بىر ھۆنەرۋەن ياشنىڭ ئارزۇسى
مەزكۇر يازما پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىلدى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا بىر تورداش ئىنىمىز شۆ جاۋفېڭنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابىنىڭ تەرجىمىسىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇش ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ قالدى، مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئازراق سۈرۈشتۈرگەنمۇ بولدۇم، ئۆزىنى «يەكەندىن، ھازىر ناۋايلىق كەسپىنى ئۆگىنىۋاتىمەن، بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم.» دەپ تونۇشتۇردى.
بۇ ئىنىمىز بىلەن ئازراق پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، تىرىشچان، ئىرادىلىك، ئۈمىدۋار ياش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ غايىسى ناۋايلىق كەسپىنى ياخشى ئۆگۈنۈپ كەلگۈسىدە «ئابلاجان نانلىرى»، «نانبەگ نانلىرى»غا ئوخشاش مەخسۇس مۇشۇ نانچىلىق ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ، كۆڭلۈمدە گەپلىرىنى ئاڭلاپ نىيەتلىرىڭىز بالدۇرراق رىئاللىققا ئايلانغۇسى دەپ ئاپېرىن ئوقۇدۇم.
ئەمما راستىنى دېگەندە بۇ ئىنىمىزنىڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقالىشىغا ئانچە ئىشەنچ قىلمىغان ئىدىم (چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە ناۋايلار، بولۇپمۇ ھۆنەر ئۆگىنىۋاتقان شاگىرت بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغۇدەك ۋاقتى چىقمايتتى.) شۇڭا ئۇنىڭغا كىتابنى سېتىۋېلىشنى بەكمۇ تەشەببۇس قىلىپ كەتمىدىم، ئەمما ئۇ بۇ كىتابنى چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، تولۇق ھەزىم قىلىشقا ئىرادە قىلغانلىقىنى، كىتابنى چوقۇم سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئەگەر ئوقۇش جەريانىدا چۈشەنمىگەن جايلار بولسا سورىسا چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇمنى ئېيتتى. ئۇ دېمىسىمۇ، مەن ئىزچىل كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇش جەريانىدا چۈشەنمىگەن جايلار بولسا سورىغان ئوقۇرمەنلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن تاكى ئوقۇرمەن تولۇق چۈشەندىم دېگەنگە قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدىم.
بۇ ئىنىمىز ھەقىقەتەن كىتابنى سېتىۋالدى ھەمدە ئوقۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ ھە دەپ ئۆز ئىشىم بىلەن بولدۇم، بۇ ئىنىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە ھەزىم قىلىش ئەھۋالى بارا-بارا مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىشقا باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى چۈشەنمىگەن جايلار بولسا كىتابتىكى جۈملىلەرنى ماڭا يېزىپ قالدۇرۇپ، چۈشەنمىگەن جايلارنى سورايتتى، مەنمۇ ئۇنى ئۈمىدسىز قويماي ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ كېلىۋاتىمەن. ھازىر راستىنى دېسەم، ھەر كۈنى مەخسۇس شۇ ئىنىمىزغا ئۇ چۈشەنمىگەن جايلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش ماڭا ئادەت بولۇپمۇ قالدى. گەرچە بۇ چۈشەندۈرۈش جەريانى خېلى ۋاقىت ئالىدىغان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇ ئىنىمىزنىڭ قىزغىنلىقىدىن ھوزۇرلىناتتىم. بارا-بارا ئۇنىڭ سورىشى، مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىزدە بەلگىلىك ئىشەنچ مۇناسىۋىتى شەكىللەندى. ئۇ ھەر قېتىم دۆلەت ئورتاق تىلىنى شۇنداق ياخشى ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى ئېيتاتتى، مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن چۈشەنچە بېرىپ كېلىۋاتاتتىم.
