大数跨境

چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە «قاپقان»!

چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە «قاپقان»! Nepkar
2022-03-13
1
导读:باھادا كەمسىتىشتە ئەمەلىيەتتە ئادىل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت سىزدە كۆپچىلىك قوبۇل قىلالايدىغان بىر

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بىرىنچى، باھادا كەمسىتىش
ئەگەر شىركەتنىڭ نۆۋەتتە ئاساسلىق سېتىۋاتقان بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ باھاسى 100 يۈەن، ئومۇمىي پايدا نىسبىتى %30 (تەننەرخى 70 يۈەن) دەپ پەرەز قىلساق، شىركەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يېڭى مەھسۇلاتنى چىقارماقچى بولسا، سىزنىڭچە تۆۋەندىكى قايسى خىل باھا بېكىتىش قىلمىشى خېرىدارلارنى بىئارام قىلىدۇ؟ 
A. «ھەشەمەتلىك نۇسخىسى»نى چىقىرىپ، باھاسىنى 150 يۈەن قىلىپ بېكىتىپ، ئومۇمىي پايدا نىسبىتىنى %40 (يەنى تەننەرخى 90 يۈەن)كىچە ئۆستۈرۈش، «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخا» دېگەن نام بىلەن كونا خېرىدارلارغا تونۇشتۇرۇش؛ 
B. «مۇھىت ئاسراش نۇسخىسى»نى چىقىرىپ، باھاسىنى 90 يۈەن قىلىپ بېكىتىش، ئومۇمىي پايدا نىسبىتى يەنىلا %30 (يەنى تەننەرخى 63 يۈەن)، «كونا خېرىدارلارغا جاۋاب قايتۇرۇش» نامىدا ئۇلارغا تونۇشتۇرۇش؛ 
C. بىۋاستە ئارقا سۇپىدا پەرقلەندۈرۈپ، تەننەرخى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان يېڭى ئورالمىلارنى بازارغا سېلىپ، كونا خېرىدارلار بولسا باھاسى 110 يۈەن، يېڭى خېرىدارلار بولسا باھاسى 90 يۈەن باھا بېكىتىش. 


ئېنىقكى، چوقۇم «تىجارەت پائالىيىتى C» كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، مانا بۇ ئۆلچەملىك بولغان «چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلىشى (大数据杀熟)» دۇر. 
ئۇنداقتا، «ھەشەمەتلىك نۇسخىسى» ۋە «مۇھىت ئاسراش نۇسخىسى»نىڭ قايسىسى سىزنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ؟ بۇ ئىككى پائالىيەتنىڭ ئاز-تولا «بابلاش» غەرىزى بار. 
كۆپ قىسىم كىشىلەر «مۇھىت ئاسراش نۇسخىسى»نى تاللايدۇ، چۈنكى كارخانا پەقەت تەننەرخنىلا تۆۋەنلىتىپ، «كونا خېرىدارلارغا جاۋاب قايتۇرۇش» نامىنى قوللانغان، بۇ يەنىلا بىر خىل ئالدامچىلىق. 
ھالبۇكى، «ھەشەمەتلىك نۇسخىسى» گەرچە ئومۇمىي پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى باھالىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇمىي پايدىسى يۇقىرى بولۇپ، ئىستېمالچىلار بىر قەدەر ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ئادەتتىكى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، گەرچە شىركەتنىڭ تىجارەت مۇھىم نۇقتىسى كونا خېرىدارلار بولسىمۇ، لېكىن پائالىيەتنىڭ نامى «مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» بولۇپ، بىر خىل ئالدامچىلىق ھېسابلانمايدۇ. 

بۇلاردىن قارىغاندا، «چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلىشى»نىڭ ئۈچ تەرىپى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «بىئارام بولۇش» دەرىجىسى تەرتىپ بويىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ: 
1. ئابونتلارنىڭ شەخسىيىتىنى قالايمىقان ئىشلىتىش؛ 
2. خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛ 
3. ئادىل بولمىغان، ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى باھا بېكىتىش؛ 
گەرچە تاراتقۇلارنىڭ «شەخسىيەت»نى مۇزاكىرە قىلىشى بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ غەزەپلىنىشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى يەنىلا «ئالدانغانلىقى» ۋە «مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى»−«شەخسىيەت»نىڭ بەدىلىگە كەلگىنى تېخىمۇ قىممەت باھا. 

