大数跨境

نېمىشقا ھەممە ئادەم مالىيە تەپەككۇرىغا مۇھتاج؟

نېمىشقا ھەممە ئادەم مالىيە تەپەككۇرىغا مۇھتاج؟ Nepkar
2022-06-17
2
导读:زېڭ گوفەن مۇنداق دېگەن: «چوڭ ئىشلارنى پىلانلىغۇچىلار ئەندىزىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.»

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!


نېمىشقا ھەممە ئادەم مالىيە تەپەككۇرىغا مۇھتاج؟ 

بۇ دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر پەقەت ھەرىكەتلىنەلىسىلا، ماھىيەتتە ھەممىسى يوشۇرۇنالمايدۇ، بەلكى سىرتقا ئۇچۇر تارقىتىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرقى پەقەت بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تىلنى ئىشلەتكەنلىكىدە. 

ئېلېكتروكاردىئوگرامما بولسا يۈرەك تىلى، مىكرو ئىپادە بولسا كەيپىيات تىلى، مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى بولسا يەر شارىدىكى بارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئالاقىدىكى بىر خىل ئورتاق تىلىدۇر.

مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى، ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى، شىركەتنىڭ قىممىتى ۋە كەلگۈسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە شىركەتنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى ۋە غەرىزى، ئىدىيەسى ۋە تاللىشى، ھىيلە-نەيرەڭ ۋە ئالدامچىلىقىنى يوشۇرغان بولىدۇ. 

بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مالىيە تىلى خۇددى ساماۋى كىتابقا ئوخشايدۇ، ئۇ پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدا قوللىنىلىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنى ھەم ياخشى كۆرىدۇ، ھەم ئۆچ كۆرىدۇ. مەن بۇ نۇقتىنى ئۆزگەرتىشنى خالايمەن، چۈنكى مەن مالىيە تىلىنى چۈشەندۈرىدىغان ئاچقۇچنى تاپتىم، ئۇ بولسىمۇ مالىيە تەپەككۇرى. 

تەپەككۇر ئەندىزىسى بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك ھايات يۈكسەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ يىللاردا، مەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى نۇرغۇن سەرخىللار بىلەن ئۇچراشتىم، مەن ئۇلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى بارلىقىنى بايقىدىم، ئۇ بولسىمۇ مەسىلىگە ئەزەلدىن بىرلا خىل نۇقتىدىن قارىماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئۆلچەمگە قويۇپ، ئاندىن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت. كۆرۈش نوقتىسى قانچە كۆپ خىل بولسا، مەسىلە شۇنچە ئېنىق بولىدۇ، ھەر خىل ئېھتىماللىقلار شۇنچە ئەتراپلىق ئويلىشىلىدۇ، مۇشۇنداق قارار چىقىرىلسا، توغرا تەدبىرگە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. 

شۇڭا، مالىيە تەپەككۇرىنىڭ قىممىتى خىزمەت جەريانىدا پىكىر قىلىش نۇقتىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش نۇقتىسىنى كۆپەيتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. مەيلى سىز قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز، ھەربىر تەدبىر بەلگىلىگەندە مالىيە نۇقتىسىدىن ئويلىنىپ بېقىشىڭىز كېرەك. نېمىشقا؟ 

بۇنىڭ داۋلىسى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، چۈنكى كارخانىنىڭ بارلىق تىجارەت پائالىيىتى ماھىيەتتە پۇل تېپىش، پايچىكلار ئۈچۈن قىممەت يارىتىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىز كەسپىي تەدبىر بەلگىلەشتە مالىيە نۇقتىسىدىن ئويلاشمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چىقارغان تەدبىر كارخانىنىڭ نىشانى بىلەن بىردەك بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ خۇددى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئەگەر ماھىرنىڭ نىشاننى بەلگىلىشى خاتا بولۇپ قالسا، ھەرقانچە تېز يۈگۈرسىمۇ بىكار بولغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇنداقلار، ئىشگاھتىكى يوللاردا چوقۇم ئوڭۇشلۇق ماڭمايدۇ. 

