搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئامېرىكا ئۆسۈم قوشسا، ياۋروپا، ياپونىيە ئۆسۈم قوشامدۇ؟
>
ئامېرىكا ئۆسۈم قوشسا، ياۋروپا، ياپونىيە ئۆسۈم قوشامدۇ؟
Nepkar
2022-03-18
1
导读:رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىغا قارايدىغان بولساق، ئۆسۈم قوشامدۇ-يوق، بۇ بىر سوئال بەلگىسىدۇر.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 16-مارت، يەنى بۈگۈن سەھەردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭغا قانچىلىك قوشۇلدى؟ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى 25 ئاساسىي نۇقتىغا ئۆستۈرۈلسە، % 0.25 ئۆسۈم قوشۇلىدۇ. بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىنى ئېچىشىدۇر، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى دەل ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي بانكىسى. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۆسۈم قوشىدۇ؟ ياۋروپا ياپونىيە، مەركىزىي بانكىسى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆسۈم قوشامدۇ؟
1. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۆسۈم قوشىدۇ؟
2020-يىلى يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئامېرىكا نۆل ئۆسۈملۈك مىقدارلاشتۇرۇلغان كەڭ پۇل سىياسىتىنى قوللاندى، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى سۇ قويۇپ بەردى، يەنە مالىيە سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھۆكۈمەت ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ خەلققە پۇل تارقاتتى. ئاھالىلەر پۇل خەجلەپ ئىستېمال قىلىدىغان بولدى، كارخانىلار نۆل ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىغا مەبلەغ سالىدىغان بولدى، ئامېرىكا ئىقتىسادى كۈچىيىشكە باشلىدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.8 كە تۆۋەنلىدى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %7.9 كە يەتتى، چۈنكى ئومۇمىي ئېھتىياج بەك كۈچلۈك، لېكىن ئومۇمىي تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس، ھازىر نۆل ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسىگە ماس كەلمەيدۇ.
ئىقتىسادتا قىزىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتمەكچى.
ھازىرقى %7.9 پۇل پاخاللىقى نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا %2.25 ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى تاللىسىلا مۇۋاپىق بولىدۇ. لېكىن چوقۇم بىراقلا بۇ سەۋىيەدە قوشۇشقا بولمايدۇ. تەدرىجىي ھالدا ئۆسۈم قوشۇپ مۇۋاپىق سەۋىيەگە يېتىش كېرەك. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بۇ قېتىمقى ئۆسۈم قوشۇش ئۆتكەن 20 يىلدىكى ئەھۋالغا ئوخشىمايدۇ، ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقىنىڭ %2 لىك نىشانغا يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەيتتى، ھازىر پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ، %8~%7 لىك سەۋىيەگە يەتتى، ئۆسۈم قوشمىسا بولمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاران %0.25 ئۆسۈم قوشىدۇ؟ ئەگەر رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بولمىغان بولسا، ئامېرىكا بۇ قېتىم %0.5 ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ھازىر ئۇنداق بولمىدى، چۈنكى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يۈزلىنىشى قانداق بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىل ئاساسەن قېلىپ قالغان ئالتە قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشنىڭ ھەممىسى 25 ئاساسىي نۇقتىغا ئۆرلەيدۇ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بازاردا كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈندۇر.
ئۆسۈم قوشۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
شەخسلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ئامانەت قەرز ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلىسە، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلىسە، شەخسىي ئىستېمالغا ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. لېكىن ئۆسۈم ئۆستۈرۈلمىسە، پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، سىز بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەن تاپسىڭىز، لېكىن سىزگە دەپ قوياي، بۇ يىل پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %10، بىر پۇڭمۇ پۇل تاپالمىغانغا باراۋەر، قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ كۇرسى %10 چۈشتى دېگەنلىك. سىز تاپقان پۇلنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭىز دېگەنلىكتۇر. ئەگەر ئامانەت پۇلىڭىز بولسا، %10 زىيان تارتىسىز. ئۆسۈم قوشۇش يەنە پاي چېكى بازىرى، زايوم بازىرى، كۆپ مىقدارلىق خام ئەشيا-ماتېرىيال قاتارلىق بازارلارغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ قېتىم داۋالغۇش بولمايدۇ، چۈنكى بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش خەۋىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ھەزىم قىلدى.
ئىككىنچى، ياۋروپا ۋە ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم قوشامدۇ؟
1. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى
كۆپچىلىك رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپاغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، ئېنېرگىيە باھاسى ئۆرلەيدۇ، دەپ قارىدى، ئۇلار پۇل سىياسىتىدە چوقۇم بىر قەدەر ئېھتىياتچان بولىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىلگەن پۇل پىلانىدىن چېكىنىپ چىقتى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن.
