搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
پاي چېكى ماھارىتى: سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ۋە باھانىڭ مۇناسىۋىتى!
>
پاي چېكى ماھارىتى: سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ۋە باھانىڭ مۇناسىۋىتى!
Nepkar
2022-03-19
1
导读:پاي باھاسى ئۇدا چۈشكەندىن كېيىن، تۆۋەن ئورۇندا سودا پۈتۈشۈش مىقدارى كۆپىيىپ، پاي باھاسى مۇقىم بولۇش
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
مىقدار بىلەن باھا ئۆزگىرىشىدىكى سەككىز چوڭ قانۇنىيەت
1. مىقدارى كۆپىيىپ، باھا تەڭلىشىش، تەتۈر ئايلاندۇرۇش سىگنالى:
پاي باھاسى ئۇدا چۈشكەندىن كېيىن، تۆۋەن ئورۇندا سودا پۈتۈشۈش مىقدارى كۆپىيىپ، پاي باھاسى مۇقىم بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئادەتتىكى پۈتۈشۈش مىقدارىدىكى مۇسبەت تۈۋرۈك سىزىقى مەنپىي تۈۋرۈكتىن كۆرۈنەرلىك كۆپ بولىدۇ، كۆپىنچە قىزىل توم، يېشىل ئىنچىكە كۆرۈلىدۇ، بۇ تۆۋەن قىسىمدا ئۆرلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى توپلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاساسىي كۈچنىڭ مال كىرگۈزۈشتە ئوتتۇرا لىنىيەدىن مۇسبەت سىگىنالغا يۆتكەلگەنلىكىنى، پاي چېكىنى مۇۋاپىق سېتىۋېلىپ پاينى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆرلەشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بەزىدە ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە «مىقدارى كۆپىيىپ، باھا تەڭلىشىش» كۆرۈلىدۇ، بۇ پاي باھاسى ئۆرلىشىنىڭ ۋاقتىنچە توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقى، پەقەت ئۆرلەش يۈزلىنىشى بۇزۇلمىسىلا، ئادەتتە رەتلەنگەندىن كېيىن يەنىلا يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
2. مىقدارى كۆپىيىپ باھا ئۆرلەش، سېتىۋېلىش سىگنالى:
سوداپۈتۈشۈش مىقدارى سىجىل ئېشىپ، پاي باھاسى يۈزلىنىشىمۇ ئۆرلەشكە يۆتكىلىدۇ، بۇ ئوتتۇرا، قىسقا لىنىيەدىكى ئەڭ ياخشى سېتىۋېلىش سىگنالىدۇر. بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆپ تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئەندىزىسى، مەبلەغ سالغۇچىلار ئاكتىپلىق بىلەن مەيدانغا كىرىپ دوكار بىلەن بىللە سەپداش بولۇشى كېرەك.
3. مىقدارى تەڭلىشىش باھا ئۆرلەش، داۋاملىق سېتىۋېلىش:
سودا پۈتۈشۈش مىقدارى تەڭ مىقدارلىق ھالەتنى ساقلىسا، پاي باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، مۇشۇ مەزگىلدە مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردا قاتناشسا بولىدۇ.
4. مىقدارى كېمىيىپ باھا ئۆرلەش، داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش:
سودا پۈتۈشۈش مىقدارى كېمىيىپ، پاي باھاسى داۋاملىق ئۆرلىسە، پاي چېكىنى داۋاملىق ئىلكىدە تۇتسا بولىدۇ، بۇ باسقۇچقا ئەگەر قاتناشماقچى بولسا، پەقەت كىچىك مەبلەغ بىلەن قىسقا لىنىيەدە قاتناشسا بولىدۇ، چۈنكى پاي باھاسى خېلى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئۆسۈشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە ئاز قالغان بولىدۇ. بازار خەۋپ-خەتەرنى يېتىلدۈرىۋاتقان بولىدۇ، بىراق بەزىدە ئۆسۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ «مىقدارى كېمىيىپ باھا ئۆرلەش» ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ۋاقىتلىق بولۇشى مۇمكىن، سودا مىقدارىنى تولۇقلىغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆرلەش بوشلۇقى بولىدۇ.