مالىيە تەپەككۇرىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مەن بىر مىسال كەلتۈرەي، بۇ مىسال ئارقىلىق مالىيە تەپەككۇرىنىڭ ھازىرلانغان-ھازىرلانمىغانلىقى كەسپىي تەدبىرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. 

مەن سىزنى بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا تەكلىپ قىلىمەن: 

سېتىش دېگەن نېمە؟ 

بۇ موبەي ۋېلىسىپىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ شياۋفېڭ ساتقۇچىلارنى تەربىيەلىگەندە ئوتتۇرىغا قويغان بىر مەسىلە. گەرچە ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ غوللۇق ساتقۇچىلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن نېمىنىڭ سېتىش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. ئاخىرىدا ۋاڭ شياۋفېڭ ئۇلار بەرگەن جاۋابنى «نەرسىلەرنى سېتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلىغان. 

بۇ ئېنىقلا مالىيە تەپەككۇرىنى ھازىرلىمىغان سېتىش ئارقىلىق بېرىلگەن جاۋاب. نېمىشقا؟ 

چۈنكى «نەرسىلەرنى سېتىۋەتكەن» تەقدىردىمۇ، ئەگەر تەننەرخنى كونترول قىلىش ياخشى بولمىسا، شىركەت بۇنىڭلىق بىلەن پۇل تاپالىشى ناتايىن. مالىيە سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، كىرىم يۇقىرى بولسا، پايدىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ناتايىن. بەزى سېتىش خادىملىرى سېتىش كۆرسەتكۈچىنى تاماملاش ياكى يېڭى خېرىدارلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، دائىم خېرىدارلارغا كۆپ سوممىلىق ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ خېرىدارغا ئېرىشىش تەننەرخىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر سىز ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىكى «1000 تۈەن ئۇرۇشى» ۋە توردا سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ مالىيە سانلىق مەلۇماتىغا قاراپ باقسىڭىز، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەر يىللىق ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى ۋە كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما پايدىسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. 

مالىيە تەپەككۇرىغا ئىگە سېتىش بولسا، يېڭى خېرىدار ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇشى ناتايىن. كونا خېرىدارنى ياخشى قوغدىغاندا، كارخانىنىڭ كېيىنكى مارگىنال تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا مالىيە تەپەككۇرىنى ھازىرلىغان سېتىشتا كونا خېرىدارنىڭ قىممىتىنى قېزىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا، مالىيە تەپەككۇرىنى ھازىرلىمىغان مال ساتقۇچى خادىملار كۆرسەتكۈچنى ئورۇنداش ئۈچۈن، «ئاچ قالغان تاماق تاللىماس» بويىچە خېرىدار تاللايدۇ، بۇنىڭ بىلەن داۋاملىق پۇل قايتۇرۇش (回款) قىيىنلىشىدۇ. 

دۇنيادىكى داڭلىق ئىناۋەت باشقۇرۇش كارخانىسى دېڭبەيشى گۇرۇھى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھېسابتىكى پۇلنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش ۋاقتى بىلەن ھېسابنى يىغىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھېسابتىكى پۇلنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، يىغىۋېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. شۇڭا، ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ قارىشىچە، سېتىش ئەمەلىيەتتە بىر يېپىق ھالقا ئىكەن. «نەرسىلەرنى سېتىپ چىقىرىش» پەقەت سېتىش ۋەزىپىسىنىڭ يېرىمىنىلا ئورۇنلىغانلىق بولىدۇ، يەنە يېرىمى، يەنى تېخىمۇ مۇھىمى بولسا «پۇلنى يىغىۋېلىش» بولىدۇ، مانا بۇ سېتىشنىڭ ماھىيىتى.

