搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مىليون نەق پۇلغا ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟ بانكىغا قويۇش كېرەكمۇ؟
>
مىليون نەق پۇلغا ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟ بانكىغا قويۇش كېرەكمۇ؟
Nepkar
2022-02-25
2
导读:2022-يىلى، ئۆي بازىرىنىڭ شامال يۆنىلىشى داۋاملىق سوۋۇپ، قىلچە جانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
2022-يىلى، ئۆي بازىرىنىڭ شامال يۆنىلىشى داۋاملىق سوۋۇپ، قىلچە جانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى، بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى. ۋەنكې مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى يۈ لياڭ ھەتتا 2022-يىللىق يىغىننىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئۆي-مۈلۈكچىلىك قارا تۆمۈر (مۇشكۈلات) دەۋرىگە كىردى، 2022-يىلى ھايات-ماماتلىق جەڭ بولىدىغان بىر يىل بولىدۇ، يا ئۆلۈش، يا ياشاش كېرەك.»
ئەگەر بۇنداق سۆزلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈۋەتكەنلىك دەپ قارايدىغان دوستلار بولسا، كەينىگە بۇرۇلۇپ 2018-يىلى، 2019-يىلى، ۋەنكېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇدا ئىككى يىل «ياشاش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىغا قاراپ باقسا بولىدۇ.
بۈگۈنكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، قارىماققا ئۈمىدسىز گەپ-سۆزلەر، دەل ۋەنكېنىڭ ئۆي-زېمىندىكى «ئۈچ قىزىل سىزىق»نىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەرگەن، 2021-يىلى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىدا كۆرۈلگەن گۈلدۈرمامىلىق مەركەزلەشتۈرۈش ئۇرۇشىدا، ئۆزىنى ھەقىقىي ساقلاپ قالغان. ھازىر 150 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل زاپىسى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى ئىچىدە ساناقلىقلا، ئاز ئۇچرايدىغان مەۋجۇتتۇر.
بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىندا «قارا، تۆمۈر دەۋرى» نەزەرىيەسى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەن يەنىلا ئىشىنىشكە مايىل، چۈنكى بۇ، ئۆي بازىرىنىڭ يېڭى دەۋردە ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىدىيەۋى تەييارلىقى.
«ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش ھايانكەشلىك قىلماسلىق»، «تۇرالغۇنى تۇرالغۇ خاسلىقىغا قايتۇرۇپ كېلىش»تىن ئىبارەت ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش توغرىسىدىكى سۆزلەر ھەرگىزمۇ قۇرۇق شوئار توۋلىماستىن، بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بىر-بىرلەپ تاماملىنىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك مەسىلىسىدۇر. گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرنىڭ توختىشىغا ئەگىشىپ، ئۆي بازىرى ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك كۆرۈلدى، گەرچە مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئۆي ياخشىلاش ئېھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ سېلىش ھايانكەشلىك قىلمىشى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇلمىدى، تۇرالغۇنى پۇل مۇئامىلىسىزلەشتۈرۈش رىتىمى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى.
شۇڭا، مىليون يۈەن نەق پۇل تۇتالايدىغان ئائىلىلەرگە قارىتا، زادى ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى بانكىغا ئامانەت قويۇش كېرەكمۇ؟ ۋەن كې يۈ لياڭنىڭ خۇلاسە سۆزى، شۇنداقلا بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىغا بولغان تۇيۇقسىز زەربە، ئۆي بازىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى تۈرلۈك ئىپادىلەرنى يىغىنچاقلىدى.
مېنىڭچە، ئەگەر سىزنىڭ ئائىلىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۆيى بار ئائىلە بولسا، ئۆي سېتىۋېلىشىڭىز پەقەت مۈلۈك سەپلەش ئۈچۈن، ھەتتا قوشۇلما قىممەت پايدىسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولىدۇ. چۈنكى ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزى مۆلچەرنى سېتىۋېلىش بولۇپ، ھەم ھازىرقى ئەھۋال شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆي بازىرىغا بولغان مۆلچەرى ئاللىقاچان مۇزلاش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر يەڭگىللىك بىلەن قول سالساق، يىراقنى ئويلاشمىساق، ئاز دېگەندىمۇ 3~5 يىل ئىچىدە، چوڭ ئېھتىماللىق مۈلۈكنىڭ كېمىيىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ.
بىرىنچىدىن، مۆلچەر تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاستىدا، خاتا ئۆي سېتىۋېلىش خەتىرى زورىيىۋاتىدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئۆرلەش نىسبىتىدىن يۇقىرى، سىز يەنە سىناپ باقامسىز؟
ئىككىنچىدىن، باھاسى چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ، بانكا ئۆسۈمى ھامان ئوبيېكتىپ ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ، 3~5 يىللىق توغرا باھا مەزگىلىدە، ھېچ بولمىغاندا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ئۆسۈم زىيان تارتىدۇ. ئەگەر بۇ بەش يىل ئىچىدە بانكا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا 100 مىليون يۈەن ئۈچۈن يوق دېگەندىمۇ %4~%5يىللىق ئۆسۈم پايدىسى بار، بەش يىل ئىچىدە مۇۋاپىق بولغان ئىككى-ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن پايدا ئالغىلى بولىدۇ، شۇڭا مەبلەغ سېلىش قاتلىمىدىن قارىغاندا، بانكىغا ئامانەت قويۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.
ئەگەر سىز يەنىلا ئۆي ئىجارە ئالغان ھالەتتە، يەنى تېخى ئۆي سېتىۋالمىغان بولسىڭىز. ئۇنداقتا ئۆي سېتىۋېلىش سىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى قىممىتىنى ئاشۇرۇش، قىممىتى چۈشۈش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆي سېتىۋېلىش زۆرۈر ئېھتىياجدۇر. ئۆي ئالمىسا تۇرىدىغان يەر يوق، ئۆي ئالمىسا پەرزەنت تەربىيەسى مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى كەينىگە سۆرەشكە بولمايدىغان رېئال مەسىلە.
يۈ لياڭ ئۆي-مۈلۈك قارا تۆمۈر دەۋرى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، چوقۇم ئۆي سېتىۋالسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن، ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ئۇ ھالدا ۋەنكې ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانمىسىمۇ بولىدۇ، ئاساسلىقى يەنىلا مەن باشتا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، كەلگۈسىدە خاتا ئۆي سېتىۋېلىش نىسبىتى توغرا ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقىدىن چوڭ بولىدۇ.
لېكىن مەبلەغ سېلىش ھايانكەشلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، تۇنجى يۈرۈش زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان ياكى تۇنجى قېتىم ئۆينى ياخشىلايدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي خاسلىقى تېخىمۇ مۇھىم، پەقەت قارىغۇلارچە ئۆي سېتىۋالمىسىلا، تۇرالغۇ ئۆي قىممىتى ئاشمىسىمۇ، ئازراق تۆۋەنلىگەن تەقدىردىمۇ، قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، چۈنكى ئۆي ئاز دېگەندە ئوبيېكتىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلالايدۇ.
شۇڭا، قولىدا مىليون يۈەن نەق پۇل بولسا، زادى ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى بانكىغا ئامانەت قويۇش كېرەكمۇ؟ بۇنىڭدا ئادەمگە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، كونكرېت ئەھۋالنى كونكرېت تەھلىل قىلىش، ئېھتىياجى بولغانلار بۇ ماقالىدىن پايدىلانسا بولىدۇ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، يەكۈن چىقارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408