كۈتۈلمىگەندە ئالدىنقى كۈنى ئۇ ئىنىمىز تويۇقسىز مەندىن دۆلەت ئورتاق تىلىدا دەرس ئۆتۈپ بەرسىڭىز بولمامدۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. قانداق دەيسىز؟ دەپ سورىسام، سىز مەيلى بۇ كىتابتىكى مەزمۇن بولسۇن ياكى دۆلەت ئورتاق تىلى توغرىسىدىكى سوئاللىرىم بولسۇن بەك ياخشى چۈشەندۈرىدىكەنسىز، سىزدىن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەنسەم بەك ئۈنۈملۈك ئۆگىنەلەيدىكەنمەن، شۇڭا دۆلەت ئورتاق تىلىدىن دەرس ئۆتسىڭىز، مەن دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش ئارزۇيۇمنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بولاتتىم دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى.
راستىنى دېگەندە، مەن ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئويلانغان ھەم ئىزدەنگەن ئىدىم، چۈنكى مېنىڭ ھازىرغىچە 15 يىلغا يېقىن تەرجىمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۈزلۈكسىز كىتاب ئوقۇش، دۆلەت ئورتاق تىلى ھەققىدە ئىزدىنىشلىرىم ئاساسىدا ھازىر دۆلەت ئورتاق تىلىنى قانداق ئۆگىنىش ھەققىدە بەزىبىر تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ئىدىم.
ئەمما ھازىر توردا دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆتۈۋاتقان مۇئەللىملەر خېلى بولغاچقا، بۇ جەھەتتە سىغدىنىپ يۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. مەن ئۇ ئىنىمىزغا ئاشۇ مۇئەللىملەرنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلاشنى ئېيتقان ئىدىم، ئۇ ئاساسەن ھەممە مۇئەللىملەرنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگىنىپ باققانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تىل ئىچىگە تازا تارتىپ ئەكىرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بەزى گەپلىرىدىن ئۈزۈندە بېرىلدى:
سىزنىڭ ئۆزگىچە دۆلەت تىلى ئۆگىتىش ماھارىتىڭىز ئارقىلىق، مەندەك دۆلەت تىلى ئۈگىنىش ئىستىكى ئىنتايىن يۇقىرى ئۈگەنگۈچىلەر، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈۋالسۇن.
دېگىنىڭىزدەك ھازىر دۆلەت تىلىنى، ئۈگەتكۈچىلەر ئىنتايىن كۆپ، ئەڭ مۇھىمى، دۆلەت تىلى ئۆگەنگۈچى، ئەلۋەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك قىزىقىشى بىلەن دۆلەت تىلى ئۈگىنىشكە قاتنىشىدۇ، لېكىن دۆلەت تىلى ئۈگەتكۈچى مۇئەللىملەرنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىتىش جەھەتتىن يېڭىلىق ماھارەتلىرى يوق.
دۆلەت تىلى ئۈگىنىشمۇ، ھۈنەر كەسىپ ئۈگەنگەنگە ئوخشاش، يەنى، ئۈگەنگۈچى بولغان ئادەمنى، دۆلەت تىلىنى راۋرۇس ئۈگىنىشكە، تىل ئۆگىنىشنىڭ ئاخىرى جەلىپ قىلارلىق، قىزقارلىق ھالەتتە بولسا، ئۈگەنگۈچى تېخىمۇ قىزقارلىق ھالەتتە ئۈگەنسە، مۇشۇ سەۋەبلەردىن، يەنە كېلىپ سىز تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىپسىز، دۆلەت تىلىنى ئۆگىتىش جەھەتتىن خېلى تەجىربىڭىز بار، خۇددى بىر كىتاب ئوقۇپ، كىتابتا سۆزلەنگەن بىرەر ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى تېخىمۇ بەك ئوقۇغۇسى كەلگەندەك، سىز مۇشۇنداق ھالەتتە، ئەڭ تېز، ئەڭ سۈپەتلىك ھالەتتە ئۈگەتكەچكە، سىزنى تاللىدىم.