«پۇلنى يىغىۋېلىش»تىن ئىبارەت مالىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ساتقۇچى خادىملار كەسپىي تەدبىر بەلگىلىگەندە ئىككى خىل ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. بىرىنچى، ساتقۇچى خادىملار سېتىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن خېرىدارنىڭ سالاھىيەت ۋە ئىناۋەت ئەھۋالىنى ئويلىشىدۇ، مالىيە تەپەككۇرىنى ھازىرلىغان ساتقۇچى خادىملار پەقەت ئاشۇ ئەلا سۈپەتلىك خېرىدارلارنى تاللايدۇ. ھېسابتىكى پۇلنى سۈيلەشكە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلغاندىن كۆرە، خېرىدار تاللاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئامال بار مەبلەغ ئىناۋىتى ياخشى ئەلا خېرىدارلارنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن، جۇڭگودىكى ۋولمارتقا مال تەمىنلەيدىغان نۇرغۇن شىركەتلەر ۋولمارتنىڭ باھا چۈشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلىشنى خالايدۇكى، ۋولمارت بىلەن سودا قىلغاندا «پۇلنى يىغىۋېلىش» تەننەرخى تۆۋەن بولىدۇ. 

ئىككىنچىدىن، سېتىش سىياسىتىنى تۈزگەندە، مالىيە تەپەككۇرىنى ھازىرلىغان ساتقۇچى خادىملار سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېسى سېتىش مۇددىتىنى زىيادە ئۇزارتىۋەتمەيدۇ. بەزى سېتىش خادىملىرى خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، دائىم تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان ئىناۋەت دەۋرىيلىكى بىلەن تەمىنلەپ، خېرىدارلارنىڭ كېچىكتۈرۈپ پۇل تۆلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خىل ئاۋۋال مال تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ پۇل ئېلىشتەك سېتىش ئۇسۇلى ئىناۋەتلىك سېتىش ياكى «نېسى سېتىش» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋاسىتىسى. ھالبۇكى، زىيادە ئۇزاق نېسى سېتىش مەزگىلىدە تىرىلمەس ھېساب پەيدا بولۇشتىن باشقا، يەنە بىر خەۋپ-خەتەر بار، ئۇ بولسىمۇ كارخانىلارنىڭ پايدىسى بىلەن نەق پۇل ئېقىمىنى بارغانسېرى ئايرىۋېتىش. 

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ۋەيران بولغان ھەر تۆت كارخانىنىڭ ئۈچى پايدا ئالغان، پەقەت بىرسىلا زىيان تارتقان. پايدا ئالغان بۇ كارخانلار ئاساسلىقى نەق پۇل كەمچىل بولۇپ، مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبلىك، ئەڭ ئاخىرىدا ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇل قايتۇرۇش (回款) مەزگىلى قانچە ئۇزۇن بولسا، كارخانىنىڭ نۆۋەتتە قايتا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىدىغان مەبلىغى شۇنچە ئاز بولىدۇ، بۇ كارخانىنىڭ كەلگۈسىدىكى پايدىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

قاراڭ، مال ساتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر مالىيە تەپەككۇرى كۆپەيسە، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان، كارخانىنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان كەسپىي تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. شۇڭا بەزىلەر، «مالىيە ئىشلىرىنى چۈشەنمەيدىغان كەسپىي خادىملار ساختا كەسپىي خادىملاردۇر» دېيىشىدۇ. 

بەلكىم سىز مەڭگۈ مالىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز چوقۇم مەڭگۈ سودا جەمئىيىتىدىن ئايرىلالمايسىز. شۇڭا، مالىيە سىزنىڭ بىر تاللىشىڭىز ئەمەس، بەلكى سودا جەمئىيىتىنىڭ سىزگە قويغان بىر يېڭى تەلىپىدۇر. 

بۇ كىتاب سىزنىڭ مالىيە جەھەتتىكى يادرولۇق تەپەككۇرىڭىزنى، شۇنداقلا كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئاقىلانە مالىيە تاكتىكىڭىزنى تېز سۈرئەتتە چۈشىنىپ يېتىشىڭىزگە، سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى تەدبىرلىرىڭىز ئۈچۈن يېڭى نەزەر دائىرىڭىزنى ئېچىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

بۇ كىتابنى ئوقۇسىڭىز، كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان بەزى مالىيە تەپەككۇرى سىزنىڭ ئەنئەنىۋى تونۇشىڭىزنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىنى بايقايسىز. مەسىلەن: قەرز نىسبىتى يۇقىرى بولغان كارخانىلارنىڭ خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولۇشى ناتايىن؛ پايدىسى يۇقىرى بولغان كارخانىلارنىڭ پايچىكلارغا پۇل تېپىپ بېرىشى ناتايىن. 

