搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىككى قىيىن تاللاش: پۇل پاخاللىقى ۋە ئىشسىزلىق!
>
ئىككى قىيىن تاللاش: پۇل پاخاللىقى ۋە ئىشسىزلىق!
Nepkar
2022-03-16
0
导读:پۇل پاخاللىقىنى توسۇپ، كىشىلەرنى پۇل خەجلىمەيدىغان، مەبلەغ سالمايدىغان قىلغىلى بولىدۇ...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئامېرىكىنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىككى سانلىق مەلۇماتى بار، بىرى، 2-ئايدا ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئېشىپ، 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يەنە بىرى، 2-ئايدا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 678 مىڭ كۆپىيىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.8 بولغان. بۇ ئىككى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئالدىنقىسى ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى، كېيىنكىسى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى دېيىلگەن. بىراق سىز بىلەمسىز؟ پۇل پاخاللىقى ۋە ئىشسىزلىق ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، تارىختىن بۇيان قىيىن تاللاش بولۇپ كەلدى.
مەن سوراپ باقاي، پۇل پاخاللىقى ۋە ئىشسىزلىق ئىچىدە سىز نېمىنى تاللايسىز؟ مۆلچەرىمچە كۆپ ساندىكى كىشىلەر خىزمەت تاللايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خىزمەت تاللىغان ئىكەن، ھۆكۈمەت قانداق قىلىدۇ؟ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پەقەت پۇل پاخاللىقىنى قۇربان قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت مالىيە ۋە پۇل ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ، لېكىن پۇل پاخاللىقىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. سىز ئىشلەپ پۇل تاپقاندا، قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كېتىپ، ئەسلىدىكى سېتىۋېلىش كۈچى بولمىغاچقا، 100 يۈەنگە ئەسلىدىكىدەك كۆپ نەرسە سېتىۋالالمايسىز. شۇنداق بولسىمۇ، شەخس ئۈچۈن ئېيتقاندا يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللايدۇ، ئىشسىز قېلىشنى خالىمايدۇ.
نېمىشقا؟ چۈنكى پۇل پاخاللىقىنىڭ بەدىلىنى ئومۇمىي خەلق تۆلەيدۇ، ئىشسىزلىقنىڭ بەدىلىنى بولسا ئۆزى تۆلەيدۇ. شەخس ئۈچۈن ئېيتقاندا ئازابلىق، شۇڭا كىشىلەر پۇل پاخاللىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىقتىساد ئەسلىگە كەلسىلا، پۇل پاخاللىقىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ قوزغىتىش نەتىجىسى بولۇپ، مۇقەررەر پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا 2020-يىلى ۋە 2021-يىللىرى زور مىقداردا پۇل تارقاتتى، %7.9 پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىشى مۇقەررەر، بۇ تاللاشنىڭ بەدىلى.
ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش سالمىقىنى قانداق زورايتىدۇ؟ 2020-يىلى يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ پۇل چېچىپ، ھەر بىر ئادەمگە ئىككى قېتىم 1000 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 1200 ئامېرىكا دوللىرى تارقاتتى، كىشىلەرنىڭ خىزمىتى يوق، ھۆكۈمەت پۇل بەردى. يەنە پۇل ئاجرىتىپ ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 2-ئايدا يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 670 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، بازار مۆلچەرىدىن يۇقىرى بولدى، ئامېرىكىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۆرلەپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.8 كە چۈشتى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئۈچۈن تەنتەنە قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرقى ئەھۋال شۇكى، بارلىق تاۋار باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئۆي باھاسى، ئالتۇن، كۆپ مىقدارلىق خام ئەشيا، بېنزىن، بارلىق ماددىي مۈلۈك ئۆرلەپ كەتتى، تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، بۇ چاغدا، ئامېرىكىلىقلار ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋالغاندا باھاسى ئۆرلەپ، ئادەم كۈچى قىممەت بولدى. مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتىپ كەلدى. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈشكە باشلىدى، ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولدى.
ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى دەل كەملىك ۋە تاللاش، سىز نېمىنى تاللىسىڭىز، شۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىڭىز كېرەك
بىز ئىشسىز قېلىشنى خالىماي، ھەممىمىز خىزمەت قىلىپ كىرىم قىلىشنى، تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايمىز. شەخسنىڭ تاللىشى ئىجتىمائىي تاللاشنى شەكىللەندۈرىدۇ، پۇل پاخاللىقىنى ئويلاشماي، پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. كىم پۇل پاخاللىقى ئۈچۈن ھېسابات قىلىدۇ؟ پۇل پاخاللىقىنىڭ قانداق يامان تەرىپى بار؟ بەزىلەر مېنىڭ كارىم يوق، مەن ئاۋۋال خىزمەت قىلىمەن دەيدۇ. كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ كارى بولمىسا بولمايدۇ، ئەگەر پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلمىسا، بايلىقىڭىز سۇيۇلۇپ كېتىدۇ، مەسىلەن، سىزنىڭ 100 مىڭ يۈەن پۇلىڭىز بار، لېكىن پۇل پاخاللىقى بولسا، سىزنىڭ پۇلىڭىز پەقەت 80 مىڭ يۈەنلىك سېتىۋېلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. سىزنىڭ پۇلىڭىز بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، خالامسىز؟ سىز خالىمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ھۆكۈمەت ئۆسۈم قوشۇش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، پۇلنى ئامانەت قويۇپ خەجلەتكۈزسە، بانكا سىزگە كۆپرەك ئۆسۈم بېرىدۇ. شۇڭا، بىر دۆلەتنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۆرلىگەندە، مەركىزىي بانكىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۆسۈم قوشۇش، ئۆسۈم قوشۇش، يەنە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئامېرىكىدا نۆل ئۆسۈم نىسبىتى بار، مال باھا كۆرسەتكۈچى %7.9، ھەر قېتىم %0.25 ئۆسۈم قوشۇلسا، قانچە قېتىم ئۆسۈم قوشقاندىلا، ئاندىن پۇل پاخاللىقىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ؟ ئۆسۈم قانچە يۇقىرى بولسا، ئاندىن پۇل ئامانەت قويۇشنى خالايسىز؟ شۇڭا بۇ قېتىم ئامېرىكا 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مەزگىلىگە كىرگەندە، توختىماي ئۆسۈم قوشۇپ، پۇل پاخاللىقىغا قارىشى تۇرماقچى بولدى.
ئۆسۈم قوشۇشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ پۇل پاخاللىقىنى توسۇپ، كىشىلەرنى پۇل خەجلىمەيدىغان، مەبلەغ سالمايدىغان قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىقتىساد سوۋۇپ، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇل پۇلغا يارايدۇ، لېكىن قىلىدىغان ئىش بولمايدۇ، مەبلەغ سالىدىغان يەر بولمايدۇ، ئىستېمال قىلىدىغان پۇل بولمايدۇ، ئاخىرىدا يەنە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەيدۇ. ئىقتىساد ئەنە شۇنداق تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. خېمىر يۇغۇرغانغا ئوخشاش، سۇ كۆپەيسە ئۇن قوشۇلىدۇ، ئۇن كۆپەيسە سۇ قوشۇلىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ قوزغىتىش ۋاسىتىسى ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش، مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر. بىز، ئىشسىزلىق ئوبيېكتىپ، پۇل پاخاللىقىمۇ ئوبيېكتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغىنى بۇ ئىككى قىيىن مەسىلىدە تاللاش دەيمىز.
زادى پۇل پاخاللىشىشى كېرەكمۇ ياكى ئىشسىزلىق تۆۋەنرەك بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكمۇ ياكى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدۇ.
ئەگەر سىزدىن سورىسام، قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ كۇرسى چۈشمەسلىكنى خالامسىز؟ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى خالامسىز؟ سىز چوقۇم ئىشسىز قالماسلىقنى تاللايسىز، سىزنىڭ خىزمەت قىلىپ پۇل تاپقۇڭىز بار. كۆپچىلىك قانداق تاللايدۇ؟ ئەگەر خىزمەت تېپىپ پۇل تېپىشنى تاللىساق، ھۆكۈمەت پۇل پاخاللىقىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن كارى بولماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ.
شۇڭا، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەندە، ھۆكۈمەت پەقەت ئۆسۈم ئۆستۈرەلەيدۇ، ئۆسۈم ئۆستۈرەلەيدۇ، يەنە ئۆسۈم ئۆستۈرەلەيدۇ. زىيادە قىزىپ كەتكەن پۇل پاخاللىقىنى پەسەيتسەك، ئىستېمال قىلماسلىق، مەبلەغ سالماسلىق، ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك، ئۆي سېتىۋالماسلىق، پۇل خەجلىمەسلىك قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ ئىستېمال مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، ئىقتىساد سوۋۇپ كېتىدۇ، مانا بۇ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ نەتىجىسى.
ئۇنداقتا پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكمۇ؟ ھۆكۈمەت قانداق تاللىشى كېرەك، بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتەيلى.
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408