搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
لى جياچېڭ نېمە ئۈچۈن ۋېيتنامغا يۈرۈش قىلىدۇ؟ ئۆي باھاسى ئۆسەمدۇ؟
>
لى جياچېڭ نېمە ئۈچۈن ۋېيتنامغا يۈرۈش قىلىدۇ؟ ئۆي باھاسى ئۆسەمدۇ؟
Nepkar
2022-04-28
0
导读:ۋيېتنام جۇڭگونىڭ ساغرىسىنى سىلاپ دەريادىن ئۆتىدۇ. جۇڭگونىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋېيتنامنىڭ نەت
ئالاھىدە تەۋسىيە:
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
----
ۋيېتنام جۇڭگونىڭ ساغرىسىنى سىلاپ دەريادىن ئۆتىدۇ. جۇڭگونىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋېيتنامنىڭ نەتىجىسىمۇ يامان ئەمەس. پۇل تېپىش جەھەتتە، راست گەپنى قىلغاندا، ۋيېتناملىقلار ھەقىقەتەن بەك تىرىشچان!
جۇڭگو يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشتە قاتتىق مۇداپىئەلىنىدۇ، لېكىن ۋېيتنام پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. كەمىنە كۆپچىلىككە بىر دېلو مىسالىنى ئېيتىپ بېرەي:
ۋيېتنامدا بىر زاۋۇت بولۇپ، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا %80 ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مۇسبەت، %20 ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مەنپىي ئىكەنلىكى بايقالغان. زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، %20 مەنپىي ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۆيدە ئايرىپ، %80 مۇسبەت ئىشچى-خىزمەتچى داۋاملىق ئىشقا بارىدۇ!
بۇ دەل ۋىيتنام، جان تىكىپ پۇل تاپىدىغان ۋىيتنام.
پۇل تېپىش تىلغا ئېلىنسىلا، بىز ئالدى بىلەن شېنجىننى ئويلاپ يېتىمىز. شېنجېنغا جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ كۈرەشچىلەر توپلانغان، شۇنداقلا جۇڭگودىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسىپلىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئەڭ باي شەھەر. شېنجىندا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، شېنجېندىكى ياشلار شىركەتنىڭ كومپيۇتېرىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئاپارسىلا، ئايرىۋېتىشنىڭ كارايىتى چاغلىق، ھاياتلىق توختاپ قالمىسىلا، توختىماي كۈرەش قىلالايدۇ.
بىراق يۇقىرىدىكى دېلو مىسالىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ۋېيتناملىقلار پۇل تېپىشتا، شېنجېندىكى ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قارام.
بىر سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 3-ئايدا ۋيېتنامنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 67 مىليارد 370 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %38.1 ئاشقان؛ ئېكسپورت سوممىسى 34 مىليارد 710 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %48.2 ئاشقان. 2022-يىلى 1-پەسىلدە ۋىيېتنامنىڭ مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 176 مىليارد 350 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋېيتنامنىڭ يانفون ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنىڭ ئېكىسپورت سوممىسى 15 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان.
1-پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى بويىچە بولغاندا، ۋىيېتنامنىڭ 2022-يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15 تىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %40 تىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئېشىش 20 يىل بۇرۇنقى جۇڭگوغا ئوخشايدۇ. ۋېيتنامدىن ئىبارەت بۇ ياش دۆلەتنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تەرەققىياتى ناھايىتى تېز.
ئەزەلدىن ئۆزىگە خاس نەزەر بىلەن قارايدىغان لى جياچېڭ ۋيېتنامدىكى پۇلنىڭ ھىدىنى پۇراپ، قولىدىكى مەبلەغنى ئېلىپ ۋيېتنام كۈدىلىرىنى ئورۇۋېلىشقا تەييارلاندى. لى جياچېڭ قارمىقىدىكى چاڭشى گۇرۇھى ۋېيتنامدىكى خۇسۇسىي ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى ۋەن شېڭفا گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ، خۇ جىمىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋېيتنامنىڭ ئۆي-مۈلكىگە مەبلەغ سالماقچى بولىۋاتىدۇ.
