搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
سىز «يېڭى نامراتلار»دىنمۇ؟
>
سىز «يېڭى نامراتلار»دىنمۇ؟
Nepkar
2022-05-03
1
导读:نامراتلىق تىلغا ئېلىنسا، سىزنىڭ تۇنجى تەسىراتىڭىزنىڭ ھېچنېمىسى يوق، ھەتتا قورساق تويغۇزۇشمۇ؟
ئالاھىدە تەۋسىيە:
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
----
نامراتلىق تىلغا ئېلىنسا، سىزنىڭ تۇنجى تەسىراتىڭىزنىڭ ھېچنېمىسى يوق، ھەتتا قورساق تويغۇزۇشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ؟ لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە بىر خىل «يېڭى نامراتلار» بارلىققا كەلدى.
«يېڭى نامراتلار» دېگىنىمىز، ئاساسلىقى نۆۋەتتە شەھەرلەردىكى بىر توپ ياش ئاق ياقىلىقلارنىڭ ئۆز سالاھىيىتىنى بېكىتىشىنى كۆرسىتىدۇ، كىرىم جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن ئەمەس، بەزىلىرى ھەتتا ئېيىغا نەچچە ئون مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ، ئالىي دەرىجىلىك خىزمەت بىناسىدا خىزمەت قىلىدۇ، سىرتقى سىياقى ناھايىتى ھەۋەسلىنەرلىك بولۇپ، 100 مىڭ ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك ماشىنا ھەيدەپ، ئالىي دەرىجىلىك بېزەلگەن ئۆيدە تۇرىدۇ. ئەمما، ئامانەت پۇل نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئىسمى جىسمىغا لايىق نامراتلار بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا دائىم كرېدىت كارتىسى ئارقىلىق قەرز ئېلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بەزىلەر، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭمۇ بۇنداق قىلغۇمىز يوق؟ ئامالسىز قالدۇق، دەيدۇ. ھازىر نۇرغۇن ياشلار توي قىلماقچى بولسا «ئۆيى، ماشىنىسى، ئامانەت پۇلى بولۇش» زۆرۈر شەرت بولۇپ قالدى، لېكىن ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېسىمى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەر نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلدى. ئۆينى ئېلىپ ئېيتساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆي باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلى ۋە كىرىمىنى سوروپ بولدى. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە 200 مىليون ئائىلە قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالماقتا، 400 مىليون كىشى ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، لېكىن ھەر ئايلىق ھەر خىل قەرز پۇلنىڭ «مۇقىم چىقىمى» نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان پۇل يەنە تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئائىلىسى بار كىشىلەر يەنە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بالىلارنى بېقىش ئۈچۈن پىلانلىنىدۇ. يەنە مال باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان، مائاش ئانچە ئۆسمەيدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. 20 يىل ئىلگىرى كىرىمىمىز ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن مال باھايىمىزمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، ھازىر كىرىمىمىز ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن مال باھاسى ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتىدۇ. ئىلگىرى چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئون نەچچە يۈەنلا كېتەتتى، ھازىر ئاز دېگەندە 20 يۈەندىن كۆپرەك پۇل كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.
لېكىن يەنە بىر قىسىم «يېڭى نامراتلار» سالاھىيەت تۇيغۇسىنى يارىتىش ئۈچۈن «نامراتلار»غا ئايلىنىپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمەلىيەتتە، «يېڭى نامراتلار»نىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئاساسى بولۇپ، بۇ ئۇلارنى تۆۋەن قاتلامدىكى تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى تۇرمۇشقا يېتەرلىك بايلىقى كەمچىل. ئوتتۇراھال سەۋىيەدە بولسىمۇ، شۆھرەتپەرەسلىك سەۋەبىدىن، ئىدراكسىز ئىستېمال قىلىشقا باشلايدۇ، چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ سېتىۋالغىلى بولسىلا سۈپۈرگە ئىشلەتمەيدۇ، بىر تېلى يۈز يۈەنلىك يۈز چاپلىقىنى ئىشلەتسىمۇ كۆزى مىت قىلىپ قويمايدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقى پەيدا بولسىلا، يىللىق كارتا بېجىرمىسە تۇرالمايدۇ. قىسقىسى، بۇ كىشىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكى مەڭگۈ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ، لېكىن يانچۇقى قۇرۇق. بۇلتۇر 90-يىللاردا تۇغۇلغان بىر ئايال سېستىرانىڭ ئايلىق مائاشىمۇ 8000 يۈەن ئەتراپىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنتىلىدىغان تۇرمۇشى دەل ھازىرقى نۇرغۇن ياشلار ئىنتىلىدىغان ئېسىل تۇرمۇش: تەۋسىيە قىلىنغان مەززىلىك تائاملارنى كۆرسىلا يەيدىغان، ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئۇچراتسىلا سېتىۋالىدىغان، بىرەر جايغا بارماقچى بولسا قوپۇپلا ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىۋېتىدىغان. نەتىجىدە بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن قەرز يىغىلىپ، ئاخىرى ئانىسى تەرىپىدىن ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغان ئىشلار يۈز بەردى.
شۇڭا، شەھەردىكى «يېڭى نامراتلار»نىڭ پەيدا بولۇشى، بىر قىسمى تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىر قىسمى ئاتالمىش سالاھىيەت تۇيغۇسىنى يارىتىش ھەۋىسى بىلەن بولىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا، بۇ كىشىلەر قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ قەرز بېسىمىنى يېنىكلىتەلەيدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرەلەيدۇ؟
ئالدى بىلەن، يەنىلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، مەسىلەن، بىلىم قۇرۇلمىسى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ياكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ بىلىم ماھارىتىنى ئۆگىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، شۇنداقلا ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا، كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى چىقىرىۋەتكەندىن سىرت، ھەر ئايلىق ئىستېمالنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ئۆزىنىڭ ياخشى مالىيە باشقۇرغۇچىسى بولۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز
بۇ يەرنى بېسىپ
مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408