پەرەز قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر سۇپىنىڭ ئەندىزىسى كونا خېرىدارلارنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش بولۇپ، مەخسۇس ئېتىبار بېرىلسە (چۈنكى ئېتىبارسىز قالغان يېڭى خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.) ئۇنداقتا خېرىدارلار «شەخسىيەت ھوقۇقى» ئارقىلىق تېخىمۇ ئەرزان باھاغا ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلامدۇ؟ مېنىڭ ئىلگىرىكى تور سودىسى قىلىش تەجرىبەمدىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر قوبۇل قىلىدۇ، 10 يۈەن ئەرزان قىلىپ ئېرىشكىلى بولمايدىغان خېرىدارلارنىڭ شەخسىي سىرى يوق، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، يەنە 10 يۈەن ئەرزان قىلىدۇ. 

«چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلىشى» ماھىيەتتە بىر خىل باھادا كەمسىتىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ بارلىق «باھادا كەمسىتىش»لەرنىڭ ھەممىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىمايدۇ، تۆۋەندىكى باھادا كەمسىتىشنى ئىستېمالچىلار ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدۇ: 
ئەزالىق باھاسى بىلەن ئەزا ئەمەسلىك باھاسى؛ 
يېڭى خېرىدارلار ئېتىبار بېلىتى؛ 
ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن، بېرىدىغان ئېتىبار باھاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى؛ 
دۆلىتىمىزنىڭ سودا-سانائەت توك باھاسى قىممەت، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىشى ئەرزان؛ 
تاللا بازىرىدا قانچە كۆپ سېتىۋالسا شۇنچە ئەرزان بولىدۇ؛ 

يەنە بەزى باھا بېكىتىش ئۇسۇللىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى تالاش-تارتىشلارمۇ بولىدۇ. 
ئوخشاش ئىقتىدارلىق خادىملارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مائاشنى ئۆز مەيلىچە ئاشكارىلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 
بىر بوتۇلكا سۇنى تاللا بازىرىدا ئىككى يۈەن، ھەشەمەتلىك مېھمانسارايدا ئون يۈەن ساتىدۇ. 
«قوش 11» مۇرەككەپ ئېتىبار بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان خېرىدارلارنى ئوخشاش بولمىغان ئېتىبارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 

ئۇنداقتا، تۆۋەندىكى تىپىك «چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلىشى»غا سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرىقى ئىككى خىل باھا بېكىتىش ئۇسۇلىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ نېمە ئۈچۈن بەزىلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ، بەزىلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ؟ 
يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە تاكسى توسۇش يۇمشاق دېتالى «بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل تاكسى توسۇش يۇمشاق دېتالى»نى ئىشلىتىدىغان خېرىدارلارغا ئاۋۋال زاكاز تالونى ئەۋەتىدۇ. 
بۇيرۇتما يۇمشاق دېتالى تۇيدۇرماي ئەزا ئابونتلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ 
دائىم يۇقىرى باھالىق ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىدىغان يولۇچىلارغا كۆرسىتىلگەن بېلەت باھاسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؛ 

2. ئۈنۈم ھەممىدىن ئەلا 
باھا بېكىتىش تاۋارنىڭ سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىدىكى يادرولۇق ئامىللارنىڭ بىرى، باھا بەك يۇقىرى بولسا سېتىش كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيدۇ، مەغلۇب بولىدۇ. باھا بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا، پايدا مۆلچەردىكىدەك بولمايدۇ، ئوخشاشلا مەغلۇب بولىدۇ! 
باھا بېكىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ يادروسى ئىستېمالچىلارنىڭ پىسخىكا مۆلچەرىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن بۇ «پىسخىكا مۆلچەرى»دىن باھانى ئازراق تۆۋەن قىلىپ بېكىتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، مەن بىر كۆپ ئىقتىدارلىق يەر تازىلاش ماشىنىسى كەشىپ قىلدىم، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ خىل ئوخشاش تۈردىكى تاۋارنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىنكى پىسخىك مۆلچەرى X يۈەن، ئەگەر مېنىڭ باھايىم دەل «X-1» يۈەن بولسا، ئۇنداقتا ئەڭ چوڭ پايدا بوشلۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

لېكىن، مەسىلە شۇ يەردىكى، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئوخشاش بىر خىل تاۋارغا بولغان «پىسخىك مۆلچەرى» ئوخشاش بولمايدۇ، تاۋارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۆلچەرىمۇ ناھايىتى مۇۋاپىق بولغان بىر توپ خېرىدارلارنى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدا يېڭى مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى بېكىتىشتىن ئىلگىرى، تەجرىبىگە تايىنىپ ھۆكۈم قىلىشقا ياكى «باھانى كەمسىتىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. 
 باھادا كەمسىتىش دېگىنىمىز، ئوخشاش مەھسۇلاتنى ئوخشاش بولمىغان باھادا ئوخشاش بولمىغان خېرىدارلارغا ئايرىم-ئايرىم سېتىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا خېرىدارلارنىڭ قىزىقىشى، ئېھتىياجىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى ۋە باھانى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاساس قىلىنىدۇ. 

