大数跨境

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئېلانىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىغا نەزەر!

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئېلانىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىغا نەزەر! Nepkar
2022-02-23
1
导读:چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئېلانىنىڭ ئۆزگىرىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى...

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ھەر بىر جۇڭگولۇققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چاغانلىق كېچىلىك خۇددى «چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى»غا ئوخشاش، 1983-يىلىدىن ھازىرغىچە، بىزگە 40 يىلغا يېقىن ھەمراھ بولۇپ كەلدى، «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بارومېتىرى» دەپ ئاتالغان چاغانلىق كېچىلىك ئېلانىمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولدى. 
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئاساسلىق ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر قول سائىتى، ۋېلىسىپىت، كىيىم تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق «ئۈچ چوڭ بۇيۇم»نى ئاساسىي ئېقىم قىلغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئون يىل ئىچىدە، كاڭباسى سائىتى سەككىز يىل داڭلىق ماركا سۈپىتىدە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ تەتۈر ساناق ساناپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. 
90-يىللاردىن 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، ئاممىۋى ئىستېمال تېز سۈرئەتتە جانلاندى. 1994-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېلانى خېرىدار چاقىرىشقا باشلىدى، خېرىدار چاقىرىش رىقابىتى ئىقتىسادنىڭ بارومېتىرى ۋە مودا ئۆزگىرىشنىڭ يۆنىلىش بەلگىسىگە ئايلىنىپ، بىر مەھەل داڭق چىقارغان كوڭفۇ زىياپىتى، چىنچى ھارىقى قاتارلىق نۇرغۇن ھاراق كارخانىلىرى بارلىققا كەلدى. 2000-يىلى، دورا زاۋۇتى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، خاربىن دورىگەرلىك گۇرۇھى، تەيجى گۇرۇھى قاتارلىق دورا كارخانىلىرى داغدۇغىلىق مەيدانغا چىقتى. 2002-يىلى، مېيدى بىلەن خەيئېر ۋەكىللىكىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئېلانىنى كەسكىن تالاشتى. 2003-يىلى مېيدى ئۇدا 15 يىل چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ سائەت نۆلدە ۋاقىت مەلۇم قىلىش ئېلانىنى مونوپول قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى جۇڭگولۇقلارنى مۆجىزە پەيتىگە ئىگە قىلدى، 2010-يىلى جۇڭگونىڭ GDP سى تۇنجى قېتىم ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتتى. 
2010-يىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە كۆچمە ئالاقە تورى بارلىققا كېلىپ، ئالاقە تورى كارخانىلىرى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. 2015-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، تېڭشۈن 500 مىليون يۈەن قىزىل بولاق تارقىتىپ، چاغان ئۆتكۈزۈشتىكى يېڭى ئۆرپ-ئادەت: قىزىل بولاق تالىشىش ئادىتىنى ياراتتى. 2016-يىلى، ئەلى بابا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بىردىنبىر ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلاندى، 2019-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە بەيدۇمۇ قاتناشتى. 
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، قىسقا فىلىم تەرەققىياتىمۇ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن ئالاقە تورى سۇپىسىنى ئۇلاپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلار «يېڭى يىل»غا كىردى. 2020-يىلى ۋە 2021-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى چوڭ قىسقا فىلىم سۇپىسى بەس-بەستە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى تالىشىش جېڭىگە قاتناشتى، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ جەڭ مەيدانى قىسقا فىلىم ساھەسىگە مەركەزلەشتى. 
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021-يىلى، دۆلەتنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشىنىڭ ئەمەلىلىيشىگە ئەگىشىپ، ئورتاق بېيىش يېڭى كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى، دۆلەت ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، قاراڭ بۇ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە مۇستەقىل ھەمتۈرتكە بولىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى بار بولۇپ، دەل يېڭى تىپتىكى ئەمەلىي كارخانا: جىڭدۇڭ ئىدى. 
چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلەپلا قالماي، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ 40 يىللىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىغىمۇ شاھىد بولدى. قول سائىتى، ۋېلىسىپىت، كىيىم تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق «ئۈچ چوڭ بۇيۇم»دىن ھاراقچىلىق، دورىگەرلىك ۋە ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقىغىچە، يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا، قىسقا فىلىم قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئالاقە تورى سۇپىسىغىچە، يەنە بۇ يىلقى يېڭى تىپتىكى ئەمەلىي كارخانىغىچە، رەقەملىك ئىقتىساد يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ياراتتى. شۇڭا، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئېلانىنىڭ ئۆزگىرىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كەلدى. 
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0