تەھلىل قىلىپ باقايلى، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمايدىغان نۇقتىسى قەيەردە؟
ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىشىش بېسىمى چوڭ. يۇقۇم ئەھۋالى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولدى، ئامېرىكىنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىلى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، بۇلتۇر باھاسى %40 ئۆرلىدى، ئېنېرگىيە جەھەتتە، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇلازىمەت كەسپى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ چوڭ مەسىلە. ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ، مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدە ئۈچ سەۋەب بار، بىرىنچى، مائاشنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېز، ئەمگەك كۈچى كەمچىل، ئىككىنچى، ئۆي مۈلۈك قىزغىنلىقى، ئۆي ئىجارىسىنىڭ تېز ئۆسۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. مائاش قىممەت، ئۆي ئىجارىسى قىممەت بولسا پۇل قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ قېتىمقى پۇل پاخاللىقى بېسىمى زور ھەم كەڭ، تاماق پۇلى، ماي پۇلى قىممەت. مەسىلەن، ھېچكىم پورتقا بېرىپ مال چۈشۈرۈشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بېنزىن ھەققى بەك قىممەت، بىر قېتىم بېرىش ئىش كۆتۈرمەيدۇ، تاماقخانىغا بېرىپ ئىشلەشنىمۇ خالىمايدۇ، چۈنكى ئىش ھەققى بەك ئاز، قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ بىلەن مائاش ئۆسىدۇ، پۇل پاخاللىشىش مۆلچەرى يۇقىرى بولىدۇ، مائاش قايتا ئۆسىدۇ.
مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن بالدۇر، ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. لېكىن ياۋروپانىڭ مائاشى ئامېرىكىنىڭكىدەك تېز ئۆسمىدى، ئومۇمىي مائاش بېسىمى چوڭ ئەمەس، شۇڭا ياۋروپا ئۆسۈم قوشۇش سىياسىتىدىن ئەمەس، بەلكى قويۇۋېتىلگەن سىياسەتتىن چېكىنىپ چىقتى. ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چۈنكى ئەنگىلىيەنىڭ 1-ئايدا پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %5.5 بولغان.
2. ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى
ئۇنىڭ ئۆسۈم قوشۇش بوشلۇقى يوق. نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ ياپونىيەدىمۇ %2 پۇل پاخاللىقى نىشانى بار، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن بۇ نىشانغا يېتىپ باقمىغان. ياپونىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى بېسىمى ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ياپونىيەدە ئۇزۇن ۋاقىت پۇل قىسلىق ئەھۋالى بولۇپ، خەلقنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان مۆلچەرى تۆۋەن. ياپونىيەدە ھەر يىلى پۇل پاخاللىقىدا باھا تەڭشەلمەيدۇ. ياپونىيەدە ئەگەر قايسى سودىگەر باھانى ئۆستۈرمەكچى بولسا، ياپونىيە خەلقىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك. 2014-يىلى سودىگەرلەر باھانى ئۆستۈرۈپ، ياپونلار باھاسى سەل ناچار تاۋارلارنى سېتىۋالغان. چۈنكى ياپونلۇقلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆسمىسە، خەلق مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. شۇڭا، ياپونىيەنىڭ مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر كىچىك.
ياپونىيە يەنە بىر تاۋار ئىمپورت چوڭ دۆلىتى، ئەگەر ئېنېرگىيە باھاسى ئىزچىل يۇقىرى ئورۇندا تۇرسا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئىمپورت ماللىرىنىڭ پۇل پاخاللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە %2 تىن ئېشىپ كېتىدۇ. ھازىر ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېقىلغۇ ماي تولۇقلىمىسىدىن پايدىلىنىپ، باھانى كونترول قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنى ئاشۇرماقچى، بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدىسىز.
ئەمدى رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىغا قارايدىغان بولساق، ئۆسۈم قوشامدۇ-يوق، بۇ بىر سوئال بەلگىسىدۇر. 3-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم ئۆستۈرگەنلىكى ئۈچۈن، رۇسىيە ئۆسۈم نىسبىتى% 20 كە يەتتى.
ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىگە باراۋەر بولۇپ، ئۆسۈم قوشمايدىغان دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتى نىسپىي ھالدا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ئۆسۈم ئۆستۈرۈلمىسە، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرىدۇ. لېكىن ئۆسۈم قوشۇش ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىسىز، چۈنكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى يەنىلا ياخشى ئەمەس، ئۆسۈم قوشۇلغان ھامان شەخسلەر ۋە كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل تەننەرخى ئېشىپ كېتىدۇ. قىسقىسى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى ئۈچۈن قىيىن تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئۆسۈم قوشۇشقا ئەگىشەمدۇق ياكى ئۆسۈم قوشمايمىزمۇ؟ بەزىلەر مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى چۈشكۈرسە، پۈتۈن دۇنيادا يامغۇر ياغىدۇ. سىزنىڭچىچۇ؟
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0