خۇجىمىڭ شەھىرى رەھبەرلىرى بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار بىرلىكتە
لى جياچېڭنىڭ ئۆي-زېمىنغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى جۇڭگولۇقلارغا ناھايىتى تونۇشلۇق ئىدى. يەر ئېلىش، ئۆي سالماسلىق ياكى بېلىق تۇتۇش شەكلىدە ئۆي سېلىش، يەرنىڭ قىممىتى ئۆرلىگەندە، ئاندىن ھايانكەشلىك قىلىپ يەر سېتىپ، غايەت زور پايدىغا ئېرىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىراق، لى جياچېڭ ئۆي-زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەمبەغەللەرنىڭ پۇلىنى تاپمايتتى. لى جياچېڭ يەر قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتە مەركىزىي شەھەرنىڭ مەركىزىي بۆلىكىنى تۆۋەن باھادا ئېلىشنى تاللايدۇ. بۇ جايلارنى، كەمبەغەللەر سېتىۋالالمايدۇ. ئۇنداقتا، كىم سېتىۋالالايدۇ؟
بۇنىڭ جاۋابى: يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر روياپقا چىقارغان يېڭى پۇلدارلار، يەنى شەھەرلەردىكى يېڭى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەلەر.
لى جياچېڭ 90-يىللاردا جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن بولۇپ، 2016-يىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مۈلكىنى تۆكمە قىلىپ ساتقان، ھېسابلاپ كۆرگەندە، چاڭشى گۇرۇھى چوڭ قۇرۇقلۇقتا پەقەت 30 يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قىممىتى نەچچە يۈز مىليارد يۈەنلىك ئۆي-مۈلۈك ۋە يەر مۈلۈككە ئېرىشىپ، چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش مەقسىتىگە يەتكەن.
2016-يىلى ئەتراپىدا لى جياچېڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا مال-مۈلكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، 370 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەنگلىيەگە زور مەبلەغ سالدى. ئەنگلىيەدە يەنە ئالاقە تورى، تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تۇرۇبا سۈيى قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قىسقىغىنا بەش يىلدا 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈك نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
ھازىر لى جياچېڭ ئەنگلىيەنىڭ مۈلكىنى سېتىپ، ۋيېتنامغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا، ۋيېتنام نېمە ئۈچۈن لى جياچېڭنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا: ۋىيېتنام جۇڭگودىن تاپشۇرۇق كۆچۈرۈپ، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە دىققەتنى تارتىۋاتىدۇ.
نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە، ۋيېتناملىقلار جۇڭگونىڭ يېزىلىقلىرىغا ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئازراقمۇ تۆۋەن ئەمەس، ئۇزاق مۇددەت جۇڭگونىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئاشتى.
ئىقتىسادىي جەھەتتە، ۋىيېتناملىقلار جۇڭگودىن ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشچە قىلچە ئىككىلەنمىدى. ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ساغرىسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويدى.
ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى، ئۇ بىۋاسىتە تاپشۇرۇق كۆچۈرىدۇ، ئازراقمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ. پەقەت جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغاچقا، ۋېيتنامنىڭ نۇرىنى توسىۋالدى، خالاس.
لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىغا، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تەدرىجىي ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋىيېتنام ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك بولغاچقا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇردى. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن 2020-يىلى ۋېيتنامنىڭ GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %2.91 لىك سۈرئەت بىلەن جۇڭگونىڭ %2.3 لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. 2021-يىلى، ۋىيېتنام GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5.22، جۇڭگو GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %8.1 بولۇپ، ۋىيېتنامدىن ئېشىپ كەتتى.
لېكىن 2022-يىلى 1-پەسىلدە، ۋىيېتنام پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇل ھەل قىلدى، چەت ئەل زاكاز تالونلىرى ۋىيېتنامغا يۇپۇرۇلدى. ۋېيتنامنىڭ GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىمۇ ئاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋيېتنام ئېلىكترونلۇق ياساش كەسپىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. سامسۇڭ، ئالما، LG، سونى، فۇشىكاڭ ۋە جۇڭگو گېئېر پاي چېكى قاتارلىق ئېلېكترون ياساش كەسپىنىڭ ماگناتلىرى بەس-بەستە ۋيېتنامدا زاۋۇت قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادىداس، نايك ۋە جۇڭگو كىيىم-كېچەك زاۋۇتىمۇ ۋيېتنامغا كۆپلەپ كۆچۈرۈلدى.
بۇ كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋىيېتنامنىڭ ئېكسپورت سوممىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ۋىيېتنام ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم پۈتۈنلەي يېڭى پۇلدارلارنى روياپقا چىقاردى. بۇ بايلىق يېڭىدىن پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۆي سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ پەقەت يېڭى پۇلدارلار ئۆي سېتىۋالسىلا، بۇ لى جياچېڭنىڭ پۇرسىتى ئىدى!
ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى چەكلىك بولىدۇ، ھەر قانداق بىر مەركىزىي شەھەرنىڭ مەركىزىي بۆلىكى كەم ئۇچرايدىغان بايلىق ھېسابلىنىدۇ. لى جياچېڭ بۇ مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي بۆلىكىنى ئالدىن ئىگىلىۋالسىلا، پۇل تاپماسلىقمۇ تەسكە چۈشەتتى.
كۆپچىلىك چوقۇم بىلىشى كېرەككى، ئۆي باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل ئەزەلدىن ئومۇميۈزلۈك ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بولماستىن، بەلكى بازاردىكى ئۆي مۈلۈك سودىسىنىڭ جانلىنىش مىقدارىغا باغلىق. مەركىزىي شەھەرنىڭ مەركىزىي بۆلىكىدىكى ئۆي-مۈلۈك ئىنتايىن چەكلىك ھەم كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئۆي باھاسىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ۋيېتنامنىڭ نوپۇسى 100 مىليونغا يېقىن بولۇپ، مەركىزىي شەھەرلىرىدىن پەقەت خۇجىمىڭ شەھىرى، خانوي شەھىرى، داناڭ شەھىرى، شىگۇڭ خەيفېڭ شەھىرى قاتارلىقلار بار.
بۇنىڭ ئىچىدە، خۇ جىمىڭ شەھىرى «كىچىك شاڭخەي» دەپ تەرىپلىنىپ، ۋىيېتنامنىڭ بىرىنچى ئىقتىساد چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋېيتنامنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، خۇ جىمىڭ شەھىرىنىڭ ئۆي باھاسى چوقۇم ئەڭ تېز ئۆسىدۇ، شۇنداقلا لى جياچېڭنىڭ قايتا پۇل تېپىشىغا پۇرسەت يارىتىلىدۇ.
پەقەت ۋيېتناملىقلار جان تىكىپ خىزمەت قىلىپ، جان تىكىپ پۇل تېپىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرسىلا، لى جياچېڭ تەييارغا ھەييار بولۇپ، ۋيېتناملىقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. جۇڭگودىكى تەجرىبىسى بار، ۋېيتنامنىڭ يېڭى بايلىرىمۇ ئەخمەق ئەمەس، ئۇلارمۇ ئۆي ھايانكەشلىكى قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭگو ھازىر ئۆي ھايانكەشلىكى قىلىشقا يول قويمايدۇ، لېكىن بۇ جۇڭگو ئۆي ھايانكەشلىك ئۆمىكىنىڭ ۋيېتنامغا بارمايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
لى جياچېڭ ۋېيتنامنىڭ بايلىق شامال ئېغىزىنى پۇراپ قالدى، ۋېنجۇدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ غوجايىنى بۇ زاۋۇتنى ئاللىبۇرۇن ۋېيتنامغا يۆتكەپ كەتكەنىدى. ئەجەبا ۋېنجۇدىكى ئۆي ھايانكەشلىك ئۆمىكى ۋېيتنامدا قايتا باش كۆتۈرمەسمۇ؟
لى جياچېڭ ۋەزىيەتكە قاراپ پۇل تېپىشتا ھەممىدىن زېرەك ئىدى. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۆي-زېمىن تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ۋيېتناممۇ كۆچۈرەلەيدۇ.
ئەمما، لى جياچېڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن بىر بىخەتەرلىك جۈمىكى ياسىدى.
بىرىنچى، ياپونىيە ئوۋلىشى گۇرۇھىنى تارتىپ، ئوۋلىشى گۇرۇھى پۇل مۇئامىلە ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ۋيېتنامدىكى يەرلىك بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلىسىگە تايىنىشتىن قۇتۇلىدۇ.
ئىككىنچى، ۋىيېتنامنىڭ باشلامچى پۇقراۋى ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى − ۋەنشېڭفا گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ، جۇڭگو خېڭداغا ئوخشاش يەرلىكنىڭ مەنپەئىتى بىلەن چوڭقۇر باغلىنىپ، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنى ئۆزىگە چېقىلالماس قىلىپ قويدى.
شۇنداق بولغاندا، چاڭشى گۇرۇھى ۋيېتنامدا ئەركىن-ئازادە يۈرەلەيدۇ، كۆپ پۇل تاپالايدۇ!
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز
بۇ يەرنى بېسىپ
مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408