سىز مەزكۇر كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان بەزى مالىيە تەپەككۇرىنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزغا تەتبىقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز. مەسىلەن: يۈكسەك دەرىجىدە ئېنىقسىز تەدبىرگە دۇچ كەلگەندە، «ماددىي بۇيۇم قەرەللىك ھوقۇقى»دىن ئىبارەت مالىيە تەپەككۇرى ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلىگەندە خېيىم-خەتەرنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ؛ مالىيەدىكى OPM ئىستراتېگىيەسى سىزنىڭ شەخسىي مالىيەنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. 

سىز يەنە كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان بەزى مالىيە تەپەككۇرىنىڭ دائىم باشقا پەن ساھەلىرىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى بايقايسىز. مەسىلەن، كارخانىلار تىجارەت نەتىجىلىرىنى تەھلىل قىلغاندا دائىم قوللىنىلىدىغان دۇپونت تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى، يەنى «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى»دىن ئىبارەت مالىيە تەپەككۇرىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى كومپيۇتېر ئىلمى ۋە سىياسەتشۇناسلىقلاردىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. 

بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى تۆت چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى بابتا، مەن سىزگە مالىيە ماھىرىنىڭ كارخانىنىڭ مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىنى قانداق چۈشىدىغانلىقىنى، ھەمدە مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ چەكلىمىلىكىدىن ھالقىپ، بىر شىركەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىق كۆرۈش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىمەن. ئەلۋەتتە، مەلۇمات جەدۋىلى ئارقىلىق شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش پەقەت مالىيە ماھىرى ھازىرلىغان ئىقتىدارلارنىڭ بىرى. شىركەت كەسپىي نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قىممەت يارىتىشتا، مۇۋاپىق مەبلەغ توپلاش، تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش ھەمدە قانداق قىلىپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى بىلىشى كېرەك. 

شۇڭا، مالىيە ماھىرىنىڭ يەنە ئىككى تۈرلۈك ئىقتىدارى بار، بىرى، پۇلنى قانداق تېپىش ئىقتىدارى، يەنە بىرى، پۇلنى قانداق خەجلەش ئىقتىدارى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككىنچى بابتا مەن سىزگە مالىيە ماھىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش (سىرتتىن پۇل تېپىش) ۋە باشقۇرۇش (ئىچىدىن پۇل تېپىش)تىن ئىبارەت ئىككى تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىمەن. ئۈچىنچى بابتا، مەن سىزگە مالىيە ماھىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە تەقسىملەش تەدبىرىنى قانداق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمەن. تۆتىنچى بابتا، مەن سىزگە بىر يۈرۈش ئانالىز پىكىر يولى ۋە قورالىنى ئۆگىتىپ قويىمەن، سىزنىڭ بىر پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتكە قارىتا تېز سۈرئەتتە «تومۇر تۇتۇش»ىڭىزغا ياردەم بېرىمەن. 

بۇ كىتابتا يەنە قوشۇمچە مەزمۇنلار بار: ئەگەر سىز ئىلگىرى مالىيە بىلىملىرىگە قارىتا بەلگىلىك ئاساس خاراكتېرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولسىڭىز، بۇ بۆلەكلەردىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر ئىلگىرى مالىيە ئاساسىڭىز بولمىسا، قوشۇمچە مەزمۇندا مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ يادرولۇق ھېساب تۈرىنى چۈشىنىۋالسىڭىز بولىدۇ. 

زېڭ گوفەن مۇنداق دېگەن: «چوڭ ئىشلارنى پىلانلىغۇچىلار ئەندىزىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.» بۇ كىتابنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەسىپ ۋە تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408