ئالاھىدە خوش خەۋەر:
ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!


شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. گۇ جىپېڭ فوتوسى
18-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. گۇ جىپېڭ فوتوسى
شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئۇقۇمىدىكى يېڭى پارچە سېتىش سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولۇپ، تور سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسال گەۋدە + توردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى+باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئەندىزە، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىدىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى. كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كۆلىمى 17 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتنىڭ 1000 خىلدىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان ئىمپورت مەھسۇلاتى بار، ئاساسلىقى چېگرا ھالقىغان تاۋار، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر كۆزنەك بىلەنلا يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى تىجارەت باشلاپ ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى. گۇ جىپېڭ فوتوسى

شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىلغان تاۋارلار. گۇ جىپېڭ فوتوسى
مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، كۆرگەزمە سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ۋە شىدامېن چېگرا ھالقىغان باجدىن خالىي تەسىرات مەركىزى تەسىس قىلىنغان. كۆرگەزمە سارىيى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچە تاۋارلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، غەربكە يۈزلەنگەن خەلقئارا سودا مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە يۈزلەنگەن چېگرا ھالقىغان سودا يېڭى يولىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. چېگرا ھالقىغان باجدىن خالىي تەسىرات مەركىزىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1000 خىلدىن ئارتۇق ئېسىل تاۋارلار توپلانغان بولۇپ، بۇ تاۋارلار چەت ئەلدىكى مەنبەسىدىن مەركەزلىك سېتىۋېلىش، دۆلەت ئىچىدىكى باجدىن خالىي ئىسكىلاتتىن مەركەزلىك مال تەييارلاش، تاموژنا پۈتۈن جەرياندا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى دۇنيا بويىچە ئوخشاش سۈپەت، ئوخشاش باھادا مال سېتىۋېلىش يېڭى تەسىراتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىستېمالچىلار شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىدە تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. گۇ جىپېڭ فوتوسى
كۆرگەزمە سارىيىنىڭ 2-قەۋىتىگە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان ھاراق، يېمەكلىك قاتارلىق تاۋارلار كۆرگەزمە رايونى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى تەسىس قىلىنغان. بۇ قەۋەتكە دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئىشلەنگەن ھەر خىل ھاراق-شاراب ۋە يېمەكلىكلەر توپلانغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت نامايان قىلىنغان. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆزگىچە تاۋارلىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان سودىسى ئۈچۈن ئارىلىقتىكى ماسلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئۆتەپ، «شىنجاڭ مۇھەببىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش» يېڭى يولىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

ئىستېمالچىلار ھېسابات قىلىۋاتىدۇ. گۇ جىپېڭ فوتوسى
شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىدە يەنە «ئالدى دۇكان ۋە ئارقا ئامبار بولۇش + ئۆزى تېز سۈرئەتتە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش» ئەندىزە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار نەق مەيداندىكى «ئالدى دۇكان»دا مال زاكاز قىلغاندىن كېيىن، ئارقا سۇپا سىستېمىسى شۇ ۋاقىتتىلا تاموژنىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، تاموژنىنىڭ «تەكشۈرۈش، دەلىللەش، ئۆتكۈزۈش» بىر گەۋدىلەشكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن كېيىن، «ئارقا ئامبار»دا ساقلىنىۋاتقان چېگرا ھالقىغان تاۋارلار ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى باجدىن خالىي ئىسكىلاتتا ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تاماملاپ، تېز يوللانما ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنى «ئىشىك ئالدىدىلا» سېتىۋېلىش تەسىراتىغا ئىگە قىلىدۇ.

ئافرىقا سارىيىدىكى ئۆزگىچە تاۋارلار ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. گۇ جىپېڭ فوتوسى
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىستېمالچىلار يەنە دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت تاۋارلىرىغا بېرىدىغان تۈرلۈك باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. سودا تاموژنىسى شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، تاموژنىنىڭ ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايون سىياسىتى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «تەسىرات ئەندىزىسى»نىڭ ئۇچۇر يولى، ئەشيا ئوبوروت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ئەلا مال سېتىۋېلىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۇكان ئىچىدىكى تاۋارلارنى پۈتۈن جەرياندا سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


