئالىدىغانلاردىن قۇتۇلالمايسىز. خېڭدادىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى چۈشمىسە، قاراپ تۇرغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئىستىكىنى قوزغىتالامدۇ؟
شۈ جيايىن 2022-يىلى بىر مەيدان قەد كۆتۈرۈش جېڭى قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇ قېتىمقى قەد كۆتۈرۈشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى شۈ جىيايىننىڭ قولىدا بولماستىن، بەلكى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قولىدا. خېڭدا قانچىلىك پۇل قايتۇرالايدۇ، مۇھىمى يەنىلا خېڭدا قانچىلىك ئۆي ساتالايدۇ، قانچە بىنانى تاپشۇرۇپ بىرەلەيدۇ؟
ئۆي سېتىلىپ بولغان تەقدىردىمۇ، خېڭدانىڭ ئۆي تاپشۇرۇشقا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا داۋاملىق سېتىۋېلىش ئىشەنچى ئاتا قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
خېڭدانىڭ نەق پۇل ئوبوروتى كەسپىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى قوللامدۇ؟ مانا بۇ مەسىلىلەر خېڭدانىڭ خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالىشىدىكى تۈپ سەۋەب.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408