مەن بۇ ئىنىمىزنىڭ قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەنگەن ئىدىم، ئۇنىڭغا دەرس سۆزلەپ بېرىشنى كۆڭلۈمدىن خالىغان بولساممۇ ئەمما ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆتۈش ئۈچۈن مەن چوقۇم كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشىم، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، شۇ ئۆگەنگۈچىنىڭ ئۆگىنىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك ئىدى. شۇڭا مەن بىرلا ئادەمگە دەرس سۆزلەپ بەرسەم، بۇنىڭ ئىش كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى چىرايلىقچە رەت قىلغان بولساممۇ، ئەمما ئۇ زادى قانداق قىلسا مېنىڭ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقىمنى سوراپ چىڭ تۇرىۋالدى. مەن ئەگەر ئۆگىنىدىغان ئادەم سانى 10 غا توشسا مەن دەرس ئۆتۈپ بېرەي دېدىم.
ئەلۋەتتە، ھەر بىرىمىزنىڭ ئائىلىسى، تۇرمۇشى بار، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلىك ئىگە قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىقتىساد كېرەك. شۇڭا مېنىڭ خىيالىمدا ئەگەر ئادەم سانى 10 غا توشسا ھەمدە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئايدا 500 يۈەن ئوقۇش پۇلى تۆلەشكە رازى بولسا، مەن بۇ دەرسنى ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆتۈپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ھازىر بۇ ئىنىمىز ئۆزىگە ئوخشاش دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلاردىن بىر نەچچىنى تاپقانلىقىنى، ئەمما تېخى سانغا توشمىغانلىقىنى، شۇڭا مېنىڭ سالوننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئېلان يوللاپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرغان بولغاچقا، مەزكۇر يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
شۇڭا مەزكۇر يازما تامامەن ئاشۇ ئىنىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىلدى، ئەگەر سىزدىمۇ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىپ، دۇنياغا يۈزلىنىش ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىڭىزغا ئېلىش ئىستىكىڭىز بولسا خالىسىڭىز سىزمۇ بۇ سەپكە قېتىلسىڭىز، ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز تېزلا روياپقا چىقىپ قالغۇسى، ئەگەر سىزدە بۇنداق ئېھتىياج بولمىسا، مەزكۇر يازمىنى ئەتراپىڭىزدا مۇشۇ جەھەتتە ئېھتىياجى بارلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىز، بەلكىم مۇشۇ كىچىككىنە ئىش ھەرىكىتىڭىزدىن نۇرغۇن قەلبلەر سۆيۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەمدى ئەگەر دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش ئىستىكى بارلار سانى 10 غا توشۇپ قالسا، دەرسنى قانداق ئۆتۈش ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىۋېتەي.
دەرس پۈتۈنلەر توردا سۆزلىنىدۇ.
سىنلىق، بىۋاسىتە كۆسىتىپ سۆزلەش، بىرگە بىر يېتەكلەش شەكىللىرىدە بولىدۇ.
ئاددىي خەتتىن باشلاپ تەدرىجى چوڭقۇرلاپ كىرىش، خەتنى يىلتىز قىلىپ، سۆزلۈك ۋە جۈملىلەر ۋە ئاخىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقىچە بولغان بىلىم نۇقتىلىرىنى تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە چۈشەندۈرۈش ۋە ئادەتتە ئۆگەنگۈچىلەر سەل قارايدىغان ئىنچىكە نۇقتىلارنى بىرمۇ بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆگىتىش ئاساس قىلىنىدۇ.
ئەگەر دەرس ئۆگىنىشكە تىزىملىتىپ، 15 كۈنگىچە ئۆتۈش شەكلىنى ياقتۇرماسلىق، دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشكە كۆزى يەتمەي قالسا، پۇلى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئەگەر تىزىملاتقانلار سانى 10 غا توشماي قالسا، ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
بۇ يەردە ئوقۇش پۇلى بىر ۋاسىتە، ئەمما مېنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سىزنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى تېز، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىۋېلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىشىم مەقسەت، سىزنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۆز تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىز ئاخىرقى نىشاندۇر. سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سانغا چەك قويۇلىدۇ!
خالىسىڭىز، كېلىڭ، سىناپ بېقىڭ. بۇ يەرنى بېسىپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.
2022-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
ھەرقانداق چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ مەسىلھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر
