大数跨境

2021-يىللىق ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدىن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە نەزەر!

2021-يىللىق ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدىن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە نەزەر! Nepkar
2022-03-01
2
导读:مۇقىم ئېشىشنىڭ ئاساسلىق تۇتقىسى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
2-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى. 
بىرىنچى، 2021-يىلى جۇڭگونىڭ GDP سىنىڭ ئېشىشى پۈتۈن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، پۈتۈن دۇنيا GDP سىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %18 يۇقىرى بولغان، بۇ ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن %77.0 گە توغرا كېلىدۇ
2021-يىلى جۇڭگونىڭ GDP كۆلىمى 11 تىرىليون 440 مىليارد يۈەن (1 تىرىليون 770 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا يېتىپ، نامدا %12.8 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى؛ جۇڭگو، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا GDP سىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %18 ۋە %23 تىن ئاشتى. 2021-يىلى جۇڭگونىڭ ئەمەلىي GDP سى %8.1 ئاشتى، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە %5.1 ئاشتى؛ ئوخشاش مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ GDP سىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى %5.7، گېرمانىيەنىڭ %2.8، ئەنگلىيەنىڭ %7.5، ياپونىيەنىڭ %1.7 بولغان. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2021-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى %5.9 بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. 


جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۆلەم پەرقى تېز سۈرئەتتە كىچىكلەۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ 2021-يىلىدىكى GDP سى 23 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ GDP سى ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن %77 گە توغرا كېلىدۇ. 2000-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۆلەم پەرقى 9 تىرىليون 100 مىليارد دوللاردىن تېز سۈرئەتتە 5 تىرىليون دوللارغا قىسقاردى. 
جۇڭگونىڭ ئون يىل ئەتراپىدا بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار. ئەگەر كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.5 ئەتراپىدا ئېشىشنى ساقلىيالىسا، 2030-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي ئىقتىساد ئەندىزىسى ۋە ئىدارە قىلىش تېررىتورىيەسى يېڭى سەھىپىگە كىرىدۇ. 
ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى دەل جۇڭگودا:
جۇڭگودا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى (1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس) بار، يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى (400 مىليون كىشىلەر توپى) بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپى يەنە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ، دۆلەت دولقۇنى ئەۋج ئالىدۇ، يەرلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ شەھەرلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، جۇڭگو بەلگىسى خەلقئارا سەھنىگە، پەن-تېخنىكا ماركىسىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ؛ جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى (%64.7) تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن يەنىلا 10 نەچچە پىرسەنت يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، جۇڭگونىڭ ئەمگەك كۈچى بايلىقى 900 مىليونغا يېقىنلاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 700 مىليوندىن ئاشتى، ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 200 مىليون بولۇپ، 2021-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 10 مىليونغا يېتىدۇ، نوپۇس پايدىسى ئىختىساسلىقلار پايدىسى ۋە ئىنژېنېرلار پايدىسىغا يۈزلىنىدۇ؛ جۇڭگونىڭ يېڭى ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قىئات كارخانىلار سانى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. 
لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە: جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە؛ مۇھىم ئامىل قوزغىتىشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم قويماقتا؛ ئۆي-مۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇمشاق قونۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا؛ قېرىلىشىشقا تاقابىل تۇرۇش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە؛ جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتتە داۋالغۇش بولماقتا؛ يەر شارى پۇل پاخاللىقى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتمەكتە، ۋەھاكازالار. 


 
ئىككىنچى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ى 12600 ئامېرىكا دوللىرى، دۇنيا بانكىسى بېكىتكەن يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىنلاشتى 
2021-يىلى جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى 80 مىڭ 976 يۈەن بولۇپ، نامدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى %8.0؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GNI (خەلق ئومۇمىي كىرىمى) 80 مىڭ 243 يۈەن بولغان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 35 مىڭ 128 يۈەن (5446 ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9.1 ئاشقان؛ باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %8.1 ئاشقان؛ مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئوتتۇرىدىكى سانى 29 مىڭ 975 يۈەن بولۇپ، %8.8 ئاشقان. 
ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئېلىمىزنىڭ 2021-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى 12 مىڭ 600 ئامېرىكا دوللىرى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GNI سى 12 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 5446 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. جۇڭگو يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا مۇددەتتىن بۇرۇن يېقىنلاشتى. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GNI ئۆلچىمى 12 مىڭ 700 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ؛ لېكىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بوسۇغىسىدا يەنىلا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. 

ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىن قارىغاندا، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كاساتلىشىشقا دۇچ كەلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ياسىمىچىلىق يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى يېڭى دۆلەت دولقۇنى، يېڭى ئېنېرگىيە، گۈزەل تۇرمۇش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى ياراتتى 
كەسىپ جەھەتتە، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.3 ، %39.4 ۋە %53.3 بولۇپ، GDP نىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.7، %38.4 ۋە %54.9 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئۆزگىرىشتىن 3.7-، 4.9- ۋە 8.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، 2-كەسىپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېشىپ، 3-كەسىپنىڭ GDP غا قوشقان تۆھپە نىسبىتى يۇقىرى بولدى. 
ئاخىرقى ئېھتىياج جەھەتتە، ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمى، كاپىتالنىڭ شەكىللىنىش ئومۇمىي سوممىسى ۋە ساپ ئېكسپورتنىڭ GDP نىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %65.4، %13.7 ۋە %20.9 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئۆزگىرىشتىن %72.2، %67.8 ۋە %4.4 ئېشىپ، GDP نىڭ ئېشىشىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5.3، %1.1 ۋە %1.7 تۈرتكە بولغان. 


ئۈچ ئات ھارۋىسىدىن قارىغاندا، 2021-يىلى ئېكىسپورتتا ئەڭ كۈچلۈك بولغان، ئىستېمال يۇقۇم ئەھۋالى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەن، مەبلەغ سېلىش تۆۋەن بولغان. 


2021-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ سېلىنمىسى نامدىكى ئوخشاش مەزگىللىك ئېشىش نىسبىتى %4.9 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئىككى پىرسەنت ئاشقان؛ ئۆي-مۈلۈك ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش كۈچى ئاجىزلاپ، ياسىمىچىلىققا مەبلەغ سېلىش يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
(1) 2021-يىلى ئۆي-مۈلۈك مەبلەغ سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى %5.0 بولغان. ئۆي-مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئالدىدا يۇقىرى، كەينىدە تۆۋەن بولدى، ئاساسلىق سەۋەب ئۈچ قىزىل سىزىق، قەرز پۇلنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ قىسمەن شەھەرلەردىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئۆي-مۈلۈك بازىرى سىجىل تۆۋەنلىدى. 
(2) ئاساسىي قۇرۇلۇش (سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز) سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى %0.4 بولۇپ، 2020-يىلىدىكىدىن %3 تۆۋەنلىدى. 2021-يىلى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئاجىزلاشتى، يوشۇرۇن قەرزنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەسكىنلەشتى ھەم يەرلىك مالىيە جىددىيلەشتى، ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش تۆۋەنلىدى.
(3) ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى %13.5 بولۇپ، 2020-يىلىدىكىدىن %15.7  ئۆرلىگەن، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىن %8.6 يۇقىرى بولغان، ئاساسلىقى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق سەۋەبىدىن يۇقىرى ئېشىش ساقلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەلئارا مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى %7 بولۇپ، 2020-يىلىدىكىدىن %1 ئاشقان. 
2021-يىلى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 44 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى 12.5% بولۇپ، ئىككى يىللىق بىرىكمە ئېشىش نىسبىتى 3.9% بولدى. مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 13 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %14.1 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 10 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولۇپ، سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.0 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %24.5 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %0.4 تۆۋەنلىگەن. 
جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى بولۇپ، زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ياراتماقتا. 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس ۋە 400 مىليون ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپىنىڭ غايەت زور بازىرى ۋە كۆلەم ئېففېكتى (ياۋروپادا تەخمىنەن 740 مىليون ئادەم، ئامېرىكىدا تەخمىنەن 330 مىليون ئادەم، ياپونىيەدە تەخمىنەن 130 مىليون ئادەم بار، دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىرلىككە كەلگەن بازار مەۋجۇت) بار؛ تۇرالغۇ كەسپىدىن مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ساغلام، خۇشال سۈپەتلىك، گۈزەل تۇرمۇش سېتىۋېلىشقا يۈزلىنىش؛ 3-، 4- لىنىيەدىكى ئالاقە تورى پايدىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك توردا مال سېتىۋېلىش دولقۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭى دۆلەت دولقۇنى ياشلارنىڭ مودا ئېقىمىغا ئايلاندى؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شىددەتلىك ئېشىشنى ساقلىدى؛ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن كۈمۈش ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 

تۆتىنچى، كەسىپ قۇرۇلمىسى تېز ياخشىلاندى، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشقا باشلىدى 
2021-يىلى ئىشلەپچىقىرىش تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تېز ئاشتى. 2021-يىلى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممەت ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى %9.6 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرى، كۆن-خۇرۇم، ياغاچ ماتېرىياللىرى ۋە ئۆي جاھازلىرى ياسىمىچىلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8.5، %14.9، %8.6، %10.4 ۋە %12.2 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5، %20.9، %20.3، %11.3 ۋە %16.6 ئاشقان. 
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى كەسىپلەر تېز سۈرئەتتە ئاشتى. 2021-يىلى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %18.2 ، %12.9 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىن %8.6، %3.3 تېز بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %15.1، %32.4 بولدى؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 677 مىڭ، 359 مىليارد 430 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %152.5، %37.5 ئاشتى. پۈتۈن يىلدا يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ۋە %22.2 ئېشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياسىمىچىلىقنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسىدىن %3.5 ۋە %8.7 يۇقىرى بولدى. 


جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، قىسمەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلەتتى. 2021-يىلى پۈتۈن يىلدا 52 قېتىم ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، جۇرۇڭ ناملىق مارس ماشىنىسى مارسنىڭ سىرتقى يۈزىگە قوندى ۋە يادرولۇق بۆلۈمچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى، «خاسىيەتلىك كېمە-12»، « خاسىيەتلىك كېمە-13» قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇشى بىلەن، جۇڭگولۇقلار تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىردى. شىخې ناملىق تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. زۇ چۇڭجى 2-نومۇر، جىيۇجاڭ 2-نومۇرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئېلىمىز سۇپېر ئۆتكۈزۈشچان كىۋانت ۋە فوتوكىۋانتتىن ئىبارەت ئىككى خىل فىزىكىلىق سىستېمىدا كىۋانتلىق ھېسابلاش ئەۋزەللىكىنى ئىشقا ئاشۇردى. خەيدۇ 1-نومۇرلۇق چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكتۈرۈلگەن ئادەمسىز چۆككۈ كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. خۇالوڭ 1-نومۇرلۇق مۇستەقىل ئۈچىنچى ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر گېنراتورلار گۇرۇپپىسى سودىغا كىرىشتۈرۈلدى. 
2021-يىلى R&D خىراجەت چىقىمى 2 تىرىليون 786 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %14.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4 ئاشقان؛ تەتقىق قىلىپ ئېچىش چىقىمىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %2.44 بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) دۆلىتى (يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى)نىڭ %2.47 لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي تەتقىقات خىراجىتى 169 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15.6 ئېشىپ، ئىزچىل بىر قەدەر تېز ئېشىش ساقلاندى. يىل ئاخىرىغىچە، ئىجرا قىلىنىۋاتقان دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى 533 كە، دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسى 1287 گە يەتتى؛ بىر يىلدا 4 مىليون 601 مىڭ پارچە پاتېنت ھوقۇقى بېرىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %26.4 ئاشتى؛ ئۈنۈملۈك پاتېنت 15 مىليون 421 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتى 2 مىليون 704 مىڭ پارچە. ھەر 10 مىڭ نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان يۇقىرى قىممەتتىكى كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى مىقدارى 7.5 پارچە؛ پۈتۈن بىر يىلدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش سوممىسى 7 مىليون 739 مىڭ پارچىگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %34.3 ئاشتى؛ پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 670 مىڭ تۈرلۈك تېخنىكا توختامى ئىمزالاندى، تېخنىكا توختامىنىڭ پۈتۈشۈلگەن سوممىسى 3 تىرىليون 729 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %32.0 ئاشتى. 


«14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، 5-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش، سانائەت ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. 
يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش قىسقا مۇددەت مۇقىم ئېشىش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق، ئۇزاق مۇددەت يېڭى ئىقتىساد، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىش، قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ۋە ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈملۈك تەمىناتنى كېڭەيتىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىشتىكى مۇھىم تۇتقا، يۇقۇم ئەھۋالى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك چارە بولۇپ، مۇقىم ئېشىش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئەھمىيەتكە ئىگە. («جۇڭگونىڭ يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش تەتقىقات دوكلاتى 2022» 2022-يىلى 2-ئاي، «يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش باشلاندى» 2020-يىلى 1-ئايلىق ھۆججەتتىن پايدىلىنىلدى.) 
«يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش»نىڭ دەۋر تامغىسى بار، ئەگەر 20 يىل ئىلگىرىكى جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» تۆمۈر يول، تاشيول، كۆۋرۈك، ئايرودۇرۇم بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسى 20 يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولىدىغان «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش»: 
(1) پەن-تېخنىكا يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانلىق مەلۇمات مەركىزى، يېڭى ئېنېرگىيە، زەرەتلەش تۈۋرۈكى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىم، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 
(2) خەلق تۇرمۇشى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشى، بۇ مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نوپۇس قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 
(3) تۈزۈم يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشى، بۇ سېلىنما (资本) بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق تۈزۈم ئىسلاھاتى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

بەشىنچى، مالىيە سىياسىتىنىڭ ئالدى چىڭ، كەينى بوش بولۇپ، پۇل سىياسىتى ئازادە كۆزنەك ئاچتى 
2021-يىللىق ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو ئىقتىسادى 1-پەسىلدە چوققىغا چىقتى، ئارقىدىن مارگىنال ئاستىلىدى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىدا يۇقىرى، كەينىدە تۆۋەن بولدى، مالىيە سىياسىتى ئالدىدا چىڭ، كەينىدە بوش بولدى. 2021-يىلىنىڭ بېشىدا، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇقىم ئېشىش بېسىمى بىر قەدەر كىچىك، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنىڭ زۆرۈرلۈكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، يەرلىكنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى قاتتىق كونترول قىلدى، شۇنداقلا يەرلىك مالىيەنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى كۈچەيدى. 
تۈر قاتلىمىدا، ھۆكۈمەت زۆرۈر بولمىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىنى ئازايتىشقا باشلىدى؛ مەبلەغ قاتلىمىدا، مەخسۇس تۈر زايومى تارقىتىش تەلىپى ۋە مەبلەغ ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. ئومۇمىي مەخسۇس تۈر زايومى تارقىتىش ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسى تۆۋەنلىدى، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مەخسۇس تۈر قەرزى جەمئىي 1 تىرىليون 14 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، چۈشۈرۈلگەن قەرز نورمىسىنىڭ ئاران %27.8 ىنى ئىگىلىدى، تارقىتىش سۈرئىتى 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى %64.5 ۋە 2020-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى %59.5 تىن تۆۋەن بولدى. 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «خامچوت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى تارقىتىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ماددىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن كېيىن، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەرلىكنىڭ تۈر يوللاشنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە مالىيە چىقىمى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەر زور تۈرلەردە تۈركۈملەپ ئىش باشلىدى. مالىيە-باج تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسەتلىرى ۋە مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى دائىملىق يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ ۋە مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا تەخمىنەن 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن باجنى كېمەيتتى، ھەقنى تۆۋەنلەتتى. 
2021-يىلى پۇل سىياسىتىدە جانلىق، مۇۋاپىق بولۇش تەكىتلەندى. 2021-يىلىدىكى پۇل سىياسىتىنى ئەسلىسەك: 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، ئەمەلىي ئىقتىساد تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، مەركىزىي بانكا «مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق»نى تەكىتلەپ، تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشتىكى تۆۋەن مىقدارلىق مەشغۇلاتنى ساقلاپ، مەبلەغنى ساپ يىغىۋالدى، ھەرىكەتچانلىق مارگىنال چىڭىدى. 3-ئايدىن 6-ئايغىچە، 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا: «پۇل سىياسىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى نورماللاشتى، ئوبوروتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئاستىدا، ئىجتىمائىي يۇغۇرما ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ، "مۇقىم پۇل + قۇرۇلمىلىق چىڭ ئىناۋەت" ئەندىزىسى ساقلاپ قېلىندى.» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 7-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسى ئەمەلىي ئىقتىسادقا داۋاملىق تەسىر كۆرسەتتى، ئومۇمىي مىقدار سىياسىتى مۇقىم پۇل سىگنالىنى تارقاتتى، پۇل سىياسىتى ئاستا ئۆزگەردى، ئىجتىمائىي ھەمكارلىق سىجىل تۆۋەنلىدى. 10-ئايدىن كېيىن، مالىيە كۈچ چىقىرىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى قوللاش قورالىنى يولغا قويۇپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى، ئومۇمىي مىقدار سىياسىتى قويۇۋېتىلگەن بولۇشقا يۈزلىنىپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى تۆۋەنلىتىشنى بەلگە قىلدى، پۇل سىياسىتى قويۇۋېتىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويۇپ، كوپىراتىپ بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقى ئازراق ئۆرلىدى. 


ئالتىنچى، سىياسەت ياردىمى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بازار سۇبيېكتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى 
ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 746 مىليون 520 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 467 مىليون 730 مىڭ كىشى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %62.7 نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %1.1 ئاشقان. پۈتۈن يىلدا شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون 690 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 830 مىڭ كىشى كۆپەيدى. يىل ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.1، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.96 بولغان. مەملىكەت بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 292 مىليون 510 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %2.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر 171 مىليون 720 مىڭ بولۇپ، %1.3 ئاشقان؛ شۇ جايدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر 120 مىليون 790 مىڭ بولۇپ، %4.1 ئاشقان. گەرچە ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلدى. 2021-يىلى 12-ئايدا، 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان نوپۇسنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %14.3، 25 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان نوپۇسنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.4 بولغان. 2021-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9 مىليون 90 مىڭ كىشىگە يەتتى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت. 
پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى گەۋدىلىك بولدى. پۇقراۋى ئىگىلىك جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %50 باج كىرىمى، %60 ئەتراپىدىكى GDP شۇنىڭدەك %70 ئەتراپىدىكى تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە ئۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، %80 ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە %90 كارخانا سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىختىساسلىقلار قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ. لىنكنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، يۇقۇمنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خىزمەت ئورنىدا قايتمىلىق ئېلان قىلىش سالمىقى چوڭ كارخانىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. لېكىن، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا شىركەتلىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك، خىزمىتى مۇقىم بولماسلىق، پاراۋانلىق تەمىناتى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئالمىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى، سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئىشچىلار قەھەتچىلىكى، ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش ئەھۋاللىرى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بازار سۇبيېكتى سانىدىن قارىغاندا، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى بازار سۇبيېكتى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. 2021-يىلى يېڭى تىزىملاتقان بازار سۇبيېكتى 28 مىليون 870 مىڭغا، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن تىزىملاتقان كارخانا 25 مىڭغا، يىل ئاخىرىدىكى بازار سۇبيېكتى ئومۇمىي سانى 150 مىليونغا يەتتى. مالىيە، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. 2021-يىلى يېڭىدىن 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش يېڭىدىن كۆپەيتىلدى؛ بېيجىڭ ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يېڭى دۇنياسى ئېچىلدى. كەلگۈسى سىياسەتتە يەنىلا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا داۋاملىق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش يەنىلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇقىم ئېشىشتىكى كۈچەش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. 

يەتتىنچى، شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى تېز، بوشلۇق يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، شەھەرلەر توپى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى 
2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %46.72 كە يېتىپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %0.83 ئېشىپ، مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، بىرقەدەر يۇقىرى كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ %81.3 نىڭ يەنىلا 20 پىرسەنت پوئېنت بوشلۇقى بار. ئۆتكەن 40 يىلدا، جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 170 مىليوندىن تېز سۈرئەتتە 910 مىليونغا يېتىپ، 740 مىليون ساپ كۆپەيدى، شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %17.9 تىن %64.7 كە ئۆرلەپ، %46.8 ئېشىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرىكى جۇڭگونىڭ ئېغىر خىمىيە سانائىتى، كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى، ئۆي-مۈلۈك، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %55.3 دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ %65.2 ىگە يېقىنلاشتى، لېكىن يۇقىرى كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ %81.3 دىن روشەن تۆۋەن، جۇڭگونىڭ شەھەر ـ بازارلىشىشىدا يەنە تەخمىنەن 20 پىرسەنت پوئېنت بوشلۇق بار. 
كەلگۈسى 20 نەچچە يىلدا جۇڭگو 190 مىليون شەھەر-بازار نوپۇسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ، ئاساسلىقى شەھەر توپى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىگە توپلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلىشىشى ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ، گەرچە يەنىلا تېز تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى تەدرىجىي ئاستىلايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيانىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا نەزەر 2018»گە ئاساسەن، 2030-يىلى جۇڭگونىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى %70.6 كە، 2050-يىلى تەخمىنەن %80 كە يېتىدۇ. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تۇغۇت يۈزلىنىشىنىڭ كەلگۈسى جۇڭگو نوپۇسىغا بولغان مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ شەھەر-بازار نوپۇسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى 2042-يىلى ئەتراپىدا تەخمىنەن 1 مىليارد 40 مىليون ئادەملىك ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يېتىپ، 2021-يىلىدىكىدىن يەنە 130 مىليون ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %80 ى 19 چوڭ شەھەر توپىغا توپلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىسى يەنە چوڭ شەھەر چەمبىرىكىگە توپلىنىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن شەھەر-بازار نوپۇسى ئۇل ئەسلىھە، يەر-مۈلۈك، يېڭى پارچە سېتىش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى كەڭ ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى مۇھىم موتورغا ئىگە قىلىدۇ. 


سەككىزىنچى، يېشىل ئىقتىساد ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات 
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، كاربوننى چوققىغا يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. جۇڭگو 2020-يىلى 9-ئايدا 2030-يىلى «كاربوننى چوققىغا يەتكۈزۈش» ۋە 2060-يىلى «كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، مەركەز قاتلىمىدا، «قوش كاربون» سىياسىتى زىچ ھەرىكەت قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل، فوتوۋولت، شامال ئېلېكتىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 2021-يىلى 3-ئايدا كاربوننى چوققىغا يەتكۈزۈش ۋە «1+N» سىياسەت سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى يۇقىرى قاتلام لايىھە يېتەكچى پىكرىگە ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنى ئايرىش سىياسەت تەدبىرلىرىنى قوشقان؛ 5-ئايدا كاربوننى چوققىغا يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان؛ 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرى رەسمىي ئېچىلغان؛ 10-ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاربوننى چوققىغا يەتكۈزۈش ۋە نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»، يەرلىك قاتلامدا، 2021-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھاسىلىي ئېنېرگىيە، كاربون سودىسى، كاربون قويۇپ بېرىش ۋە مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلدى؛ 2022-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە يەتتە ئۆلكە كاربوننى چوققىغا يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 11 ئۆلكە 2022-يىلى كاربوننى چوققىغا يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. 
سىجىل بولغان يېشىل ئىقتىسادقا ئالاقىدار سىياسەتلەر پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ يۈەنلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتى 2020-يىلىدىكىدىن %2.7 تۆۋەنلىدى، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بىرلىك كالتسىي كاربىد ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتى %5.3 تۆۋەنلىدى، 10 مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى %3.8 تۆۋەنلىدى. 2021- يىلى تەبىئىي گاز، سۇ ئېلېكتىر، يادرو ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارى ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارىنىڭ %25.5 ىنى ئىگىلەپ، 2020-يىلىدىكىدىن %1.2 ئاشقان. 2021-يىلى، ئازوت ئوكسىدى، پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا، خىمىيەلىك ئايروبىك مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت قاتارلىق ئاساسلىق بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىشاننى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. 2022-يىلى 1-ئايدىكى ««14-بەش يىل»لىق سانائەت يېشىل تەرەققىيات يىرىك پىلانى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 11 تىرىليون يۈەنگە يېتىدۇ. 

توققۇزىنچى، ئېكسپورتنى يۇقىرى ئاشۇرۇش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش، چوڭ سودا دۆلىتى بولۇش ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش 
جۇڭگونىڭ مال سودا كۆلىمى ناھايىتى زور بولۇپ، يەنە بىر قېتىم تارىخىي رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، چوڭ سودا دۆلەتلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. 2021-يىلى جۇڭگو يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇقۇمدىن ساقلىنىش سىياسىتى ئارقىلىق يەر شارىۋى تەمىنلەشكە سىجىل يېتەكچىلىك قىلىپ، تاشقى سودا مىقدارىنى ئاشۇردى؛ ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق ئىستېمال چوڭ دۆلەتلىرى پۇل مالىيەسىنىڭ غىدىقلىشى ئاستىدا ئەسلىگە كېلىش دەۋرىگە كىرىپ، يەر شارىۋى ئېھتىياجغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ كۆپ ساندىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر يۇقۇم ئەھۋالى، ئىقتىساد پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش، مال باھاسى يۇقىرى بولۇش بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى. جۇڭگونىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى 6 تىرىليون 50 مىليارد دوللارغا يېتىپ، 2020-يىلىدىكىدىن 30% ئېشىپ، دۇنيا سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %21.2 ىنى ئىگىلىدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 3 تىرىليون 360 مىليارد دوللار بولۇپ، 2020-يىلىدىكىدىن %29.9 ئاشتى؛ ئىمپورت 2 تىرىليون 690 مىليارد دوللار بولۇپ، 2020-يىلىدىكىدىن %30.1 ئاشتى. 
سىرتقا قارىتا بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش سوممىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى سىجىل قىسقارتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولدى، 2021-يىلى پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 31-، 27-ماددىغىچە قىسقارتىلدى، قىسقارتىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.1، %10 بولۇپ، ياسىمىچىلىقنى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. 2021-يىلى چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 1 تىرىليون 149 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %14.9 ئاشتى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ سوممىسى 74 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %29.4 ئاشتى؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى 346 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %17.1 ئېشىپ، ئومۇمىي گەۋدىدىن تېز بولدى. ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، 2021-يىلى 1-ئايدا يېڭى زېلاندىيە بىلەن «جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمى»نى رەسمىي ئىمزالاندى؛ 12-ئايدا سىنگاپور بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېيىنكى سۆھبىتى پائال ئالغا سىلجىتىلدى؛ «تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىش پائال ئىلتىماس قىلىندى ھەم ئىلگىرى سۈرۈلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ غەيرىي پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى بىۋاسىتە سېلىنما سوممىسى 20 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %14.1 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە تاشقى سېلىنمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %17.9 كە يەتتى؛ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش تىجارەت سوممىسى 89 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە سىرتقا ھۆددىگە بېرىلگەن قۇرۇلۇشنىڭ %57.9 نى ئىگىلىدى. 
ئىچكى جەھەتتە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى. ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2021-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۈەن يىغىن ئېچىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى 2020-يىلى باشلانغاندىن بۇيان، %70 نىشان ئورۇندالدى؛ 2021-يىلى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 36 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.5 ئاشتى؛ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.3 ئاشتى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى ياراتتى. 

ئونىنچى، خەلق تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى 
2022-يىلى خەلق تۇرمۇشى، پەن-تېخنىكا، بايلىق، مۇھىت قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سالمىقى ئاشۇرۇلدى، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللىنىپ راۋاجلاندى. 
ئاھالىنىڭ كىرىمى بىر قەدەر تېز كۆپىيىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سالمىقى ئاشۇرۇلدى. 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8.1 ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولغان، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە بولغان؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيە ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 51 يۈەنگە يېتىپ، ئەمەلىيەتتە %10.8 ئېشىپ، بىر پۈتۈنلۈكتىن تېز بولغان. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد كىشىنى قاپلىدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنى قاپلىدى. شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 24 مىليون 540 مىڭ كىشى، 5 مىليون 540 مىڭ كىشى، 2 مىليون 930 مىڭ كىشى كۆپەيدى. 
مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، تەنتەربىيە مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. 2021-يىلى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى بىردەك ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 2021-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانىسى، مۇزېيى، مەدەنىيەت يۇرتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3217، 3671، 3317 گە يەتتى؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەمدىن يۇقىرى مەدەنىيەت ۋە ئالاقىدار كەسىپ كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16 ئاشتى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا كارىۋات، سەھىيە تېخنىكلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليون 31 مىڭ، 9 مىليون 570 مىڭ، 11 مىليون 230 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8000، 470 مىڭ، 550 مىڭ كىشى كۆپەيدى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە مەيدانى 3 مىليون 971 مىڭغا يېتىپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 258 مىڭى كۆپەيدى؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى 2.41 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. 

ئون بىرىنچى، 2022-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى قوش دەۋرىيلىك، مۇقىم ئېشىش، كەڭ پۇل، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، يۇمشاق قونۇش 
2022-يىلى ئىقتىسادىي ھەرىكەت چېكىنىشتىن ئەسلىگە كېلىشكە يۈزلىنىدىغان ھالقىلىق پەيت. بەش چوڭ ئاچقۇچلۇق سۆز: قوش دەۋرىيلىك، مۇقىم ئېشىش، كەڭ پۇل، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، يۇمشاق قونۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزى جۇڭگو-ئامېرىكا قوش دەۋرىيلىكى، جۇڭگونىڭ ماكرو سىياسىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزى مۇقىم ئېشىش ۋە كەڭ پۇل، يېڭى ئىقتىسادنىڭ يادروسى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، كونا ئىقتىسادنىڭ يادروسى ئۆي-مۈلۈك يۇمشاق قونۇش. 
جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادى ئالمىشىپ قالدى. 2021-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى ئەسلىگە كېلىش ۋە پۇل پاخاللىقى، يۇقۇم ئەھۋالىنى دائىملاشتۇرۇش قىياسى ئاساسىدا، 2022-يىلى يەر شارى ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. يەر شارى ئىقتىسادى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۆلۈنۈش يەنىلا داۋاملاشماقتا. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشتىن ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار، ياۋروپا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ياكى زىيادە قىزىپ كېتىشتىن كاساتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر باشتىن-ئاخىر يۇقۇم ئەھۋالى تۇمانلىقىدىن چىقىپ كېتەلمىدى، 2022-يىلى تېخىمۇ زور بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. 2021-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا پۇل سىياسىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى. جۇڭگونىڭ ئىقتىساد دەۋرىيلىكى ۋە پۇل سىياسىتى ئاساسەن ئامېرىكىدىن ئۈچ پەسىل ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكىدىن ئۈچ پەسىل ئالدىدا تۇرغان. 
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «سىياسەت ئاساسى» بارلىققا كەلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇقىم ئېشىش باشلاندى. 2021-يىلى 3-پەسىلدە ئىقتىساد تېز ئاستىلىدى، مەركەز «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى قايتا ئوتتۇرىغا قويدى، ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا، كەلگۈسىدە مۇقىم ئېشىش دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مالىيە، پۇل سىياسىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۆۋەنلەش داۋاملىشىدىكەن، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر قەرزىنىڭ ئالدى بىلەن ئاساسىي قۇرۇلۇش، بولۇپمۇ يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى، پۇل سىياسىتىنىڭ كەڭلىككە يۆتكىلىشى ئۆي-زېمىننىڭ سىلىق قونۇشىغا تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ دۆلەت ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى ئالدى بىلەن نەپكە ئېرىشىش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولىدىكەن. 
كەڭ پۇل، كەڭ كرېدىت كۆزنىكى ئېچىلدى. سىياسەت ئېنىق سىگنال بەردى، پۇل كىرېدىتىنى بىرىكتۈرۈشنىڭ چوڭ ئېھتىماللىقى «كەڭ پۇل، كەڭ كرېدىت» ئەندىزىسىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاستىدا، دەۋر ھالقىش، «ئۆينى تۇرالغۇ قىلىش، ھايانكەشلىك قىلماسلىق» قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كەڭ كىرېدىت كۈچەش نۇقتىسى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، ياسىمىچىلىق، كاپالەتلىك ئۆي ۋە ئۆي-زېمىن يۇمشاق قونىدۇ، سالمىقى بىر قەدەر مۆتىدىل، سىياسەت تىرەك بولىدۇ، لېكىن «باستۇرۇپ سۇغىرىش» بولمايدۇ. كەڭ كرېدىتنىڭ ئەڭ ياخشى يېشىلىشى قىسقا مەزگىلدە مۇقىم ئېشىشقا، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ياردەم بېرىشكە پايدىلىق بولۇپ، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، يېڭى ئىستېمال، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قاتارلىقلار كەڭ كرېدىتنىڭ ئالدىن تاللاش تۈرىگە ئايلىنىدۇ. 

مۇقىم ئېشىشنىڭ ئاساسلىق تۇتقىسى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش. ئۆي-مۈلۈك كونا ئاساسىي قۇرۇلۇشى ۋە ئېغىر خىمىيە سانائىتى دەۋرى تەدرىجىي ئاخىرلىشىپ، تىرىليون دەرىجىلىك كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى قوللاش قورالى قىلىنىدۇ، كەلگۈسى 20 يىلدا يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، رەقەملىك ئىقتىساد ئىلگىرىكى ئۆي-مۈلۈك، ئېغىر خىمىيە سانائىتى ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېڭى ئۈچ چوڭ تۈۋرۈككە ئايلىنىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدا جۇڭگونىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى. يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەرنىڭ رەقەملىشىش تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تۆۋەن قاتلام تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 5G بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 
يېڭى ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر، بولۇپمۇ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ سىلىق قونۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2021-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئىقتىسادنىڭ ئەڭ زور تۆۋەنلەش بېسىمى ئەنئەنىۋى ئۆي-مۈلۈك زەنجىرىدىن كەلگەن، 2021-يىلى 5-ئايدىن بۇيان ئۆي-مۈلۈك سېتىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، قىسمەن ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىدا نەق پۇل ئوبورۇتى ئۈزۈلۈپ قالدى، يەرلەر كەڭ كۆلەمدە ئوبوروت قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر مالىيەسى، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يۈك بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە ۋاقتى ئارقىلىق خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىشكە توغرا كېلىدۇ، سىياسەت مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئۆي-مۈلۈك مەجبۇرىي قونۇشتىن كېلىپ چىققان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنىڭ ئاچقۇچى شەھەرلەر توپى ئىستراتېگىيەسى، ئادەم بىلەن يەرنى باغلاش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۆي-مۈلۈك بېجىدا. 
مەنبە: رېن زېپىڭنىڭ ماكرولۇق كۆزىتىشى ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0