搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بۇ يىل 2 تىرىليون 500 مىليارد باج كېمەيتىلىپ باج قايتۇرۇلىدۇ!
>
بۇ يىل 2 تىرىليون 500 مىليارد باج كېمەيتىلىپ باج قايتۇرۇلىدۇ!
Nepkar
2022-03-07
1
导读:كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلىغاندا، ئەمەلىي چىقىمدىن يۇقىرى سومما بويىچە ھېسابلاشقا بولىدۇ.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2022-يىلى پۈتۈن يىلدا تەخمىنەن 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باجنى كېمەيتىپ، باج قايتۇرۇش مۆلچەرلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ قېلىنىدىغان باج قايتۇرۇش سوممىسى تەخمىنەن 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، باج قايتۇرۇش مەبلىغىنىڭ ھەممىسى كارخانىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «ئالاھىدە: باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ كونكرېت مەنىسى نېمە؟ يەنە قانداق سىگنال قويۇپ بەردى؟
تۆۋەندە بۇنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.
ئالدى بىلەن بۇ يىل تەخمىنەن 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باج ئازايتىلىپ، بۇلتۇرقىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇلتۇر تەخمىنەن 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن باج كېمەيتىلگەن، جۇڭگو يېقىندىن بۇيان ھەر يىلى بۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ قېتىم بىۋاسىتە كارخانا قاتلىمىغا كىردى. بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، كارخانىلارنىڭ باج سىياسىتىنى قوللاشنىڭ ئىقتىسادنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىككىنچى، باج كېمەيتىش بىلەن باج قايتۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئىلگىرى ئاساسەن پەقەت باج كېمەيتىلەتتى، ھازىر كېمەيتىپلا قالماي يەنە قايتۇرۇلىدۇ. باجنى كېمەيتىشتە ئالدى بىلەن باج بولۇشى كېرەك، يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبلىك نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ پايدىسى يوق، باج تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، باج كېمەيتىش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، بۇ دەل ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن باجنى كېمەيتىۋەتكەنلىكىدىن بولغان، لېكىن كارخانىلار يەنىلا ھېس قىلالمىغان، بۇ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولماسلىقنىڭ سەۋەبى. باج قايتۇرۇش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، بەزى كارخانىلارنىڭ ھازىر پايدىسى يوق، لېكىن ئىلگىرى يەنە ساقلانما مىقدارى بار ئىدى، بۇ قېتىم بۇ ساقلانما باج سوممىسىنى توغرىلاپ باج قايتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ نەق پۇل ئوبوروتى بېسىمىنى يېنىكلىتىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا: قوشۇلما قىممەت بېجى تۇتۇپ قېلىنغان باج سوممىسىنىڭ باج قايتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، سوممىسى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، باج كېمەيتىش كۆلىمىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
ئاۋۋال چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، قوشۇلما قىممەت بېجى دېگەن نېمە؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنىڭ باج سوممىسى سېتىلغان تۈرلەرنىڭ باج سوممىسىدىن كۆپ بولغاندا، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج سوممىسى بارلىققا كېلىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى مال، شەكىلسىز مۈلۈك ياكى كۆچمەس مۈلۈك قاتارلىقلارنى سېتىۋالغاندا تاپشۇرىدىغان قوشۇلما قىممەت باج سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ.
سېتىش تۈرى بېجى بولسا، سېتىش ۋاقتىدا ئېلىنغان قوشۇلما قىممەت بېجى سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج سوممىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، مەركەزلەشتۈرۈپ مەبلەغ سېلىش، مال ئىشلەپچىقىرىش دەۋرى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇش قاتارلىقلار.
ئىلگىرىكى قائىدە بويىچە، بۇ بىر قىسىم توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى كېيىنكى باج تاپشۇرۇش مۆھلىتىدە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە ئىشلىتىشكە بولاتتى. ئەگەر كېيىنكى قەرەلدە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپمۇ تۈگەتكىلى بولمىسا، تاكى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىپ بولغانغا قەدەر كەينىگە سۈرۈشكە بولاتتى. لېكىن، بۇ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مەبلىغىنىڭ ئىگىلىنىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ قېتىم ۋاقتىدا باج قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۇتۇپ قېلىنغان باج پۇلىنى ھەل قىلىش، بولۇپمۇ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولغان كارخانىلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ پاراۋانلىق.
يۇقىرىقى تەدبىرلەردىن كىم ئەڭ زور نەپكە ئېرىشىدۇ؟
ئۇ مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: كەڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ياسىمىچىلىق ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلىرى.
ئېلىمىزدىكى %90 بازار سۇبيېكتىنىڭ ھەممىسى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چېتىلىدۇ. يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئېلىمىز بازار سۇبيېكتلىرى ئىچىدە سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر 100 مىليوندىن ئېشىپ، بازار سۇبيېكتى ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزدىكى 276 مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، لېكىن بۇ كارخانىلارنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، تەرەققىياتى ئاسانلا سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق تېخىمۇ زور.
شۇڭا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بازارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە بولغان ئەمەلىي باج نىسبىتى %10 بولغان، بۇ قېتىم يەنە يېرىمى كېمەيتىلىپ، ئەمەلىي باج نىسبىتى %5 كە چۈشۈرۈلگەن. بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بۇرۇنقى %20 لىك كارخانا تاپاۋەت بېجى نىسبىتىدىن تۆۋەن.
ياسىمىچىلىقنى يۆلەش ئاساسلىقى باج قايتۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ، ياسىمىچىلىق دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى، ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۆسكەندىلا، خەلق ئىگىلىكىنىڭ باشقا ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى پۇختا ماددىي، تېخنىكا ئاساسى كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش، دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش نىسبىتى %75 تىن %100 كە ئۆستۈرۈلىدۇ، دېيىلىۋاتقان قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىشنى ئاددىي چۈشەندۈرسەك ئەمەلىي چىقىم سوممىسىدۇر.
كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلىغاندا، ئەمەلىي چىقىمدىن يۇقىرى سومما بويىچە ھېسابلاشقا بولىدۇ. مىسال ئالساق، بىر كارخانىنىڭ كىرىمى 10 مىليون يۈەن، تەننەرخى 5 مىليون يۈەن، شۇ يىللىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى 1 مىليون يۈەن، باشقا ئەھۋاللارنى ئويلاشمىساق، ئەگەر قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتى بولمىسا، ئۇلارنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 1000-500-100=4 مىليون يۈەن بولىدۇ. يېڭى سىياسەتتىن كېيىن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 1000-500-100-100*100%=3 مىليون يۈەن بولىدۇ. بىۋاسىتە بىر مىليون يۈەن باجنى ئاز تاپشۇرغاندا، كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىنى يەنىمۇ يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، بۇ مەركەزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت يۆنىلىشىنى نامايان قىلىدۇ.
بۇ ئۈچ چوڭ سۇبيېكت دۆلىتىمىز سىياسىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋە يىراق كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە ياسىمىچىلىقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ ھازىرقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يەنىلا ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تايىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بۇ يىلقى ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى يېڭى بىرىكمە باج ياردەم سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. بۇ يىل باجنىڭ كېمەيتىپلا قالماي يەنە باج قايتۇرۇلۇشى پايدا ئېلىش سۇبيېكتىدىن قارىغاندا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ياسىمىچىلىق، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باج كېمەيتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدۇر.
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408