ئەگەر سودىگەرلەر ماركىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە باھاغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر بولسا، بايراقدار دۇكاندىن سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، باھاغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر، باھاسى چۈشۈرۈلگەن تاۋباۋ C دۇكىنىنى تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دەپ قارىسا، ئۇ ھالدا سودىگەرلەر تاۋباۋ C دۇكىنى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بەرسە بولىدۇ، لېكىن ھەقىقىي مەھسۇلات كاپالىتى بەرمەيدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە « باھادا كەمسىتىش»نى شەكىللەندۈرىدۇ. 

نېمە ئۈچۈن بۇنداق باھادا كەمسىتىش ئابونتلارنى بىزار قىلمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، ماركا C دۇكاننىڭ ھەقىقىي مەھسۇلاتىغا كاپالەتلىك قىلماي، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋەتكەن، C دۇكاننىڭ ئىستېمالچىلارغا بەرگەن ئېتىبارى ئەمەلىيەتتە «خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسى» بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر خىل ئادىل پىرىنسىپ بار. 

ماركىنىڭ C دۇكاندا سېتىلىۋاتقىنىنىڭ ھەقىقىي مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ھەقىقىي مەھسۇلات كاپالىتى بەرمەسلىك، «ئادىل» بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا ماركىغا ئىشىنىدىغان ھەم تېخىمۇ يۇقىرى باھاغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سادىق ئىستېمالچىلارنى «ئادىل» مۇئامىلە تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش. 
باھادا كەمسىتىش ماھىيەتتە بىر خىل «ئۈنۈم ھەممىدىن ئەلا» يېتەكچىلىكىدىكى باھا بېكىتىش تاكتىكىسىدۇر: سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؛ ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوخشاش بولمىغان باھا ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشنى قاندۇرىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرىدۇ؛ پۈتكۈل جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاۋارنىڭ ئومۇمىي باھاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ.

پەقەت «ئۈنۈم» پەيدا بولىدىغان جاي بولسىلا، «ئادىللىق» مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ، لېكىن قوبۇل قىلىدىغان «باھادا كەمسىتىش» ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت. 
بېلەت زاكاز قىلىش ۋاقتى قانچە كېچىكسە، ئېتىبار بېرىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سودا ئىشلىرى خېرىدارلىرىنىڭ ھەق تۆلەش ئىقتىدارى يۇقىرى، لېكىن ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە كۈندە ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ. 
لېكىن بۇ باھا مېخانىزمىنى ئادىللىق نۇقتىسىدىن ئوخشاشلا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: بالدۇر بېلەت زاكاز قىلغان خېرىدارلار يول يۈرۈش مۇساپىسىنىڭ ئۆزگىرىش خەتىرىنى تۆلىگەن، تېخىمۇ چوڭ ئېتىبار بېرىش سالمىقى «خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسى» بولۇپ، ئىنتايىن ئادىل بولغان بولىدۇ.

باھادا كەمسىتىشتە ئەمەلىيەتتە ئادىل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت نامدا ئادىل بولسىلا، سىزدە كۆپچىلىك قوبۇل قىلالايدىغان بىر سەۋەب بولسىلا بولدى. 
ھەشەمەتلىك مېھمانسارايدا بىر بوتۇلكا ئادەتتىكى سۇنى 10 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، چۈنكى ھەشەمەتلىك مېھمانسارايدا تۇرىدىغان خېرىدارلارنىڭ ھەق تۆلەش ئىقتىدارى يۇقىرى، لېكىن نامدا يەنىلا «ئادىل»، چۈنكى مېھمانساراي تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە تەننەرخى بۇنداق يۇقىرى بولمايدۇ. 
شۇڭا، بۇ يەردىكى «ئادىللىق» مەنپەئەت جەھەتتىكى ئادىللىق ئەمەس، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي تەسىراتى، خالاس. «چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلاش» مەسىلىسى شەخسىيەت ۋە باھادا كەمسىتىشتە ئەمەس، بەلكى ئادىللىق تۇيغۇسىنىڭ يوقىلىشىدا. 
شەخسىي تۇيغۇ بولغانىكەن، پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ھەتتا ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا، «ئادىللىق»قا بولغان كۆز قاراش ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش بولغان باھادا كەمسىتىشنىڭ قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەتتا ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. 

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0