5. مىقدارى كېمىيىپ، باھا تەڭلىشىش، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى:
سودا پۈتۈشۈش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، پاي باھاسى ئۇزۇن مۇددەت چوڭ نىسبەتتە ئۆرلىگەندىن كېيىن، توغرا يۆنىلىشتە رەتلىنىپ قايتا ئۆرلىمىگەن بولسا بۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر. بۇ باسقۇچتا ئەگەر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زور مىقدار چوڭ مۇسبەت چوڭ مەنپىي سىزىقنى كۆتۈرمىسىلا، مەيلى پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئۇچۇر بولسۇن كەسكىنلىك بىلەن سېتىۋېتىش كېرەك.
6. مىقدارى كېمىيىپ باھا چۈشۈش، سېتىش سىگنالى:
سودا پۈتۈشۈش مىقدارى داۋاملىق ئازىيىپ، پاي باھاسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولسا، بۇ سېتىش سېگنالى بولۇپ، چەكسىز تۆۋەنلەپ، تۆۋەن قىسمى بەلكىم ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئۆسۈشكە ئالغان تەرەپ ھالاك بولمىغىچە چۈشۈش توختىمايدۇ، ئۆسۈشكە ئالغان تەرەپ ئىشەنچىنى يوقىتىپ زىياننى ئېتىراپ قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنگە قەدەر داۋاملىق چۈشىدۇ، مەشغۇلات جەھەتتە يۈزلىنىش پەقەت ئەكسىگە قايتسىلا، مەبلەغ سالغۇچى زىياننى ۋاقتىدا توختىتىپ چېكىنىشى كېرەك.
7. مىقدارى تەڭلىشىپ باھا چۈشۈش، داۋاملىق سېتىش:
سودا پۈتۈشۈش مىقدارى تەڭپۇڭلىشىشقا يۈزلىنىپ، پاي باھاسى تېز چۈشۈپ كەتسە، مەبلەغ سالغۇچى بۇ باسقۇچتا داۋاملىق بەرداشلىق بېرىش ۋە بالدۇرراق سېتىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك، سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
8. مىقدارى كۆپىيىپ باھا چۈشۈش، ئامبارنى تازىلاپ كۆزىتىش:
پاي باھاسى ئۇزاق مۇددەت چوڭ نىسبەتتە چۈشكەندىن كېيىن، پۈتۈشۈش مىقدارى ئاشقان بولسىمۇ، شۇنداقتىمۇ پاي باھاسى يەنىلا چۈشىۋاتقان بولسا، ئىنتايىن ئالاقزادىلىك بىلەن «چۈشۈپ كېتىش»كە قارىتا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. شۇڭا، بۇ باسقۇچتىكى مەشغۇلات پىرىنسىپى ئامبارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىش، قۇرۇق ئىسكىلاتقا قاراپ تۇرۇش بولىدۇ، تۆۋەن باھا رايونىدىكى ئېشىش مىقدارى مەبلەغ قوبۇل قىلىشنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە تۆۋەن ئورۇندا قاڭقىش پەيدا بولۇشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، مۇۋاپىق كۆزىتىشكە بولىدۇ، بەزىدە ئەگەر يۈزلىنىش چۈشۈش يۈزلىنىشىگە تەتۈر يۆتكەلگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە «مىقدارى كۆپىيىپ باھا چۈشۈش» ئەھۋالى كۆرۈلسە، مەبلەغ سالغۇچى كەسكىنلىك بىلەن ئامبارنى تازىلاپ چېكىنىشى كېرەك.
پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى
1. پۈتۈشۈش مىقدارى پاي باھاسىنىڭ باشلامچى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، مىقدار كۆپەيگەندە، پاي باھاسى ھامان ئەگىشىدۇ، باھا ئۆرلىسىمۇ مىقدار كۆپەيمىگەندە، باھا ھامان چۈشۈپ كېتىدۇ.
2. باھا شەكلىنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى پۈتۈشكەن مىقدارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىشى كېرەك.
3. بىر دولقۇن بۆلىكىدىكى ئۆرلەشتە، پاي باھاسى ئېشىپ بېرىۋاتقان سودا پۈتۈشۈش مىقدارىغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ، ئالدىنقى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى دولقۇننى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېڭى يۇقىرى باھا يارىتىپ، داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، لېكىن بۇ دولقۇن بۆلىكىدىكى پاي باھاسىنىڭ ئۆرلەشتىكى بىر قانچە سودا پۈتۈشۈش سەۋىيەسى ئالدىنقى بىر دولقۇن بۆلىكىدىكى ئۆرلەش سودا پۈتۈشۈش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولسا، بۇ قېتىملىق باھانىڭ ئۆسۈشىدە سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ئاساسى كەمچىل بولۇپ، تەتۈر ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار بولىدۇ.
4. بىر دولقۇن بۆلىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە، تۆۋەن چەك شەكىللەنگەندىن كېيىن، پاي باھاسى قايتا ئۆرلەپ، سودا پۈتۈشۈش مىقدارى پاي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن كۆپەيمىسە، پاي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئارقىدىن ئالدىنقى قېتىملىق تۆۋەن نۇقتا ئەتىراپىغىچە قايتا چۈشۈپ كېتىدۇ ياكى تۆۋەن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئىككىنچى تۆۋەن نۇقتىدىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارى بىرىنچى تۆۋەن نۇقتىدىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارىدىن تۆۋەن بولغاندا، پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈش سىگىنالى بولىدۇ.
5. پاي باھاسى چۈشۈپ، پاي باھاسىنىڭ ھالەت يۈزلىنىش سىزىقى ياكى يۆتكىلىش ئوتتۇرىچە سىزىقىغا چۈشۈپ كەتسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زور مىقداردىكى پۈتۈشۈش مىقدارى پەيدا بولسا، بۇ پاي باھاسى چۈشۈشنىڭ سىگنالى بولۇپ، تەتۈر ئايلىنىش سىگنالىنىڭ سودا پۈتۈشۈش مىقدارىغا ئېرىشىشىنىڭ ئىسپاتلىنىشى تەكىتلىنىدۇ.
6. پاي باھاسى بىر مەزگىل چۈشۈپ، ئالاقزادىلىك بىلەن سېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىۋاتقان سودا پۈتۈشۈش مىقدارىغا ئەگىشىپ، پاي باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتسە، ئالاقزادىلىك بىلەن سېتىش داۋاملاشقاندىن كېيىن، مۆلچەردىكى پاي باھاسى ئۆرلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقزادىلىك بىلەن سېتىش ياراتقان يېڭى تۆۋەن نۇقتا ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چۈشۈشنى بۇزىشى مۇمكىن ئەمەس، ئالاقزادىلىك بىلەن زور مىقداردا سېتىلغاندىن كېيىن، دائىم تۆكمە قىلىپ سېتىش بازىرى ئاخىرلىشىدۇ.
7. پاي باھاسى ئۇدا چۈشكەندىن كېيىن، تۆۋەن ئورۇندا چوڭ سودا پۈتۈشۈش مىقدارى كۆرۈلسە، ئەمما پاي باھاسى يەنىلا چۈشمەي، باھا ئازراق داۋالغۇسا، مەبلەغ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، پاي باھاسىنىڭ چۈشۈشتىن توختاپ ئۆرلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مەنبە: كۈنجۈت ئاكسىيە تەھلىل گۇرۇپپىسى
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0