搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئامېرىكىدا پۇل پاخاللاشتى، دۆلىتىمىز قانداق قىلىشى كېرەك؟
>
ئامېرىكىدا پۇل پاخاللاشتى، دۆلىتىمىز قانداق قىلىشى كېرەك؟
Nepkar
2022-03-15
2
导读:نېفىت بىلەن ئاشلىق دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئاساس، نېفىت ماشىنىسىغا ماي بولمىسا، ئاشلىق بولمىسا ئىنسانلار
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ 2-ئايدىكى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ %7.9 بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ ئامېرىكىنىڭ پەقەت ئۆسۈم ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يولدا ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆسۈم قوشۇش مۇقىملاشقان بولۇپ، پەقەت %0.25 ئۆسۈم قوشۇش ياكى %0.5 ئۆسۈم قوشۇش نامەلۇم ئىدى. ئەگەر %0.25 ئۆسۈم قوشۇلسا، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئاللىبۇرۇن %7.9 بولۇپ، ئاشۇ كىچىككىنە %0.25 ئۆسۈم قوشۇش ئارقىلىق ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما بىر قېتىمدىلا %0.5 ئۆسۈم ئۆستۈرۈلسە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بازارنىڭ بەك تەۋرەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %0.5 بولغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %7.4 بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتسە، كىم يەنە ئامېرىكا دوللىرىنى ئېلىشنى خالايدۇ؟ بۈگۈن بىز ئامېرىكىدا پۇل پاخاللاشقاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز قانداق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقايلى.
بازاردىن بۇرۇن مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3-ئايدا ئالدى بىلەن ئۆسۈم قوشۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرىدىكەن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەبلىغى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدىكەن. لېكىن ھازىر ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىشىپ كەتتى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆستۈرگەندە ئاندىن خەلقئارادىكى پۇلنى ئامېرىكىغا قايتۇرغىلى بولىدۇ؟ ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆزەڭگىدىن زادىلا چۈشەلمەيۋاتىدۇ، چۈنكى ھازىر يۇقۇم ئەھۋالى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆپ مىقدارلىق خام ماتېرىيال، ئاشلىق، يۈك توشۇش قاتارلىقلاردا مەسىلە كۆرۈلدى. ئېنېرگىيە باھاسى ئۆرلەپ، تەبىئىي گاز 3000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، نېفىت باھاسى 130 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىمۇ 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.
بىز «نېفىت بىلەن ئاشلىق دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئاساس، نېفىت ماشىنىسىغا ماي بولمىسا، ئاشلىق بولمىسا ئىنسانلار ئاچ قالىدۇ.» دەيمىز. بۇ ئىككى ئاساستىن مەسىلە چىقسا، قانداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ؟
تەھلىل قىلىپ باقايلى، ئامېرىكىدا يۇقىرى پۇل پاخاللىقى كۆرۈلدى، باھا تۆۋەنگە قاراپ يۆتكەلدى. ئاھالىلەرنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمى بەلگىلىك بولىدۇ، ئەگەر يېقىلغۇنىڭ ئىسسىنىش ۋە ماي قاچىلاش خىراجىتى ئېشىپ كەتسە، كىشىلەر ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، باشقا ئىستېمالنى ئازايتىدۇ، بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە يۇقۇمدىن كېيىنكى ياخشى ۋەزىيەتنى يۇقىرى پۇل پاخاللىقى توسۇۋالغان ئىدى. ئامېرىكا ئەسلىدە ئۆزىچە رۇسىيەنى جازالاپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈرلىرىگە ئىمبارگو يۈرگۈزسە، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشىغا يول قويمىسا، ئامېرىكىنىڭ قايتا-قايتا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى بىلەن، يەر شارىدىكى مەبلەغنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىغا يۆتكىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن سىرتتىكى پۇل تېخى كىرمەي تۇرۇپ، ئۆسۈم قوشۇش تېخى باشلانماي تۇرۇپ، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلالمىدى، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %7.9 كە يەتتى، مال باھاسى ئۆرلىسە، ئامېرىكا پۇقرالىرى قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟ ئۆسۈم قوشسا پۇل پاخاللىقى ئىقتىسادىنى كونترول قىلىش ئاستىلايدۇ. ئۆسۈم قوشمىغاندا پۇل پاخاللىقى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىككى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى.
بۈگۈنكى دۇنيا ئۆزئارا تۇتاش بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %7.9، ياۋروپانىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %5، رۇسىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %30 بولغان ئەھۋالدا، پۈتۈن دۇنيادا باھا ئۆرلەۋاتىدۇ، ئېلىمىز ئۆزىنىلا ئويلاپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ.
دۆلىتىمىز قانداق مەسىلىگە دۇچ كەلدى؟
دۆلىتىمىزنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئاران %0.9، ئىقتىساد تېخى ناھايىتى سوغۇق، ئىستېمال ۋە مەبلەغ تېخى تولۇق سېلىنغىنى يوق، ئىقتىساد ئىسسىق ئەمەس. دۆلىتىمىز يەنىلا قوزغىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت باجنى كېمەيتىش، باج قايتۇرۇش سالمىقىنى، مالىيە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، پۇل جەھەتتە كەڭرى سىياسەت قوللىنىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ھۆكۈمىتىمىز ئىقتىساد ماي كلاپانىغا دەسسەۋاتىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ئىقتىساد تورمۇزلاۋاتىدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
ئامېرىكا ئۆسۈم قوشۇپ، پۇل پاخاللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، تورمۇزغا دەسسىدى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئىقتىسادى تېخى تولۇق ئىسسىمىدى، يۇقۇمدىن كېيىن ئىقتىساد ئەمدىلا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان ئىدى، لېكىن بارلىق تاۋار باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، پۇل پاخاللاشتى، ئامېرىكا ئامالسىز ئۆسۈم قوشماقچى بولىۋاتىدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلمىدى، ئېلىمىزنىڭ مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى ئىقتىسادنىڭ ماي كلاپانىغا دەسسەۋاتىدۇ، مەسىلەن، باجنى كېمەيتىپ، باجنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پۇقرالارنىڭ ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. دۆلىتىمىز ماي كلاپانىغا دەسسەۋاتىدۇ. ئامېرىكا تورمۇزغا دەسسەۋاتىدۇ، بۇ خىل
ئەھۋال داۋاملىشامدۇ؟
(بۇ يەرنى بېسىپ «
يەنە بىر قېتىم ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرەمدۇ؟
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى نۆل ئۆسۈم نىسبىتىدىن باشلانغان، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىدە يەنە %3 بار، يەنى جۇڭگو-ئامېرىكا ئۆسۈم پەرقىدە يەنە %3 بار، شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بوشلۇقى بار، قورال ساندۇقىمىزدا قورال بار. لېكىن خەلقئارادا كۆپ مىقدارلىق خام ئەشيا ماتېرىياللارنىڭ باھاسى ئۆسسە، جۇڭگو ئىقتىسادىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىمپورت خام ئەشيالىرىنىڭ باھاسى ئۆسسە، ئېلىمىز ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ، ئاخىرىدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ.
شۇڭا، پۇل پاخاللىقى دۇنياۋى خاراكتېرگە، يۇقۇمچانلىققا ئىگە. ئامېرىكا بۇ قېتىم قانچىلىك ئۆسۈم قوشىدۇ، ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇل سىياسىتىگە بولغان تەسىرى قانداق، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل سىياسىتىگە بولغان تەسىرى قانداق؟ بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0